يولدىن چىققان ئايال 🧡 79-قىسىم (ئەپچىدە 120قىسىم)

文摘   2024-11-01 00:07   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم

70-قىسىم

71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم
85-قىسىم86-قىسىم87-قىسىم
88-قىسىم89-قىسىم90-قىسىم
91-قىسىم92-قىسىم93-قىسىم
94-قىسىم95-قىسىم96-قىسىم
97-قىسىم98-قىسىم99-قىسىم
100-قىسىم101-قىسىم102-قىسىم
103-قىسىم104-قىسىم105-قىسىم
106-قىسىم107-قىسىم108-قىسىم
109-قىسىم110-قىسىم111-قىسىم
112-قىسىم113-قىسىم114-قىسىم
115-قىسىم116-قىسىم117-قىسىم
118-قىسىم119-قىسىم120-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇ ئۇدۇل ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قاسىم بىلەن گۈلەمخانغا قاراپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:

-بوۋا، موما، مەن قايتىپ كەلدىم!-دەپ،  يەنە بۇرۇلۇپ قاھار بىلەن گۈلستانغا، -دادا، ئاپا، كەچۈرۈڭلار، مەن قايتىپ كەلدىم!- دېدى.

زال بىر نەچچە سېكۇنت جىمىپ كەتكەندىن كېيىن، قاسىم ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، قەھىرىماننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

-بالام، نېمىشقا بالدۇرراق قايتىپ كەلمىدىڭ؟نېمىشقا ئەمدى قايتىپ كەلدىڭ؟

-كەچۈرگىن بوۋا، ئىلگىرى سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس ئىدى، يېقىندا ياخشى بولۇپ قالدىم.

قەھىرىمان شۇنداق دېگەچ، ئاستا بېشىنى بۇراپ قەيسەرگە قارىدى.

-ئاڭلىسام ئاكام ئەتە توي قىلىدىكەن،  ھېلىمۇ ياخشى مەن ئۈلگۈرەلەپتىمەن!

ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن بىر - بىرىگە قارىشىپ، زالنىڭ كەيپىياتى سەل باشىقچە بولۇپ قالدى.ھەممىگە مەلۇمكى، يەتتە يىل ئىلگىرى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى بولغان  قەھىرىمان قەيسەرنى قىستىغان، ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بەرگەن.

كېيىن غەلىبە قىلغان قەيسەر ھوقۇقنى قولىغا ئالغان، مەغلۇپ بولغان قەھىرىمان بولسا دېڭىزغا سەكرىۋالغان.

- ئەلۋەتتە ئۈلگۈرلەيسەن!-قەيسەر ئالدى بىلەن غەلىتە كەيپىياتنى بۇزۇپ، قەھرىمانغا قاراپ قۇچىقىنى ئېچىپ، -ئۇكام، قايتىپ كەلگىنىڭىنى قارشى ئالىمىز!دەل مېنىڭ قولدىشىمغا بىر ئادەم كەم  ئىدى، سەن بولساڭ قانداق؟

قەھرىمانمۇ قولىنى سوزۇپ قەيسەرنى قۇچاقلىدى، بىلىكى سەل تىترەپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:

-ماقۇل، - دېدى.

ئىلگىرى ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلغان ئىككىيلەننىڭ يارىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، زالنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا قىزىپ كەتتى.

قاھار ئوغلىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، چىرايىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى، ئەمما تەلەپپۇزى كەسكىن ئىدى.

-قەھرىمان،  سەل تۇرۇپ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قەيەردە يۈرگىنىڭنى ئوبدان سۆزلەپ بەر!

-ماقۇل،  دادا.

قەھرىمان بېشىنى لىڭشىتتى.

گۈلستان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، قەھىرىماننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

-قانداقلا بولمىسۇن، بەك خۇشال بولدۇق بالام،  قايتىپ كەلگەن بولساڭلا بولدى، ھېچ ئىش بولمىسىلا بولدى!

ئەڭ ھاياجانلانغىنى گۈلەمخان بولۇپ، ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ:

-بالام، ئەينى چاغدا قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى بىلەمسەن!سەنغۇ يامان ئىكەنسەن، شۇنچە ئۇزاق يوقاپ كەتتىڭ!

-موما، كەچۈرگىن!

قەھىرىمان كۆپچىلىككە قاراپ، يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى.ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيتىغۇ؟ھازىرقى ھالىتى زادى چىن كۆڭلىدىن چىققانمۇ، ياقمۇ؟

ئۇ ئويلىنىۋاتقاندا، قەيسەر گۈلزىرەنى يېتىلەپ كېلىپ، قەھرىمانغا:

-ئۇكام، بۇ يەڭگەڭ گۈلزىرە.گۈلزىرە، بۇ مېنىڭ قوشكېزەك ئىنىم قەھرىمان!-دېدى.

شۇ تاپتا قەھىرىماننىڭ كۆزلىرى ئاخىرى ھېچ تەپ تارتماستىن گۈلزىرەگە چۈشتى.

ئۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ:

-ياخشىمۇسىز!

گۈلزىرەمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

-ياخشىمۇسىز!

بۇ چاغدا نىگارە يۈگۈرۈپ كېلىپ، قەھرىمانغا قاراپ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

-ئاكا!مېنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟

-كۆردۈم، -قەھىرىمان كۈلۈپ تۇرۇپ، -نىگارە، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ!

نىگارە قولىنى سوزۇپ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، -ئاكا، ئورۇقلاپ قالغاندەك تۇرىسىز!-دېدى.

ئۇ شۇنداق دەپلا بېشىنى بۇراپ قەيسەرنى قۇچاقلىماقچى بولدى.

قەيسەر دەرھال ئۆزىنى قاچۇرۇپ:

-مەن يەڭگەڭدىن باشقا ئاياللارنىڭ ماڭا چېقىلىشىنى ياقتۇرمايمەن!-دېدى.

-يەڭگە، قاراڭ، قەيسەر ئاكام ئەنە شۇنداق، كىچىكىدىنلا چىمەنگۈلدىن باشقا ئاياللار ئۇنى كۆرسىلا ئۇ ئۆزىنى قاچۇراتتى،  بەك قورقۇنچاق!ــ دېدى نىگارە كۈلۈپ تۇرۇپ.

گۈلزىرەمۇ كۈلۈپ كەتتى.

-كىچىكىدىن شۇنداقمىدى؟

-ھەئە، -نىگارە بېشىنى لىڭشىتىپ، -قوشكېزەك بولسىمۇ، قەيسەر ئاكام قەھىرىمان ئاكامغا پەقەت ئوخشىمايدۇ.

قەھرىمان بۇنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز گۈلزىرەگە قارىدى، ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدىن مۇرەككەپ ھەم غەمكىن نۇر چاقناپ تۇراتتى.

كۆپچىلىك يەنە بىر نەچچە ئېغىز ئەھۋاللاشتى، گۈلزىرە دادىسىدىن ئەنسىرەپ، قەيسەر ئىككىسى كۆپچىلىك بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.

ئايرودرومغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خالمۇراتنىڭ ئايروپىلانىمۇ قوندى.

گۈلزىرە تىت - تىت بولغان ھالدا يولدا ساقلاپ تۇردى، غەيرەتنىڭ ئەترەتنى باشلاپ ماڭغانلىقىنى، كەينىدىكى بىر نەچچە تىببى خادىمنىڭ ھەمراھ بولۇپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان خالمۇراتنى ئىتتىرىپ چىقارغانلىقىنى كۆردى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، يىراقتىن قاراپ تۇرغان گۈلزىرەنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتتى.

گەرچە ئۆز دادىسى بىلەن قىسقىغىنە ئىككى ئاي بىللە ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن قانداشلىق مۇناسىۋەتنى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.

غەيرەت ناھايىتى تېزلا قەيسەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-باش دېرىكتور، خالمۇرات ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى خېلى ياخشى، بىز دەرھال ساناتورىيەگە بارامدۇق ياكى ...

قەيسەر بېشىنى لىڭشىتىپ:

-ئۇدۇل ساناتورىيەگە بارايلى، ئاۋۋال تۇراقلاشقاندىن كېيىن بىر گەپ بولسۇن!- دېدى.

گۈلزىرە خالمۇراتنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-دادا!

خالمۇرات شۇنچە چوڭ بولۇپ كەتكەن قىزىغا قاراپ، كۆزلىرى نەملەشتى.

-گۈلزىرە.

گەرچە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بولسىمۇ، بىراق خالمۇراتنىڭ سالامەتلىكى  تېخىمۇ مۇھىم.شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىرلىكتە ماشىنىغا چىقتى، گۈلزىرە دادىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:

-دادا، ھازىر قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسىز؟

-بالام، مەندىن ئەنسىرىمەڭ، مەن ناھايىتى ياخشى، پەقەت ئازراق ھېرىپ قالدىم، -خالمۇرات قولىنى سوزۇپ، گۈلزىرەنىڭ قولىنى تۇتۇپ، -ئاپىڭىز بىلەن سىزدىن ئايرىلغاندا، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ئىدىڭىز، ھازىر توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى.كەچۈرۈڭ، بىز سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدۇق، غەيرەت ئەپەندىدىن ئاڭلىسام، سىز ئەينى چاغدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپسىز...

-ھېچقىسى يوق، دادا، ھازىر ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كەتتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

گۈلزىرە قەيسەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ، خالمۇراتقا قاراپ:

-دادا، قەيسەر ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ،  ئەتە ئۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز، توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز توي خېتى ئالغىلى بارىمىز!-دېدى.

-ئەپسۇس، مەن توي مۇراسىمىغا بارالمايدىغان بولدۇم، - دېدى خالمۇرات.

-دادا، بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ، بىز ئەتە ئەتىگەندە ئەھۋالىڭىزغا قاراپ باقايلى، پەقەت ئەھۋالىڭىز يار بەرسىلا، نەق مەيدانغا بېرىپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئەينەك ئۆيىگە كىرسىڭىزلا بولىدۇ، گەرچە چىققىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەينەكتىن قارىغاندىمۇ ئوخشاش، مەن سىزگە بىر تىڭشىغۇچ بېرىمەن، مۇراسىمدىكى ئاۋازنىمۇ ئاڭلىيالايسىز، -دېدى قەيسەر.

-قەيسەر، رەھمەت سىزگە، بەك ئەتراپلىق ئويلاپسىز!

خالمۇرات قەيسەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، -گۈلزىرەنى سىزگە تاپشۇردۇم!- دېدى.

-دادا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم گۈلزىرەنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن!-دېدى قەيسەر ئەستايىدىللىق بىلەن.

-ھە راست، ئەلدارنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم، قىزىم ئۇ سىزگە ئوخشامدۇ ياكى قەيسەرگىمۇ؟-دېدى خالمۇرات.

-قاش ـ كۆزى ماڭا ئوخشايدۇ، ئەمما ئاغزى ۋە يۈز شەكلى قەيسەرگە ئوخشايدۇ، -ئۇ شۇنداق دېگەچ يان تېلېفونىدىكى رەسىمنى ئېلىپ خالمۇراتقا كۆرسەتتى.

گۈلزىرە ئەلدارنىڭ مەكتەپتە دېققەت قىلماي بىرەر گەپ قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا بوۋىسى، مومىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىشنى ئېيتمىدى.

خالمۇرات بۇ توققۇز يىللىق نەزەربەند ئاستىدا بەدىنى كۆپ ئاجىزلاپ كەتكەچكە، يارىسى ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ، يەنىلا ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتى.

خالمۇرات  قەيسەر گۇرۇھىنىڭ ساناتورىيەسىگە كېلىپ،  بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇخلاپ قالدى.

قەيسەر كارىۋات يېنىدا ئولتۇرۇپ، گۈلزىرەگە:

-گۈلزىرە، سىز بۇ يەردە دادامغا ھەمراھ بولۇڭ، ئەتە توي مۇراسىمىدا يەنە بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر قانچە ئىش بار ئىدى، مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلەي، -دېدى.

گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:

-بولىدۇ، مەندىن ئەنسىرىمەڭ، بۈگۈن كەچتە رەنا قونۇشۇپ بېرىدىغان بولدى، -دېدى.

-ھە، ئۆزىڭىز دېققەت قىلىڭ،  ماڭا ھەر ۋاقىت تېلېفون قىلىڭ ، -قەيسەر شۇنداق دېگەچ، گۈلزىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ لېۋىگە سۆيۈپ قويۇپ، -ئەتە كۆرۈشەيلى خوتۇن!

بىراق، قەيسەر توي مۇراسىمىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى ئەمەس، بەلكى چوڭ ئۆيگە  چوڭ بىر ئىشنى ئېنىقلىغىلى قايتىپ كەلدى.

شۇ تاپتا، كۆپچىلىك قەھرىمان بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، گەرچە قەھرىمان بۇرۇنقىغا ئوخشاش گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، لېكىن بۇ يەتتە يىلدا ئۇنىڭ خېلى ئوچۇق - يورۇق بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

قەيسەر زالغا كىرىپ، قوشكېزەك قېرىندىشىغا قاراپ:

-قەھرىمان، ماڭا بىر چۈشەندۈرۈش بېرىشىڭ كېرەكقۇ دەيمەن؟

بۇ گەپ بىلەن ئۆينىڭ كەيپىياتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتى.

ھەتتا بوۋىسى بىلەن مومىسى ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەننىڭ يەنە كېلىشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ نەسىھەت قىلدى.

قەھرىمان بولسا قەيسەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

-ئاكا، بەزى ئىشلارنى مەنمۇ ساڭا چۈشەندۈرۈپ قويماقچى، -دېدى.

ئۇ شۇنداق دېگەچ ئالدى بىلەن ئۈستىگە قاراپ ماڭدى، ئىككىيلەن ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆيگە كىردى.

قەيسەر ئىشىكنى تاقاپ:

-ئەمدى دېگىنە.

يەتتە يىل ئىلگىرى، ئۇ قەھرىماننى دېڭىز يېنىغا قىستاپ بارغان، لېكىن بۇ ئىنىسى دېڭىزغا سەكرەشكە رازىكى، بىر ئېغىزمۇ چۈشەندۈرۈشكە ئۇنىمىغان!

شۇنچە يىللاردىن بۇيان، قەيسەر ئەزەلدىن قەھىرىمانغا يۈز كېلەلمەيدىغان بىرەر ئىش قىلىپ باقمىغان،  نېمىشقا يەتتە يىل ئىلگىرى ئۇ تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا قول سالىدۇ؟

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章