كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ئۆيدە گۈلزىرە شۆگۈرۈچ ئۇسۇپ قەيسەرگە بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن يېگۈزۋاتاتتى.
ئۇ گەرچە گۈلزىرەنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن شۇ تاپتا مېھىر-مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.
بىر خىل سوغۇق ئۇنىڭ بەدىنىگە ئاستا - ئاستا يامراپ كېتىۋاتاتتى، خۇددى ئۆي ئىچى بىلەن كارىدوردا ئىككى خىل پەسىل باردەك، ئۆي ئىچى باھاردەك ئىللىق، كارىدور قار - مۇز بىلەن قاپلانغاندەك ئىدى.
كامال ئۆزىنىڭ گۈلزىرەنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىنى ئېسىگە ئالدى.
ئۇمۇ بىر قىش ئىدى، بىراق، نېمىشقا ئۇ چاغدا ئىللىقلىق ھېس قىلالىغان؟
كارىدورنىڭ يەنە بىر بېشىدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى، كامال بىر نەرسىنى ئېسىگە ئېلىپ، دەرھال ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، كەينىگە بۇرۇلمىدى.
غەيرەت كېسەلخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، غايىب بولغان كىشىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ، بىر نېمىلەرنى ئويلىدى.
ئۇ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆيگە كىرەي دەپ تۇرۇشىغا، ئۆيدىكى مەنزىرىنى كۆردى.
بۇنداق ئەھۋالدا، خوجايىنىنىڭ ئۇنى كۆرگۈسى يوقلۇقى ئېنىق، شۇڭا گۈلزىرە تاماق يىگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، غەيرەت ئاندىن كىرىپ كەتتى.
ئۇ ئاۋۋال قەيسەردىن ئەھۋال سورىدى، ئاندىن بۇ ئىشنىڭ كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
ئاخىرىدا ئۇ مۇنداقلا قىلىپ:
-ھە راست، خانىم، بايا بىرسى كىردىمۇ؟- دېدى.
گۈلزىرەبېشىنى چايقاپ:
-قەيسەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، شۇڭا ھېچكىم يوقلاپ كەلمىدى، -دېدى.
-ھە، بەلكىم مۇشۇ يەردىن ئۆتكەن ئوخشايدۇ، كەينىدىن قارىسام تونۇشتەكلا كۆرنىدى، -دېدى غەيرەت.
-كىم؟-گۈلزىرە سورىدى.
-ھېچقىسى يوق، ئۇ ئادەم ھازىر يوق، پەقەت ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
گۈلزىرە بىلەن قەيسەرمۇ كۆپ ئويلانمىدى، قەيسەر يەنە بەزى ئىشلارنى تاپىلىدى، دورىنىڭ تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى بولغاچقا، ئۇيقۇسى كېلىپ ئۇخلاپ قالدى.
ئەتىسى گۈلزىرە قەيسەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ خېلى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، غەيرەتكە ئادەم ئەۋەتىپ ئەلدارنى ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى.
شاكىچىك كىرىپلا، قەيسەرنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال كارىۋات يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ:
- دادا، دادا!-دەپ چاقىرىدى.
قەيسەر قولىنى سوزۇپ ئوغلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
-ھېچنىمە بولمىدىم، پەقەت كىچىككىنە يارا، ئەنسىرىمە!
-يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟-شاكىچىك ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، قەيسەرنىڭ يوتقىنىنى ئاستا ئېچىپ، قورسىقىغا داكا ئورالغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئېڭىشىپ تۇرۇپ، -دادا، مەن پۈۋلەپ قوياي!-دەپ قەيسەرنىڭ يارىسىغا بىر نەچچە قېتىم يېنىك پۈۋلىگەندىن كېيىن، ئاندىن يوغان كۆزلىرىنى كۆتۈرۈپ، -دادا، يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟-دەپ سورىدى.
قەيسەر ئوغلىنىڭ كۆينىشلىرىنى كۆرۈپ، يۈرىكى بىردىنلا يۇمشاپ:
-ئاغرىمىدى، ئوغلۇمغا رەھمەت!-دېدى.
-ئىلگىرى ئاپام يارىلانسا، مەنمۇ ئۇنى مۇشۇنداق پۈۋلەپ قوياتتىم! ئاپام مېنىڭ خاسىيەتلىك كۈچۈم بار دەيدۇ، شۇڭا ناھايىتى تېزلا ئاغرىمايدۇ!-دېدى شاكىچىك.
قەيسەر بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكى جىغىلداپ:
-گۈلزىرە، سىز قاچان يارىلانغان؟
گۈلزىرەكۈلۈپ تۇرۇپ:
-ھېچ ئىش يوق، ئاندا-ساندا كۆكتات توغراپ قولۇمنى كېسىۋالاتتىم، ئىككى كۈندىلا ياخشى بولۇپ كەتكەن.
گۈلزىرە شۇنداق دېگەچ بىر ئالمىنى ئېلىپ، ئاتا - بالا ئىككىيلەنگە ئالما ئاقلاشقا باشلىدى.
ئۇ ئالمىنى كېسىپ، ئالدى بىلەن چوڭىغا، ئاندىن كىچىكىگە يېگۈزۈپ:
-چىمەنگۈللەر تېخى بىلمەيدۇ، تۈنۈگۈن كەچتە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام، ئالدىراش ئىكەنتۇق، شۇڭا بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشمىدىم، -دېدى.
-ھېچقىسى يوق، بەربىر چوڭ ئىش ئەمەس، ئۇلارنى ئاۋارە قىلمايلى، -قەيسەر بىر نەرسىنى ئويلاپ، دەرھال، -ھە راست گۈلزىرە، سىزنىڭ كۈندۈزدىكى سۈرەتكە ئىلىشىڭىز؟
- ئاغرىپ قالدىم دەپ رۇخسەت سورىدىم، سىز ساقايغاندا ئاندىن بارىمەن!
MVئىچىدە بىر قانچە سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئالدىغان يەرلەر بار ئىدى، ئۇ باشقا مودېل تېپىڭلار دېدى، گەرچە ئۇ چىقىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولسىمۇ، لېكىن كىم ئۇنى ئايال خوجايىن بولسۇن دەپتۇ، شۇڭا مەسئۇل كىشى تەرەپمۇ ئامال قىلالماي، گۈلزىرە بىلەن بويى -تۇرۇقى ئوخشاش مودېلنى تەكلىپ قىلىپ، پەقەت ئارقا سىماسىنىلا تارتتى، يۈزىنى تارتمىدى.
-بىز ھەممىمىز دوختۇرخانىدا دادامغا ھەمراھ بولايلى، دادا، نېمە لازىم بولسا دەۋەر، مەن يۈگۈر ـ يىتىم ئىش قىلاي!-دېدى ئەلدار.
بىر ئائىلە كىشلىرى خۇشال-خۇراملىققا چۆمدى، ھەر كۈنى بىردەم كېلىپ كېتىدىغان كامال ئەلدارنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆڭلىدە تۇيۇقسىز بىر قارارغا كەلدى.
كەچقۇرۇن ئوغلى ئىككىنچى كۈنى مەكتەپكە بارىدىغان بولغاچقا، گۈلزىرە ياردەمچىسىگە ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتىپ، داۋاملىق قەيسەرگە ھەمراھ بولدى.
قەيسەر كۈندۈزى ئۇخلىۋالغاچقا، كەچتە ئۇخلىيالماي قالدى.
گۈلزىرە كارىۋات يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلاشتى.
بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر تەرەپكە قويۇپ قويغان يان تېلېفون سايرىدى، مىكرو بىلوگنىڭ ئاۋازى بولسا كېرەك.
گۈلزىرە چۆچۈپ كېتىپ، يان تېلېفونىنى ئالدى.
ئەسلىدە پەقەت مىكرو بىلوگدىكى بىر ئەسكەرتىش ئىدى، گۈلزىرە يان تېلېفونىنى يىغىشتۇرۇپ، كۆڭلى ئۇزاققىچە ئارامىغا چۈشمىدى.
قەيسەر ئۇنىڭ سەل بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
-قوزام، نېمە بولدى؟
-قەيسەر، ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟-دېدى ئۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ.
ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:
-ئېرىڭىز قەغەز ئادەم بولمىسا، ئۇ يارا ئېغىزىمۇ ئانچە چوڭقۇر ئەمەس، بۇنداق ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!
گۈلزىرەبىر ھازاغىچە ئىككىلىنىپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ:
-قەيسەر، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار، -دېدى.
قەيسەر گۈلزەرەنىڭ ئەندىشىگە تولغان چىرايىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ئەستايىدىللىق بىلەن:
-دەڭە، -دېدى.
گۈلزىرە يەنىلا ئازراق قورقۇۋاتاتتى، بىراق، ئۇ قەيسەرگە، ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، گۈلزىرە يانفونىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ، ھېلىقى دىئالوگنى ئاچتى.
-قەيسەر، ھاياجانلانماڭ ھە، ئۆزىڭىزىنى بېسۋېلىڭ.
قەيسەر يان تېلېفونىنى ئېلىپ، پاراڭلىشش خاتىرىسىنى كۆرۈپ، قوشۇمىسىنى تۈردى.
-گۈلزىرە، ئۇلارنىڭ راستتىنلا سىزنىڭ ئاتا ـ ئانىڭىز ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟-دېدى قەيسەر تەمكىن ھالدا.
گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:
-شۇنداق، مەن ھەرگىز خاتا تونۇمايمەن.
قەيسەر خەتنىڭ ۋاقتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ، تۇيۇقسىز شۇ كۈنكى گۈلزىرەنىڭ غەلتىلىكىنى ئېسىگە ئالدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ:
-گۈلزىرە، سىز نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىلىپ بولغان، ھەم قارار چىقىرىپ بولغان شۇنداقمۇ؟
گۈلزىرە پەسكە قاراپ:
-ھەئە، -دېدى.
قەيسەرنىڭ جىمىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن گۈلزىرەنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
-قەيسەر، كەچۈرۈڭ، مەن ...
-دۆت، مانا ھازىر دېدىڭىزغۇ؟-قەيسەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ، -نېمىشقا مەندىن كەچۈرۈم سورايسىز؟
-مەن دەسلەپتە ...گۈلزىرە كالپۇكىنى چىشلەپ تۇرۇپ، بىر ھازادىن كېيىن، -لېكىن، سىزگە ئازار بېرىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، سىزدىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىدى، -دېدى.
قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن:
-گۈلزىرە، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ قاراشتىكىدەك ئۇنداق قەيسەر ئەمەس، مەنمۇ يارىلىنىمەن.
گۈلزىرەنىڭ يۈرىكى تىترەپ، گەپ قىلالماي قالدى.
قەيسەر ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، يارىلانغان قورسىقىغا ئاستا قويۇپ:
-بۇ يەردىكى يارا ھېچ گەپ ئەمەس، ئاسانلا ساقىيىدۇ، لېكىن، -قەيسەر شۇنداق دېگەچ گۈلزىرەنىڭ قولىنى يۈرىكىگە قويۇپ ، -ئەگەر بۇ يەرنى سىز يارىلاندۇرسىڭىز، قانچىلىك ۋاقىتتا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.بەلكىم، بۇ ئۆمرۈمدە ياخشى بولالماسلىقىم مۇمكىن ...
-قەيسەر، راستىنلا كەچۈرۈڭ.
بىراق قەيسەر گەپنىڭ تېمىسىنى بۇراپ:
-ھېلىمۇ ياخشى، گۈلزىرە، ماڭا زىيانكەشلىك قىلمىدىڭىز.
گۈلزىرە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ:
-مەن ئەزەلدىن سىزگە زىيانكەشلىك قىلىشىنى ئويلىشىپ باقمىدىم، سىزگىمۇ ئىشەنمىگەنلىكىم ئەمەس، -دېدى.
ئۇ بۈگۈن ئۇنىڭغا ئېيتمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ تويىغا كەلگەندە، ئۆزىنى بىرەر نېمە قىلىۋېلىشقا رازىكى، خەلىقى ئالەمنىڭ ئالدىدا تويىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ.
گۈلزىرە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
-مەن پەقەت ئۆزۈم يالغۇز بارلىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا كۆنۈپ قاپتىمەن، ئەگەر سىز خەتەرگە قارىماي مېنى قۇتقۇزمىغان بولسىڭىز، مەن يېنىمدا ئەسلىدە يۆلەنچۈك بولىدىغان ئادەم بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولاتتىم.
قەيسەر ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:
-گۈلزىرە، بۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئىشلارنى بىرىنچى بولۇپ ماڭا ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.مەن چوقۇم سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولىمەن!
گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ، يەنىلا دەككە ـ دۈككىگە چۈشۈپ قالدى، بىراق، يەنىلا ئەندىشە قىلىپ
- بىراق، سىزنى چېتىۋالارمەنمۇ؟مېنى يارىماس، بىر ئاۋارىچىلىق دەپ ئويلاپ قالارسىزمۇ؟
ئىلگىرى بىر قېتىم ئەلدار ئىككىسىنىڭ تۇرىدىغان يېرى يوق، كوچىدا يېتشىقا مەجبۇر بولدى، كېچىدە قار يېغىپ كېتىپ، ئۇ ئەلدارنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاخىرى ئامالسىز گۈلقىزغا تېلفۇن قىلدى.
گۈلزىرە باشقىلارنى ئاۋارە قىلىپ قويۇشتىن بەك ئەنسىرەيتتى.
-گۈلزىرە، مەن سىزنىڭ ئېرىڭىز.
قەيسەر تۇيۇقسىز ئايالىنىڭ ناھايىتى قەيسەر ھەم بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن:
-بۇنىڭدىن كېيىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەن سىزنىڭ ماڭا تاينىشىڭىزىنى، مېنى ئاۋارە قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، سىز ھەممە ئىشتا ماڭا تايانسىڭىز، مەن ئەكسىچە تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىمەن، تېخىمۇ خۇشال بولىمەن!سىز ھەممە ئىشنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالسىڭىز، مەن ئۆزۈمنى يارىماس ھېس قىلىمەن!
گۈلزىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يۈرىكى بىردىلا ئىللىپ كەتتى.
-ماقۇل، قەيسەر، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم سىزگە تايىنىشنى ئۆگىنىمەن، ھەممىنى سىزگە ئېيتىپ بېرىمەن!-دېدى.
-ئەمدى گەپ ئاڭلايدىغان ياخشى خوتۇن بولدىڭىز، قوزام، ئەنسىرىمەڭ، مەن ھازىرلا ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ باقاي، ماڭا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ.ئەمەلىيەتتە ئاتا ـ ئانىڭىزنىڭ ئىشىنى مەن بىزنىڭ كىچىكىمىزدە تويمىز بىكتلىپ بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈشكە باشلىغان، بىراق ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، شۇڭا سىزگە ئېيتمىدىم.
گۈلزىرە بۇنى ئاڭلاپ، ھەيران قالدى.
-گۈلزىرە، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىمەن! -قەيسەر كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان ھالدا گۈلزىرەگە قاراپ، -ماڭا ئىشىنىڭ!-دېدى.
ئۇ شۇ تاپتا مىدىرلىماي ياتقان بولسىمۇ، لېكىن گۈلزىرە يەنىلا ئۇنىڭ ئەتراپلىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:
-بولىدۇ، قەيسەر، مەن سىزگە ئىشىنىمەن-، دېدى.
-قوزام، قورقماڭ، تويىمىزغا يەنە ئون نەچچە كۈن بار، بۇ كۈنلەردە چوقۇم مۇۋاپىق بىر ئامال تاپالايمەن.
-ماقۇل.
-قوزام، مەندىن ۋاز كەچمىگىنىڭىزگە رەھمەت، - قەيسەر گۈلزىرەگە تىكىلىپ قارىدى.
گۈلزىرەنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەيسەرنىڭ لېۋىگە سۆيدى.
قەيسەر تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ئېسىگە كېلىپ، دەرھال ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىنى تۇتۇپ، بۇ سۆيۈشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
-قەيسەر، يارىلاندىڭىز، ھەرىكەت قىلسىڭىز بولمايدۇ، -گۈلزىرە دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
ئىككىيلەن يەنە بىردەم پاراڭلاشتى، گۈلزىرە قەيسەرنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئارام ئېلىشقا بۇيرىدى.
ئۇ چىراغنى ئۆچۈرۈپ، كارىۋاتقا چىقتى، لېكىن كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ قارارى ئۈچۈن خۇشال بولدى.
ئۇ قەيسەرگە ئىشىنىدۇ، شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان، ئۇ ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ باقمىدى، ئاتا - ئانىسىنىڭ بۇ ئىشىنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
گۈلزىرە سەل ئارامىغا چۈشكەن بۈگۈنكى كۈن چىمەنگۈل ئۈچۈن ئازاب بولدى.
شۇ كۈنى يەھيانىڭ شىركىتىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل سەپلىمە ماتېرىيال ئىزدەپ كەلدى، لېكىن نۇرغۇن يەرلەر بىلەن ئالاقىلاشقان تەقدىردىمۇ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى.
يەھيا ئېيتقاندەك، ئۇ ماتېرىيال ئۇلارنىڭ پاتېنتى، ئۇنى ئىزدىمەي ئامال يوق.
گەرچە ئۇنچىلىك زاكاز پۇل ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ گەپ بولمىسىمۇ، بىراق، ئىزنا شېركىتى ئۇنىڭ يۈرەك قېنى، ئۇنىڭ يېڭى تۇرمۇشىغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى.
دەسلەپتە ھەممە ئىش شۇنداق ياخشى بولۇۋاتقان، ھازىر كىيىم - كېچەك ماتېرىياللىرى بولمىسا زاكاز قىلغان بارلىق خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ!
بۇنداق ئىشلار بەلكىم ئۇنىڭ ھاياتىدىكى داغ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، كېيىن يەنە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىشى تەس.
شۇڭا، ئىككى كۈنلۈك پىسخىكىلىق كۈرەشتىن كېيىن، ئەمدى رەختنى ئالمىسا تىكىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ئامال قىلالماي، چىمەنگۈل ئاخىرى يەھياغا تېلېفون بەردى.
ئۇ ئۇنىڭ تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغاندەك قىلاتتى، شۇڭا ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلدى، ئاۋازى ئازىراق مەسخىرە ئارىلاش ئىدى.
-نېمە، كاللىڭىزدىن ئۆتتىمۇ؟
چىمەنگۈل يان تېلېفونىنى چىڭ سقىمىداپ تۇرۇپ:
-سىز ئۆيدىمۇ؟-دېدى.
-ھەئە، چىمەنگۈل خانقىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمەن!-دېدى يەھيا مىيقىدا كۈلۈپ.
جەنۇبىي تاغ قورۇسى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا بولغاچقا، چىمەنگۈل ماشىنا ھەيدەپ ئۇ يەرگە بارغۇچە بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇ داچا رايونى بولۇپ، چىمەنگۈل 101-نومۇرلۇق ئىشىك ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا توختاپ، سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ماشىندىن چۈشتى.
ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باسماقچى بولغاندا، چىمەنگۈل دەرۋازىنىڭ بوش يېپىقلىق تۇرغانلىقىنى، مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىپ قويۇلغانلىقىنى ئېنىق ئىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇