كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
-بالا بېقىۋېلىشنى ئويلاۋاتىمەن، لېكىن بۇ شارائىتىمدا ئۇنى ياخشى باقالماي قېلىشتىن قورقىمەن..
- بوپتۇ. بىركۈنى چوقۇم ئەڭ ياخشى چارە چىقىدۇ..
- تويغا مەن بىلەن بىرگە بارامسىز؟- دېدى ئۇ ماڭا ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن قاراپ.
- ياق، مەن نېمىشقا بارغۇدەكمەن، ئۇلار مېنى تويغا چاقىرمىدى..
- مېنىمۇ چاقىرمىدى، چاقىرمىسىمۇ بارىمىز.. ئىككىمىز بىرگە بېرىپ قاتنىشىمىز..
- ياق. مەن بارمايمەن.. ئۇلارنىڭ تويىنى كۆرگۈم يوق، يەنە كېلىپ بالامنىڭ ئالدىدا قايتا پەيدا بولمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم..
- دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بېرىشىڭىز كېرەك ئىدى..
- بولدى. شىركەتكە كەلدىم.. بۈگۈن مېنى مېھمان قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.. - دېدىم ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئالدىراپ ئېچىپ.
- شىركەت مۇشۇ بىنادىمۇ؟! بولىدىكەن، بۇ يەر مېنىڭ ئۆيۈمگىمۇ يېقىنكەن. بۇندىن كېيىن بىر ئىشلار بولسا يېنىڭلارغا كەلسەم بولىدىكەن..
- شۇ.. شۇنداق.. قاچان كەلسىڭىز بولىدۇ، سىزنى قارشى ئالىمىز..
ئۆرۈلۈپ مالچى ھەدەمنىڭ ياردەمچىسىنى كۆردۈم.
- ۋوي، سىز،- ئۇ ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئاشخانا خوجايىنىغا قارىدى،- ۋوي ئاكا.. سىزمۇ بارمىدىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
- ياخشى ئۇكام.. مەن كەتتىم، كېيىن كۆرىشەيلى ئەمىسە..
ئۇ كېتىپ قالغاندىن كېيىن ياردەمچى ماڭا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى.
- خاتا چۈشىنىپ قالماڭ. ئۇ شىركىتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن..
- ھېچقىسى يوق. بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.. ماڭا چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ..
ئۇ تازا خوشال ئەمەستەك قىلاتتى. شىركەت قەۋىتىگە چىققۇچە گەپ قىلىشمىدۇق. ئۇ ماڭا قارايدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.
- خاتا چۈشىنىپ قالماڭ. ئەسلى ھەدەم بىلەن ئىككىمىزنى تەڭ چاقىرماقچى ئىدى.. لېكىن..
- چۈشەندۈرمەڭ ماڭا بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، مەن پەقەت ياردەمچى خالاس ھېچقانداق ئىشتىن قارار چىقىرالمايمەن.. ئۇ سىزنى چۈشلۈك تاماققا مەندىن بۇرۇن چاقىرغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىڭىز خاتا ئەمەسقۇ، نېمىگە بۇنچىۋالا جىددىيلىشىسىز..
- شۇ!سىز بىلەن تاماققا چىقالمىغىنىم ئۈچۈن خىجىل بولۇپ..
- ئىككىمىز خىزمەتداشقۇ، بىللە تاماق يەيدىغان پۇرسەت كۆپ تېخى..
- بۈگۈن كېچىكىپ قالدىم سەت بولدى،- دىدى مالچى ھەدەم ئالدىراپ ئىشخانىغا كىرىپ.
- ھېلىمۇ ئۇزۇن بولدى ئارام ئالماي ئىشلىدىڭىز ھەدە، يېرىم كۈن ئارام ئالغانغا نېمە بولاتتى..
- نېمىگە ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىمنى سورىمايسىلەرغۇ..
- نېمە ئىش بولدى؟ خوش خەۋەر بار ئوخشىمامدۇ؟
- ئەلۋەتتە بار، مەھسۇلاتىمىزغا يېڭى زاكاز چۈشتى.. يەنە كېلىپ ھەقلىق دەڭلار.. ئىشىمىز ياخشى بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ..
- ۋوي ۋوي بەك ياخشى بولدىغۇ،بۇنىڭدىن كېيىن سىرتنىڭ ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ مېلىنى توشۇيدىغاندەك قىلامدۇق نېمە..
¬- بۇ مەھسۇلات ياخشى مېڭىپ قالسا؟ ئاشخانىلارغا ماس كېلىدىغان يەنە باشقا مەھسۇلات چىقىرايمۇ دەپ ئويلىشىۋاتىمەن..
- بەك ياخشى بولدى، شۇنداق بولسا بىزنىڭ تۈرىمىزمۇ جىق بولاتتى..
- شۇ شۇ، ئۇ چاغدا شىركەتنى ساڭىلا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولاتتىم.. مالنىڭ ئىشىغا سەن مەسئۇل بولساڭ،مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشىغا بىز مەسئۇل بولاتتۇق..
- بەك ياخشى بولۇپتۇ ھەدە، ئىشلىرىمىز ياخشى بولۇپ كەتكەي..
- يېڭى خېرىدارنى كىمنىڭ تونۇشتۇرغىنىنى سورىمايسىزغۇ..
- كىم تونۇشتۇردى؟
- تۈنۈگۈنكى ئاشخانا خوجايىنى، سىزنى قۇتقۇزغان كىشى..
- شۇ.. شۇنداقمۇ؟ بەك ياخشى بوپتۇ..
- ئۇ راستىنلا بەك كەڭ قورساق ياخشى ئادەمكەن.. ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلاشقىنىم بەك توغرا تاللاش بوپتۇ..
- شۇ شۇنداق. مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم.. ئۇنىڭ ماڭا ئۇچراپ قالغىنى راستتىنلا مېنىڭ تەلىيىمكەن..
- ئەتىگەن بېرىپ ئۇ تونۇشتۇرغان ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بىلەن پاراڭلاشتىم. شۇنداق ياخشى ئادەمكەن.. ئۇنىڭمۇ ئۈچ ئاشخانىسى باركەن داۋاملىق بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بولدى.. بىراقلا ئۈچ تۇڭ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئالدى..
- ۋاھ بەك ياخشى بوپتۇ ھەدە، بۇ بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ..
- ياخشى بولدى، ئەمدى تېخىمۇ ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولدى دە ..
- شۇنداق، ھازىر بېرىپ ئون تۇڭغا يەتكۈدەك ماتېرىيال ئالايلى، سىز چۈشتىن كېيىن ئۆيگە بېرىپ ئاۋۇ ھەدىمىز بىلەن سۇيۇقلۇقنى تەييارلاڭ.. سەن بۈگۈن چۈشكەن زاكاسلارنى توشۇۋەتكىن ئۇكام جاپا تارتتىڭ ..
- ھېچقىسى يوق ھەدە، ئەتىگەن توشاي دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن سىزنى كەلسە ئورۇنلاشتۇرامدىكىن دېگەن بولدى ئۆزۈم يالغۇز توشاي..
- شۇنداق قىلايلى، ھازىر بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلمىساق بولمايدۇ، بەلكى بىزگە بىر ياردەمچى لازىم بولۇشى مۇمكىن. ئۇكام، سېنىڭ تونۇشلىرىڭ بولسا مال توشۇشتا ساڭا ياردەملىشىپ بەرسۇن، ھەققىنى مەن بېرىمە..
- بولىدۇ ھەدە، نەچچە ئاغىنەم بار ئىدى، مەن ئۇقۇشۇپ باقاي،بۈگۈنكىسىگە مەن يالغۇز يېتىشىمەن..
ئۇلار بىلەن ئىشىكتىن چىقتىم. مالچى ھەدەمگە بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ شۇ كىشى بىلەن كۆرۈشكىنىمنى دېگۈم كېلىۋاتاتتى، لېكىن قانداق ئۇسۇلدا دېيىشنى بىلمەيتتىم.
يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا لازىملىق ماتېرىياللارنى ئالغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق.
- ۋوي بۈگۈن بەكلا كۆپ ماتېرىيال ئاپسىلەرغۇ..
- سودىمىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا ئالىدىغان ماتېرىياللىرىمىزمۇ كۆپىيىپ كەتتى..
- بەك ياخشى بولدى، مەنمۇ ئەمدى بىكار تۇرماي سىلەرگە قارىشىپ بېرەلەيدىغان بولدۇم..
ئايروپىلاندىكى ئايال بىلەن ئىككىمىز لىمونلارنى پارچىلاشقا باشلىدۇق. مالچى ھەدەم ئاستا يېنىمغا كەلدى .
- سىز مېنىڭ ھۇجرامغا كىرسىڭىز پاراڭلىشىدىغان ئىش بار ئىدى..
مالچى ھەدەمگە ئەگىشىپ ھۇجرىغا كىردىم.
- ھەدە، ئايرىم دېيىشىدىغان نېمە گەپ بار ئىدى؟- ئۇنىڭ ئەر خوجايىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەنلىكىمنى تىلغا ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.ئۇ يانفوننى قولىغا ئالدىدا ماڭا قارىدى.
- ئۈندىدارىڭىزغا قاراپ بېقىڭە بىر نەرسە يوللاپ قويدۇم.
ئۈندىدارغا يوللانغان پۇلنى كۆرۈپ، ھەيرانلىقتا مالچى ھەدەمگە قارىدىم.
- ھەدە، بۇ پۇل..
- بۇ سىزنىڭ ھەققىڭىز.. تۇنجى سودىدىنلا سىزگە ھەق ئايرىغۇم كەلدى..
- بۇ دېيىشكىنىمىزدىن كۆپقۇ..
- شۇنداق، دەسلەپكى سودىغا سىزنىڭ پىلان كۆرسەتكەنلىك ھەققىڭىز بىلەن قوشۇپ 40% يوللىدىم..
پۇلنى كۆرۈپ ھاياجاندا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم، بۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئېرىشكەن تۇنجى ئىش ھەققىم ئىدى.
- رە.. رەھمەت ھەدە.. نېمە دېيىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن..
- ئەمدى شېركەتكە كېلىش ئۈچۈن يول ماڭماي ئاپتۇبۇسقا چىقىڭ. دادىڭىزنىڭ ئۆيىگە قۇرۇق كىرمەي ئازراق نەرسە كۆتۈرۈپ كىرىڭ..
كۆز ياشلىرىمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم.
- رەھمەت، رەھمەت ھەدە، ئاخىرى ئۆزۈمگە تەئەللۇق پۇلۇم بولدى. مەن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن.. سىزگە رەھمەت..
- مەن سىزگە رەھمەت ئېيتسام بولىدۇ.سىز بۇ پىلاننى كۆرسەتمىگەن بولسىڭىز، مەن يېڭى سودا پۇرسىتىنى تاپالمىغان بولاتتىم.. سىزمۇ ماڭا چوڭ ياردەم قىلدىڭىز.. ئىشىنىمەن،كېيىن چوقۇم چوڭ ئىشلارنى بىللە قىلىمىز، نۇرغۇن پۇللارنى بىللە تاپىمىز..
- ھەدە، مەنمۇ سىزگە بىر گەپنى دەي دەپ تۇرغان ئىدىم، لېكىن قانداق دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم..
- بىز ئەزەلدىن بىر بىرىمىزدىن گەپ يوشۇرمايمىزغۇ،كۆڭلىڭىزدىكىنى ئېيتىۋېرىڭ..
- ئۇ ئاشخانا خوجايىنى مېنى تاماققا تەكلىپ قىلغانىدى، بۈگۈن چۈشتە ئۇنىڭ بىلەن تاماق يېدىم..
- بىلىمەن..
- بۇ! بىلەمتىڭىز؟ ئەمىسە نېمىشقا؟
- مەن سىزنىڭ دېيىشىڭىزنى كۈتكەن،سىزنى چوقۇم ماڭا كېلىپ دەيدۇ دەپ ئويلىغانىدىم.. ئاخىرى دېدىڭىز.. سىزنىڭ ئىشەنچلىك ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم..
- ئۇ ماڭا ھەمكارلىشىش تەلىپىنى قويغانىدى، مەن سىز بىلەن بىۋاستە ھەمكارلىشىشنى ئېيتتىم..
- شۇنداق، ئۇ بۇ گەپنى ماڭا دېدى.. مۇشۇنداق ۋاقىتتا مېنى ئېسىڭىزدە تۇتقىنىڭىزغا رەھمەت..
- ئۇ ئۇچرىشىشقا چاقىرغاندا سىزنى چاقىرىۋېلىشنى ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى دېمىگەچكە ئىككىلىنىپ قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز كۆرۈشكىنىمنى كەچۈرۈڭ ھەدە..
- ئىشلارنى بۇنچە مۇرەككەپ ئويلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ كىشى ئەسلىمۇ سىز بىلەن تونۇشىدىكەن ئايرىم كۆرۈشسەڭلا ئەقىلگە مۇۋاپىققۇ، نېمىشقا بۇ ئىشتا مەندىن كەچۈرۈم سورايسىز؟
- شۇ سىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قالارمۇ دەپ..
- مەن نېمىشقا خاتا چۈشەنگۈدەكمەن؟ ئۇ بىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىمىز، سىز ئۆزىمىزنىڭ ئادىمى ئىككىڭلار كۆرۈشسەڭلار خاتا چۈشەنگۈدەك نەرى بار؟
- رەھمەت ھەدە، لېكىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بىر ئىش بار..
- نېمە ئىش؟
- ئۇ يولدىشىم بىلەن توي قىلغان ھېلىقى مۇخبىر قىزنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى ئىكەن ..
- ھە! بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.. ئەمىسە ئۇ نېمىشقا بالدۇر تونۇشلۇق بەرمەيدۇ..
- ئۇ مېنى قۇتقۇزغاندا مېنىڭ يېنىمدا يولدىشىم يوق.. شۇڭا تونۇماپتۇ.. لېكىن توردىن كۆرۈپ مېنىڭ يولدىشىم بىلەن ئاجراشقان ئايالىنىڭ توي قىلغانلىقىنى بىلىپتۇ..
- بۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قېلىش بولامدۇ ھە، دېمەك ئۇ سىزنى مەقسەتلىك ئىزدەپتۇ دە..
- شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ. ئۇ ئايالى بىلەن توي قىلغىنىنىڭ دەل مېنىڭ يولدىشىم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن بېرىپ مېنى ئىزدەپتىكەن.. بىز چىقارغان فىلىمنى كۆرۈپ ئىزدەپ كەپتۇ..
- ئۇ نېمە دەيدۇ. سىزنى ئۆزى بىلەن ماسلىشىپ بېرىڭ ئىككىسىدىن ئۆچ ئالايلى دەمدۇ؟
- ئۇلارنىڭ تويىغا ئىككىمىز بىرگە بارايلى دەيدۇ ..
- ۋوي، بۇ قىزىق تەلەپ بوپتۇغۇ.. سىز قوشۇلدىڭىزما؟
- ياق قوشۇلمىدىم. مەن نېمىشقا قوشۇلغۇدەكمەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ تويىغا بارغۇدەكمەن؟!
- نادان قىز، مەنچە بېرىپ كېلىڭ ئۇلار چاقىرمىسىمۇ بېرىڭ..
- ياق ھەدە، ئۇ يەرگە بارغۇم يوق. يەنە كېلىپ ئوغلۇمنىڭ ئالدىدا قايتىدىن پەيدا بولماسلىققا ۋەدە بەرگەنىدىم..
- نېمانچە ئەستايىدىل ياشايدىغانسىز ھە! تويغا بارغانغا نېمە بولاتتى؟! سىز يا بالىنى ئۇ يەردىن بۇلاپ قاچمىسىڭىز.. ئۆزىڭىزگە نېمانچە بېسىم قىلىدىغانسىز..
- بۇرۇنقى يولدىشىڭىز توي قىلغاندا سىز بارغانمىدىڭىز؟
- شۇنداق. مەن بارغان.. ھەتتا تويىغا كۆڭلۈمنىمۇ قويغان..
- سىز راستتىنلا كەڭ قورساق ھەم قەيسەركەنسىز ھەدە، لېكىن مەن سىزدەك قىلالماسلىقىم مۇمكىن..
- مېنىڭچە ئۇ شۇنداق ياخشى تەكلىپتىن بىرنى بېرىپتۇ، مەيلى تويغا چاقىرسۇن چاقىرمىسۇن بېرىپ كېلىڭ. كۆڭلىڭىزنى قويمىسىڭىزمۇ مەيلى، لېكىن ھېچبولمىغاندا ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.
- بۇنداق دېسىڭىز سەل ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىمەن..
- چىرايلىق ياسىنىپ بېرىڭ بېشىڭىزنى ئەگمەڭ بالىڭىزنى كۆرگەندىمۇ يىغلىماڭ. قىلالامسىز..
- ياسىنىپ باراي دېسەم تۈزۈك كىيىمىم يوق، ئاسراپ ئېپ قويغان بىر كۆينىكىم بار ئىدى، ئۆگەي ئاپام كىيىۋاپتۇ. بېشىمنى ئېگىز تۇتالامدىم بىلمەيمەن، مۇھىمى بالامنى كۆرگەندە يىغلاپ تاشلىشىم مۇمكىن..
- يەنە ئىككى كۈن ۋاقىت باركەن. مېنىڭ چىرايلىق كىيىمىم بار سىزگە بېرىپ تۇراي، گىرىمنى ياخشى يەردە قىلغۇزايلى.. مېنىڭچە ھازىر خېلى پىشىپ قالدىڭىز، بالىڭىزنى كۆرگەندە يىغلىمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.. ئۆزۈمنى يېڭىمەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئۇنتۇيمەن دەيدىكەنسىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىشىڭىز كېرەك ئۆزۈمنى يېڭىمەن، بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئۇنتۇيمەن دەيدىكەنسىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىشىڭىز كېرەك.. تىرىشىڭ مېنىڭچە سىز قىلالايسىز..
- مەن تىرىشىپ باقاي ھەدە.. مېنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ..
مالچى ئادەمنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىپ، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئايروپىلاندا ئۇچرىغان ئايالغا ياردەملىشىشكە باشلىدىم.
- نېمە ئىش بولدى؟ بەك ئۇزاق پاراڭلىشىپ كەتتىڭلارغۇ..
- ھە شۇ، ھەمكارلىق مەسىلىسى توغرۇلۇق.. يېڭى خېرىدار چىقىپتىكەن..
- تۈنۈگۈن كەلگەن كىشى ئەسلى سىزگە ياردەم قىلغان كىشى ئىكەندە ئاجايىپ ئىشلار بولىدۇ جۇمۇ..
- شۇنداق. بىز ساياھەت قىلغان يەردە ئۇ مېنى قۇتقۇزۇۋالغان.. ئۇنىڭ بىزنىڭ سودىمىزنى قوللاپ بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن..
- خىزمەت دېگەن شۇنداق بولىدۇ، ئۆزىمىز ئويلىمىغان بىر ئادەملەرنى ئۇچرىتىپ قالىدىكەنمىز. خۇددى ئىككىمىزنىڭ قايتىدىن ئۇچرىشىپ بىر يەردە ئىشلەپ قالغىنىمىزدەك..
- شۇ. شۇنداق. بىر ساياھەتتە ئۇچرىشىپ ياخشى تونۇشلاردىن بولۇپ قالدۇق دېسە..
- قارىسام شۇنداق سالاپەتلىك يىگىتتەك تۇرىدۇ.. ئۇنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ..
- ۋاي ھەدە، نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىز.. مەن ئەمدى تۇرمۇشتىن چىققان ئادەم.. قانداقمۇ باشقىلارنى ئويلىشاي! مەن ھازىر پۇل تېپىشنىلا ئويلايمەن.. يەنە كېلىپ ئۇ ماڭا پەقەت خەتەرگە يولۇقۇپتۇ دەپ ياردەم قىلدى، ئارىمىزدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق..
تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايرىدى. ئاشخانا خوجايىنى ئىدى.
- مەن سىلەر مەھسۇلات چىقىرىدىغان ئۆينىڭ ئالدىدا. چۈشەمسىز؟
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇