دىققەت! ماي باھاسى 2025-يىلىدىكى تۇنجى ئۆسۈشنى كۈتۈۋالدى

文摘   2025-01-03 16:18   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن ئەتىگەن نېفىت باھاسى ئۆرلەپ، نېفىت باھاسى ھەر لىتىردا سەككىز يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، شۇنداقلا 2025-يىلىدىكى تۇنجى قېتىم ئۆرلەشنى كۈتۈۋالدى، كېلە قېتىم ماي باھاسى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن.

2025-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ماي باھاسىنىڭ تەڭشىلىشى نۇرغۇن جايلارنىڭ ماي باھاسىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، قىسمەن رايونلاردا 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى سەككىز يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

بۇ قېتىمقى ماي باھاسىنى تەڭشەش 1-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 0دىن باشلانغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 70 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىغا سۇندۇرغاندا، 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.05 يۈەن ئۆسكەن 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.06 يۈەن ئۆسكەن.

مەسىلەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 7.46 يۈەن، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 8.08 يۈەن؛ گۇاڭشىنىڭ 92-نومۇرلۇق بېنزىنىنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 7.5 يۈەن، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 8.1 يۈەن؛ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 8.55 يۈەن، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 9.08 يۈەن بولغان.

دۆلەت ئىچى ماي باھاسى 2025-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەڭشەشنى كۈتۈۋالدى، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى «سەككىز يۈەن دەۋرى»گە قايتىپ، يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

خەلقئارا نېفىت باھاسى ئۆسسە، دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت باھاسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشى، بولۇپمۇ دۆلىتىمىز، ھىندىستان قاتارلىق ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، خام نېفىتقا بولغان ئېھتىياج ئاشتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئامبار زاپىسىنىڭ ئازىيىشى بازارنى تەمىنلەش جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

1-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەرگىچە، نيۇيورك تاۋار بىرژىسىدا 2-ئايدا مال تاپشۇرۇلىدىغان يېنىك خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 1.63 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن يۈەن) ئۆسۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 73.35 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن يۈەن) بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى %2.27 بولدى؛ ئامېرىكا خام نېفىت باھاسىنىڭ ھەر باكىنىڭ باھاسى 73.63 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى %2.66، بىرېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر باكىنىڭ باھاسى 76.42 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى %2.39 بولغان.

كۆپچىلىك چوقۇم كېلەر قېتىم ماي باھاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. كېيىنكى نۆۋەتلىك نېفىت باھاسىنى تەڭشەش 16-يانۋار سائەت 24تە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر تۇنجى خىزمەت كۈنىگە قەدەم قويدى، ئۇنىۋېرسال خام نېفىت تۈرىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى %1.25كە يەتتى، بېنزىن، دىزېل باھاسىنىڭ 80 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ پارچە سېتىش باھاسىغا سۇندۇرغاندا 0.06 يۈەن/لېتىر 0.07 يۈەنگە/لىتىر بولۇشى مۇمكىن.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك باھا تەڭشەش دەۋرىدە تەييار ماي باھاسى يەنە «ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆرلىشى» مۇمكىن.

يەنە بىر خەۋەر:

1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى ماي باھاسى، ئۆستى!

نۇر تورى تەرجىمىسى

بۈگۈن شىنجاڭدىكى ھەر لېتىر بېنزىن، دىزېلنىڭ ئەڭ يېڭى باھاسى مۇنداق:

ھەر لىتىر #92 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 7.32 يۈەن

ھەر لىتىر #95 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 7.83 يۈەن

ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 6.94 يۈەن


ئىزاھات:

يۇقىرىدىكى ماي باھاسى ئۇچۇرى نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى ماي باھاسى ئۇچۇرى بولۇپ، ماي باھاسى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ. ھەر قايسى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ تىجارەت ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئەمەلىيەتتىكى ماي سېتىش باھاسىدا ئازراق پەرق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، سىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىلىش باھاسىنى ئۆلچەم قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ھەر 10 كۈندە بىر قېتىم تەڭشىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ 10 كۈن ئىچىدە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى ئۆسكەن بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئەگەر خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چۈشكەن بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىمۇ مۇناسىپ ھالدا چۈشۈرۈلىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ
ماشىنا سودىسى، ئۆي سودىسى، نەرسە-كېرەك سودىسى، ھەرخىل سودىلار جەملەشكەن، ئۇچۇر ئەپچاقنى چۈشۈرۋېلىپ قۇلاي بولغان سودىنى باشىۋېلىڭ


Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章