چيۇ بياۋ شىنجاڭ توڭشىنى يەڭگەندىن كېيىن شىرئەلىجاننى ماختىدى

文摘   2023-04-03 12:52   新疆  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى تەرجىمىسى، جىبوبا تورى خەۋىرى: شىرئەلىجان باش تىرېنېرلىقىدىكى نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى چيۇ بياۋ شىرئەلىجاننى ماختىدى. 


4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە ئوينالغان، CBA دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 40-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 108-101 نەتىجە بىلەن نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىنى يەڭدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى چيۇ بياۋ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 

چيۇ بياۋ مۇسابىقىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ساھىبخان مەيدان مۇسابىقىدىن بەك ھۇزۇرلاندىم، شۇنچە كۆپ توپ مەستانىلىرىنىڭ بىزگە مەدەت بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مېنىڭچە بۈگۈنكى مۇسابىقە ناھايىتى قالتىس بولدى، توڭشى كوماندىسىدا بۇ يىل ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولدى، شىرئەلىجان باش تىرېنېر بولغاندىن كېيىن توڭشى كوماندىسىنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە كوماندنىڭ ئۇسلۇبى ناھايىتى ئۆزگىچە بولدى، بىز مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىشتا كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقىغا تاياندۇق.»


4-ئاينىڭ 3-كۈنى، يەنى بۆگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8:00 دە، س ب ئا دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 41-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈرۈمچىدىكى ئۆز مەيدانىدا تيەنجىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

新疆体育网站
体育服务
 最新文章