شىرئەلىجان تارىخ بويۇچە ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

文摘   2023-10-29 13:18   新疆  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى تەرجىمىسى، جىوبا تورى 29-ئۆكتەبىر خەۋىرى: تۆنۈگۈن كەچتە، س ب ئا دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا، شىرئەلىجان تۇرۇشلۇق نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى 112-105 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ بېيكۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى. 


بۇ مەيدان مۇسابىقىدە نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىنىڭ توپچىسى ھەم باش تىرېنېرى شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن ئۈچ نومۇرلۇق توپ سانىنى1275 گە يەتكۈزۈپ، رىۋايەتلىك ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئۇستىسى جاڭ چىڭپىڭدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، س ب ئا تارىخى بويۇچە ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.


ئەمدى شىرئەلىجان 1607 قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزگەن جۇ فاڭيۈ بىلەن 2093 قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزگەن خادېسېننى قوغلايدۇ.

新疆体育网站
体育服务
 最新文章