ئابدۇسلام م ۋ پ بولغاندىن كېيىن زېڭ لىڭشۈ لىللا گەپ قىلدى

文摘   2023-03-27 13:20  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى تەرجىمىسى، جىبوبا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى: CBA چولپانلار رەسمىي مۇسابىقىسىدە، شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسى 117:113 نەتىجە بىلەن جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىنى يەڭدى. 


ئابدۇسالام بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 30 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 12 قېتىم گارغا توپ ئېتىپ 9 قېتىم كىرگۈزۈپ، پۈتۈن كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 20 نومۇر ئالدى، يەنە 8 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئابدۇسالام مانا مۇشۇنداق قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ، بۇ قېتىمقى چولپانلار مۇسابىقىسىنىڭ MVP مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى.


ئابدۇسالام MVP مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ سابىق توپچىسى زېڭ لىڭشۈ يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ يازدى: «بىز كەلگۈسىدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سىزىقى نامزاتلىرىدىن جاڭ جېنلىن، زېڭ فەنبو، سۈي يۇڭشى قاتارلىق ياشلار ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، ئابدۇسالامنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، ئۇمۇ ياش، ھازىرمۇ تېخى يېشى چوڭ ھېسابلانمايدۇ، چوڭ يارىلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئابۇسالام ھازىر ئۆزىنى قايتىدىن ئىسپاتلاۋاتىدۇ! ئۇنىڭ قەيسەرلىكى مېنى تەسىرلەندۈردى. بۇ MVP مۇكاپاتى ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوۋغىسى.»

新疆体育网站
体育服务
 最新文章