شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى تەرجىمىسى، جىبوبا تورى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ جازا قارارىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىقىپ، CBA بىرلەشمىسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدى.
مۇخبىر فۇ جېڭخاۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەگەر جازا قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولمىسا، ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ جازا قارارىنى قويۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن ۋاسكېتبول جەمئىيىتى شۇ چاغدا يەنىلا بۇ تەكلىپكە قوشۇلمىغان.