شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى 31-يانۋار خەۋىرى: بۆگۈنكى كائىنات لوڭقىىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، قەشقەر كەيلى جىخۇي كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كائىنات ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسىنى يېڭىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يوتقان قەدىمىي شەھرى كوماندىسى 3-0 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ تايباغ قۇرۇمباغ كوماندىسىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى رەپقىلەر ئۇچرۇشىشى ۋە مۇسابىقە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلىشى تۆۋەندىكىچە:
ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 13:00 دە، شىنجاڭ كائىنات ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى vs شىنجاڭ تايباغ قۇرۇمباغ كوماندىسى
چېمپىيونلۇقنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 15:00 دە، قەشقەر كەيلى جىخۇي كوماندىسى vs يوتقان قەدىمىي شەھرى كوماندىسى
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىلەن ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئاستىدىكى كودنى سىكانىرلاپ كۆرۈڭ!