شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى كائىنات لوڭقسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقاردى

文摘   2024-01-27 20:55   新疆  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى 27-يانۋار خەۋىرى: شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى بۇ قېتىملىق كائىنات لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى تەشۋىقات فىلىمىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورىغا تەۋە دوۋيىن نومۇرى، سالون، شىپىنخاۋ، كۈەيشو قاتارلىق ھەر قايسى سۇپىلاردا، 11 پارچە قىسقا فىلىم تارقاتتى.


11 پارچە قىسقا فىلىمنىڭ ھەممىسى قىززىق نۇقتىغا چىقىپ، بۇ 11 پارچە قىسقا فىلىمنىڭ ھەر قايسى سۇپىلاردىكى ئومۇمىي كۆرۈلىشى ياكى چېكىلىش قېتىم سانى 5 مىلىيونغا يېقىنلاشتى. 


بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى كائىنات لوڭقىسى توغرىسىدا، 30 پارچىغا يېقىن يازما خەۋەر يوللىدى. 

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورىنىڭ قۇغۇچىسى دىلمۇرات جېلىل مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنقى مىڭ ئۆي شېركىتى بىلەن تۈزۈلگەن توختام، ۋە مۇسابىقىنىڭ ھەر قايسى مۇھىم نۇقتىلىرىدا پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلدى، بولۇپمۇ مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان كۈنىگە تۆت مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيدان ۋە بىۋاستە تارقىتىش ئۆيىدە چۈشەندۈرۈپ، پۇتبولغا بولغان چوڭقۇر مۇھاببىتىنى نامايەن قىلىپ، گەرچە كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ دېگۈدەك ئىشلىگەن بولسىمۇ، قىلچە چارچاش ھىس قىلمىدى. 


بۇ قېتىملىقى كائىنات لوڭقىسىدا شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، تەنتەربىيە تورىنىڭ ئىككى يېڭى ئەزاسىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلدى.

شۇنداقلا شىنجاڭ تەنتەربىيە تورىنىڭ تەكلىپلىك مۇسابىقە رىياسەتچىسى ئېزىز مەمىتىمىن مۇئەللىممۇ كۈنىگە 4 مەيدان مۇسابىقىنى چۈشەندۈرۈشكە قاتنىشىپ، مۇسابىقىنىڭ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلىدى.

بولۇپمۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ تەنتەربىيە تورىنىڭ، دۆلەت تىلى تەھرىرلىق خىزمىتىنى يېقىندىن قوللىغان، ئۆمەرجان جىلىلغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. 

新疆体育网站
体育服务
 最新文章