چىمبۇلاق تورى بىلەن تەنتەربىيە تورى كائىنات لوڭقىسىنى تارقىتىدۇ

文摘   2024-01-23 10:40   新疆  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار تورى سالونى 22-يانۋار خەۋىرى: كائىنات لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ توردا بىۋاستە كۆرسىتىلىشى بېكىتىلدى، مۇسابقىنىڭ سىنغا ئېلىش، بىۋاستە تارقىتىشنى يۈرۈشتۈرۈش خىىزمىتىگە مىڭ ئۆي تېلىۋىزىيە تېخنېلوگىيەسى شېركىتى تەكلىپ قىلىندى.

مۇسابىقە 5 كەسپىي ئاپارات بىلەن سىنغا ئېلىنىپ، مىڭ ئۆي شېركىتىدىكى 7 نەپەردىن 9 نەپەرگىچە كەسپىي خادىم قاتنىشىدۇ، توپ كىرگەندىكى كۆرۈنۈش ۋە  نادىر كۆرۈنۈشلەر قايتا كۆرسىتىلىدۇ، ئاستا كۆرۈنۈشلەرمۇ ئۆلچەملىك كۆرسىتىلىدۇ، نەق مەيدانغا مۇسابىقە چۈشەندۈرۈش ئۆيى، بىۋاستە تارقىتىش ئۆيى سەپلىنىدۇ. 


مۇسابىقە چۈشەندۈرۈش ۋە نەق مەيدان رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى xjtantarbiyacom تورىدىن دىلمۇرات جېلىل بىلەن تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ھارماس باغۋەن ئېزىز مەمىتىمىن مۇئەلىم ئۈستىگە ئالىدۇ.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلىنىپ يەتتە كۈن داۋملىشىدىغان كائىنات لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا كەسپىي ھالەتتە بىۋاستە كۆرسىتىلىدۇ، مۇسابىقە xjtantarbiyacom تورى ۋە qimbulak تورىدا بىۋاستە كۆرسىتىلىدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ ئىككى تاراتقۇ بۇ قېتىملىق كائىنات لوڭقىسىنى توردا بىۋاستە تارقىتىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇققا ئېرىشكەن ئەڭ ئاساسلىق ئىككى تاراتقۇ بولىدۇ.

باشقا تارقىتىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن سۇپىلارمۇ مۇسابىقىنى بىۋاستە كۆرسىتىدۇ. مىڭ ئۆي شېركىتىدىن كېلىدىغان ئۈسكىنە ۋە خادىملار 24-چىسلا خوتەنگە كىلىپ، سىنغا ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسابىقە باشلىنىشتىن 12 سائەت بۇرۇن قۇراشتۇرۇپ سىناپ بولىدۇ.  


ئالدىنقى خەۋىرىمىزدە مۇسابىقىگە 16 كوماندا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدۇق، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يەنە تۆت كوماندا قوشۇلۇپ 20 كوماندا قاتنىشىشى مۇمكىن، ئەتە كەچكىچە قاتنىشىدىغان پۈتۈن كوماندىلارنىڭ كوماندا ئىسىملىكى ۋە ئۆلچەملىك كوماندا بەلگىسى ئېلان قىلىنىدۇ. 


كائىنات لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى قوللاپ، بۇ مەزمۇننى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن تارقىتىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز! 



新疆体育网站
体育服务
 最新文章