شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى 27-ماي خەۋىرى: شەندۇڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنىڭ باش مۇھەررىرى شيا شياۋسى شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى خەۋەر قىلدى شيا شياۋسى شەخسىي مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دەپ يازدى: «شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يېقىندا ئىزچىل جىنەندە مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، يېڭى باش تىرېنېر دىڭ ۋېي پىلان بويىچە، كېلەر ئايدا نەچچە مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىرانبېكنىڭ توختام مۇددىتى تېخى توشمىدى، داۋاملىق كوماندىغا ئەگىشىپ مەشىق قىلىدۇ، كېيىنكى ئىشلار تېخى بېكىتىلمىدى.»
بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دائىملىق مۇسابىقىدە، شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن قىرانبېك شەندۇڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ مەيداندا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 13 مىنۇت مەيدانغا چىقى 3.5 نومۇر، 2.6 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. 2023-يىلى كىرگەندىن بۇيان قىرانبېك پەقەت 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن لياۋنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ئىككى مىنۇت مۇسابىقىگە چۈشتى.