كائىنات لوڭقىسى پۈتۈن شىنجاڭدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

文摘   2024-01-27 20:55   新疆  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى 27-يانۋار خەۋىرى: كائىنات لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيانقى ئۈچ كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى قوزغىدى، شۇنداقلا شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى، چىمبۇلاق تورى، دەۋىر تورى قاتارلىق سۇپىلاردا مۇسابىقە بىۋاستە كۆرسىتىلگەندىن باشقا يەنە، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئىشلىگەن، كائىنات لوڭقىسى توغرىسىدىكى قىسقا فىلىملەر نۇر تورى قاتارلىق ھەر قايسى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىمۇ تارقىتىلدى، شۇنداقلا ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.


كائىنات لوڭقىسى باشلىنىشنىڭ ئالدى كەينىدە، ئادىلجان مەمىتىمىن، مەمەتجان روزى سايىت قاتارلىق سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخىسلەرمۇ، مۇسابىقىنى يېقىندىن قوللىدى. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇسابىقە نازارەتچىسى ئابدۇكېرىم رامۇك، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ كۈمۈش پۇشتەك ساھىبى مەمەتجان، قەشقەر كوماندىسىدىكى ئالىم بېنزېما، تايباغ كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق مېسسى دەپ نام ئالغان ئابدۇنەبى، شىنجاڭ كائىنات كوماندىسىدىكى ئابدۇمالىك، يوتقان قەدىمي شەھرى كوماندىسىدىكى ئېرپانجان تۇرسۇن قاتارلىق پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق شەخىسلەر، مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭدىكى توپ مەستانىلىرىگە بولغان تەسىرىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. 


ئەڭ مۇھىمى شىنجاڭ كائىنات سودا چەكلىك شېركىتىنىڭ باش لېدىرى ئىمىنجان ئۇبولقاسىم، يېقىنقى 15 كۈندىن بۇيان، ئۆزى باشقۇرىۋاتقان تۆت شېركەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى بىلەن بەك ھىساپلاشماي، ئاساسلىق زېھنىنى كائىنات لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاراتتى، بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىمىنجان ئۇبۇلقاسىم ئەپەندىمگە توپ مەستانىلىرى نامىدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. 



新疆体育网站
体育服务
 最新文章