توپ مەستانىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى تەتىل مەزگىلىدە بۇ يەرنى تاللايدۇ

文摘   2023-07-06 11:42   新疆  

پەرزەنتىڭىزنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى جىيەنيى ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبى!


بوكىس، تەيچۈەنداۋ، چېلىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىيەنيى ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبى خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر كەسپىي ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبى بولۇپ، تىرېنېرلار قوشۇنى سەرخىل، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك تەيچۈەنداۋ تىرېنېرى يۈسۈپجان، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك بوكىس تىرېنېرى شىرئەلى، ئەلقەم، ئابدىقەييۇم، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك چېلىش تىرېنېرى ئەيسا قاسىم قاتارلىقلار جىيەنيى ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبىدا تىرېنېرلىق قىلدىغان بولۇپ، بۇ جايدىكى ياش ئۆسمۈرلەر نۆۋەتتە تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ياش ئۆسمۈرلەر تەنھەركەت يېغىنىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.


جىيەنيى ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبىدىن يىتىشىپ چىققان ئابدۈشۈكۈر ئابلىز شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىغا تاللاندى، جىيەنيى ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبى شىنجاڭ بويۇچە كۇلۇبلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە بەش ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى، ئەڭ مۇھىمى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ياش ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت يېغىنىدا بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، خوتەن شەھەرلىك جىيەنيى ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبى خوتەن شەھرىنىڭ دەۋىر مەيدانىغا جايلاشقان، بۇ كۇلۇپنىڭ مەسئۇلى شىرئەلى دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك بوكىس تىرېنرى. 


جىيەنيى ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى:


جىيەنيى ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى: 15001507365


ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرىسلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، روھىي جەھەتتىن تەڭ يىتىلىشىگە ئىنتايتىن پايدىلىق.



新疆体育网站
体育服务
 最新文章