قىرانبېك شەندۇڭ كوماندىسىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى

文摘   2023-04-14 14:39   新疆  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى تەرجىمىسى، جىبوبا تورى 13-ئاپرېل خەۋىرى: تاراتقۇ خادىمى شيا شياۋسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچقاندىن كېيىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن، شەندۇڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىجارىگە ئالغان قىرانبېك كوماندىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى. 


شيا شياۋسى مۇنداق دەپ يازدى: «شەندۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى چۈشتىن بۇرۇن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ئاددىي يىغىن ئۆتكۈزدى، دەم ئېلىش ۋاقتى ۋاقتىنچە بىر ئاي بولدى، تۇنجى بولۇپ كوماندىدىن ئايرىلغان خادىم ئېلان قىلىندى، ئۇ بولسىمۇ شەندۇڭ كوماندىسى شاڭخەي كوماندىسىدىن ئىجارىگە ئالغان قىرانبېك.» 

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاخىرلاشقان CBA پەسلىدىن كېيىنكى 12 كۈچلۈكتىن 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە، شەندۇڭ كوماندىسى 0:2 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن گۇاڭجۇ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ شاللىنىپ كەتتى. 


بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دائىملىق مۇسابىقىدە، قىرانبېك شەندۇڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 13 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 3.5 نومۇر 2.6 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2023 - يىلى كىرگەندىن بۇيان، قىرانبېك پەقەت 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى شەندۇڭ بىلەن لياۋنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ئىككى مىنۇت مۇسابىقىگە چۈشتى.

新疆体育网站
体育服务
 最新文章