كائىنات لوڭقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى، قەشقەر چېمپىيون بولدى

文摘   2024-02-02 13:30   新疆  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى 2-فېۋرال خەۋىرى: تۆنۈگۈن ئۇدا سەككىز كۈن داۋاملاشقان كائىنات لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەشقەر كەيلى جىخۇي كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھرى كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھرى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، شىنجاڭ كائىنات ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. 


بۇ قېتىملىق كائىنات ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھرى كوماندىسىدىكى ئېرپان ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


قەشقەر كەيلى جىخيۇي كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى مىرزات ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاراتار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


قەشقەر كوماندىسىدىكى ئېھسان ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.   


قەشقەر كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئادىلجان ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرېنېر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



كائىنات ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى كوماندىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


 خوتەن قاشتېشى شەھەرچىسى كوماندىسى تەنتەربىيە ئەخلاق-پەزىلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.  

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر قاتناشتى، يېپىلىش مۇراسىمىدا داڭلىق ناخشا چولپىنى ئادىلجان مەمەتىمىن ناخشا ئورۇنداپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن قەشقەر كوماندىسى ئۇسۇلغا چۈشتى.  

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باشتىن ئاخىرى ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن كائىنات شېركىتى زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. 




مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلار ئىنتايىن كۆپ بولدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر: 

新疆体育网站
体育服务
 最新文章