شىرئەلىجان: پەرىق بىرخانىلىق سانغا چۈشكەندە قالايمىقان ئوينىدۇق

文摘   2023-03-05 11:45  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى تەرجىمىسى، جىبوبا تورى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋىرى: ئالدىنقى كۈنىدىكى CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى 101 - 122 نەتىجە بىلەن شەنشى كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى. 


مۇسابىقىدىن كېيىن توڭشى كوماندىىسنىڭ باش تىرېنېرى شىرئەلىجان زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:« بىز يەنىلا قىيىنچىلىققا ياخشى تەييارلىق قىلمىدۇق، مۇسابىقە باشلىنىشىدىلا 10 نەچچە نومۇر ئارقىدا قېلىپ، چوڭ ئورەك كولىدۇق، سەۋەنلىك بەك خالىغانچە بولدى. بىراق بىز چوڭ نومۇر بىلەن ئارقىدا قالغاندا ۋاز كەچمەي، ئىزچىل نومۇر قوغلىدۇق. لېكىن نومۇر پەرقى كىچىكلەپ بىر خانىلىق سانغا يەتكەندە يەنە قالايمىقان ئويناش باشلاندى، بۇ بىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.» 


ھازىر توڭشى كوماندىسى 15 قېتىم ئۇتۇپ 15 قېتىم ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن 10-ئورۇندا تۇردى.


新疆体育网站
体育服务
 最新文章