شىنجاڭ كوماندىسى جياڭسۇنى يەڭگەندىن كېيىن چيۇ بىياۋ مۇنداق دېدى

文摘   2023-10-24 20:14   新疆  

شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى تەرجىمىسى، جىبوبا تورى 23-ئۆكتەبىر خەۋىرى: تۆنۈگۈن كەچتە ئوينالغان س ب ئا دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 1-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 95-88 نەتىجە بىلەن جياڭسۇ كوماندىسنى يەڭدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئابدۇسالام 27 نومۇر 11 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ ئېلىپ پۈتۈن مەيدان بويۇچە ئەڭ يۇقۇرى نومۇرغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مەيدان غەلىبىسىنىڭ باش تۆھپىكارىغا ئايلاندى، شىنجاڭ كوماندىسىغا يېڭى قوشۇلغان جاۋرۈيمۇ 28 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ 21 نومۇر ئېلىپ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى. 


مۇسابقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى چيۇ بياۋ زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:«تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە توپچىلارنىڭ زىممىسىدىكى بېسىم بەك ئېغىر، مەن ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، نورمال مەشىق مەزمۇنى بويىچە ئوينىسىڭىزلا بولىدۇ دېدىم. بىزنىڭ ياش كوماندا ئەزالىرىمىز ھەتتا بىزى كونا كوماندا ئەزالىرىمىز بىر قەدەر ئالدىراڭغۇ، زىممىسىدىكى بېسىم بەك ئېغىر. مېنىڭچە ۋاسكىتبول ئوينىغاندا قانغۇچە ئويناش كېرەك، ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، مۇسابىقىدىن ھوزۇرلانساقلا بولدى.» 


كېيىن قانداق تەڭشەش كېرەكلىكىنى سورىغاندا، چيۇ بياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئاساسلىقى بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كۆپچىلىكنى ئازادە قىلىش كېرەك. ئۇتۇشمۇ نورمال، ئۇتتۇرۇشمۇ نورمال. مېنىڭچە CBA بىرلەشمىسىدە ھازىر ئاجىز كوماندا يوق، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن. كىمنىڭ تېخىمۇ سەۋرچان، كىمنىڭ گارغا توپنى تېخىمۇ ياخشى ئاتالايدىغانلىقى، كىمنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل قويالايدىغانلىقى بىلەن بەسلىشىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە مۇسابىقىدىن ياخشى ھۇزۇرلانساقال بولدى.»


新疆体育网站
体育服务
 最新文章