ئابدۇسالام مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن يېڭى يازما يوللىدى

文摘   2023-03-28 14:40  


شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونى تەرجىمىسى، جىبوبا تورى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى: ئالدىنقى كۈنى ئاياغلاشقان CBA چولپانلار رەسمىي مۇسابىقىسىدە، شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسى 117:113 نەتىجە بىلەن جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىنى يەڭدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئابدۇسالام قالتىس ئىپادىسى بىلەن پۈتۈن كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 20 نومۇر ئالدى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى چولپانلار مۇسابىقىسىنىڭ MVP مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

بۆگۈن ئابدۇسالام مىكرو بىلوگىدا چولپانلار مۇسابىقىسىدىكى سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «گۈزەل ھەپتە ئاخىرىدىكى خۇشاللىق! That was fun» 


بېيجىڭ ۋاقتى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچ سائەت 8 دە، شىنجاڭ كوماندىسى بېيكۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.



新疆体育网站
体育服务
 最新文章