كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
قەيسەر ئەلدارنىڭ بۇنداق ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۇ خۇددى بىر شەكىلسىز چوڭ قولى، بىردىنلا يۈرىكىنى تۇتۇپ مىجۋاتقاندەك، نەپەس ئالالماي قالدى.
ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ، ئەستايىدىل ھالدا:
-بۇ نەرسىلەر، ھازىر سېنىڭ، كەلگۈسىدىمۇ سېنىڭ، مەن كاپالەت بېرەي، ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ!- دېدى.
ئەلدار قەيسەرنىڭ تەمكىن تۇرقىغا قاراپ، خۇددى قانداقتۇر بىر شېرىن نەرسىگە مەپتۇن بولۇپ قالغاندەك كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ:
-ئۇنداق بولسا مەن يەنە ئېگىز بولامىدىم؟ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولالامدىم؟-دېدى.
ئەلۋەتتە!
قەيسەر ئەلدارنىڭ يۈزىنى چىمدىپ تۇرۇپ:
-مەن كۆتۈرەلىسەملا!- دېدى.
سۆزلەۋېتىپ، ئۇ يەنە ئەلدارنى كۆتۈرۈپ، مۈرىسىگە قويدى.
ئىككىيلەن گۈلزىرەنىڭ كىچىك دۇكاننىڭ يېنىغا كەلگەندە، قەيسەر ماشىنىنى توختىتىپ، ئەلدارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئىچىگە قاراپ ماڭدى.
بۇ چاغدا، دائىم كېلىپ تۇرىدىغان بىر خېرىدار :
-خوجايىن، سىزنىڭ ئېرىڭىز ئوغلىڭىزنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى!- دېدى.
گۈلزىرە كۆزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق دېگەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، قەيسەرنىڭ ئەلدارنى يېتىلەپ كىرگەنلىكىنى كۆردى، ئىككىيلەننىڭ چىراي ئىپادىسى ئادەتتىن تاشقىرى ئىناق ئىدى.
بۇ ئەبلەخ راستتىنلا ئەلدارنى ئازدۇرۇپ كەتتىمۇ؟
گۈلزىرە كۆڭلىدە ئوغلىنى بۇلاپ كەتكەندەك بىر خىل نازۇك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، سەل بىئارام بولدى.
بىراق، ناھايىتى تېزلا ئوغلى قەيسەرنىڭ قولىنى قويۇپ بېرىپ:
-دۇكاننىڭ ئىككىنىچى خوجايىنى قايتىپ كەلدى!
ئۇ كىرىشىگىلا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
شۇ كۈنى سودا ئىزچىل ياخشى بولدى، كەچ سائەت سەككىز يېرىم بولغاندا گۈلزىرە ئەلدارنىڭ بالدۇر ئۇخلىشى كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ، دۇكاننى تاقاشقا تەييارلىق قىلدى.
قەيسەر ئەلدارنى قۇچاقلاپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ:
-ئۆيگە قايتىپ ئۇخلايمىز،-دېدى.
گۈلزىرەنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغىنى، ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، قەيسەر يانچۇقىدىن بىر ئاچقۇچنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى!
-ئاچقۇچنى نەدىن تاپتىڭىز؟-دېدى ئۇ ئاچچىقى بىلەن.
-تۈنۈگۈن ياساتقان،-قەيسەر قىلچە مۇۋاپىق ئەمەستەك ھېس قىلماي، سۆزلەۋېتىپ ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەتتى.
ئەلدار بالدۇرلا ئۇخلاپ قالدى. گۈلزىرە بىلەن قەيسەر مېھمانخانىدا، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئولتۇراتتى.
-سىز ئۆيگە قايتىشىڭىز كېرەك.
-ئەلفىرە، بۇ يەر كېيىن مېنىڭ ئۆيۈم بولىدۇ!-قەيسەر شۇنداق دېگەچ ئۇدۇل ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۆزىنىڭ ئۇخلاش كىيىمىنى ئېلىپ،-مەن يۇيۇنغىلى كىرىپ كەتتىم،- دېدى.
ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ:
-قەيسەر، سىز زادى نېمە دېمەكچى، يەنە ماڭمىسىڭىز مەن ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن!- دېدى.
ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ:
-ساقچى كەلگەن بولسا ياخشى بولاتتى،ئاندىن يەنە مۇخبىرنى چاقىرسام، كېيىن ھەممىسى سىزنىڭ مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ، ھېچكىم چېقىلالمايدۇ!- دېدى.
گۈلزىرە مۇشتۇمىنى چىقاردى.
ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، ئۇنى تام بىلەن ئۇنىڭ مەيدە ئارىسىدا قامال قىلدى.
-ئەلفىرە، ئەمەلىيەتتە سىز مەن بىلەن بىللە يۇيۇنماقچى، توغرىمۇ؟
قەيسەر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇنى سۆيدى.
گۈلزىرە يۈزىنى قىيسايتتى، شۇنىڭ بىلەن قەيسەرنىڭ لېۋى ئۇنىڭ لەۋ قىرىغا چۈشتى.
ئۇ بىر قەدەممۇ يېقىن كەلمەي، چېكىنمەي، يەنىلا شۇ تاپتىكى ئارىلىقنى ساقلاپ:
-ئەلفىرە، مەن راستىنلا سىزنى قوغلىشىۋاتىمەن!- دېدى.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، گۈلزىرەنىڭ ئارقا مېڭىسىدىن تۇتۇپ، كۈچلۈك ھەم تالان - تاراج خاراكتېرلىك سۆيۈشكە باشلىدى.
خېلى ۋاقتتىن كېيىن گۈلزىرە ئاخىرى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ چىقتتى، كالپۇكى ئىششىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ ئىچى سىقىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە قايتىپ، بىۋاستە ئىشىكنى قۇلۇپلىدى.
شۇ كۈنى، قەيسەر سافادا ياتقاندا، ياردەمچىسى بىر چوڭ كارىۋات زاكاز قىلىپ، ئەتە كۈندۈزى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى.
قەيسەرنىڭ يەنە بىر يان تېلېفونى سايرىدى.
ئۇ سافادىن ئورنىدىن تۇردى، چىراي ئىپادىسى سەل سۈرلۈك بولۇپ قالدى.
ئۇ تېلېفون ئادەتتە بەك ئاز سايرايتتى، شۇ تاپتا ...
- ئاكا،-تېلېفوندىن بىر ئەرنىڭ،-يېقىندا بىرسى گۈلزىرەنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ،- دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
-جالالمۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس.
قارشى تەرەپ < نىلۇپەر > سالاھىيىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلىغان، يەنە كېلىپ، گۈلزىرەنىڭ ئائىلىسى ئەتراپىغا پىستىرما قويغان، ئېھتىمال قاراپ ئولتۇرغان بولۇشى مۇمكىن،-دېدى.
قەيسەر تاپىلاپ:
-داۋاملىق قاتتىق نازارەت قىل، ئەگەر ئەھۋال كۆرۈلسە دەرھال ماڭا خەۋەر قىل،- دېدى.
-بولىدۇ.
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، قەيسەرنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز گۈلزىرەنىڭ چىڭ ئېتلگەن ئۆينىڭ ئىشىكىگە تىكىلدى.
قەيسەر ئۆزىنىڭ گۈلزىرە بىلەن چاي ئىچۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ گۈلزىرەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يوقاپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈردى.
بىراق، ئىزچىل ئانچە چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىدى.
شۇ تاپتا، ئۇ ئادەملەرنىڭ پەيدا بولۇشى، گۈلزىرەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم، گۈلزىرەگە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.
بىراق، ھازىر ھېلىمۇ ياخشى، ئۇ ھەر ۋاقىت بۇ كىچىك ئايالنىڭ يېنىدا.
ئۇمۇ پۈتۈنلەي باشقا بىر ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالدى، پەقەت گىرىمىنى يۇيۇۋەتمىسىلا، ھېچ ئىش بولمايدۇ.
ئەتىسى قەيسەر ئالماقچى بولغان كارىۋات يېتىپ كەلدى، ئۇ ئاخىرى سافادا ئۇخلىمايدىغان بولدى.
ئەتىگەندە،قەيسەر شىركەتكە كەلگەندە، جالالنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىمۇ ئېچىلدى.
شەمىسيەنىڭ سەتچىلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جالال بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتى بولغاچقا، تەكلىپ قىلىنغان ئاخبارات ۋاستىلىرى بالدۇرلا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، جالال ئالاھىدە ياردەمچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا نەق مەيدانغا كەلدى.
بىر ھەپتە كۈتۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چىرايى خېلى ياخشى بولۇپ قالدى.
ئۇ ئولتۇرۇپ، مۇخبىرلارغا جىم ئولتۇرۇشنى ئىشارەت قىلدى، ئاندىن گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتتى.
-كۆپچىلىك، بۈگۈن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى شەمىسيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېنىڭ جاكارلايدىغان ئىككى ئىشىم بار. مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى ئۈن ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ، فوتوگرافلار كامېرالىرىنى توغرىلاپ، شۇ تاپتىكى چوڭ خەۋەرنى كۈتمەكتە ئىدى.
-كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ،شەمىسيە ئىزچىل مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم،شۇنداقلا شېركىتمىزنىڭ توختاملىق سەنەتكارى ... جالال شۇنداق دېگەچ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن،-لېكىن، بۇ سالاھىيەت ھازىردىن باشلاپ ئۆزگەردى،-دېدى.
بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، نەق مەيدان خۇددى قازان قاينىغاندەك قايناپ كەتتى.
مۇخبىرلار ئەسلىدە، جالال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قىلىپ ، ئوتتۇرىغا چىقىپ شەمىسيەنى ئاقلىماقچى ياكى شەمىسيەنىڭ ئىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىماقچى دەپ ئويلىغان، لېكىن ئويلاپ باقمىغان يەردىن...
بىراق، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگەردى دېگىنى نېمىسى؟
زادى ئايرىلىپ كەتتىمۇ ياكى توي قىلماقچىمۇ؟
-چۈنكى مەن شەمسىيە بىلەن ئىككى ھەپتە بۇرۇن چىرايلىقچە ئايرلىپ كەتتىم.
جالال تەمكىنلىك بىلەن ئېغىز ئاچتى.
پۈتۈن مەيداندىكىلەر بۇ ئىشتىن ھەيران قالغان چاغدا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىنىڭ دەرۋازىسى تۇيۇقسىز ئېچىلدى.
شەمسىيە سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا ئاندىن جالالنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقانلىقىنى بىلدى، چۈنكى جالالنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، شۇڭا ئۇ جالالنى توختاپ قالدى دەپ ئويلىغان ئىدى.
ئۇ مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەمدىلا تۆرەلمە كۆچۈرۈشكە توغرا كەلگەنلىكىگە قارىماي، دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئاپتوموبىلنى توسۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىغا كەلدى.
بىراق، ئەمدىلا ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، جالالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى.
لېكىن، ئۇ يىقىلسا بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر يىقىلسا، راستىنلا ئۈزۈل - كېسىل تۈگەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ئۇ تىلىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ، ئۆزىنى نەق مەيداندا ياندۇرغاندەك قان پۇرىقىنى تېتىپ، چوڭ قەدەم بىلەن كىرىپ كەتتى!
شەپە سەۋەبىدىن، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يۆنىلىشىگە قارىدى.
ھەتتا بەزى مۇخبىرلار مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ، يېرىم يولدا ئۇنى توسۇۋالدى.
سەھنىدىكى جالال خۇددى بۇ ئادەمنى كۆرمىگەندەك:
-ئايرىلىشتىن باشقا يەنە بىر ئىش بار،- دېدى.
شەمسىيە ئالدى تەرەپتە ئولتۇرغان، قاش - كۆزلىرى سۈزۈك ئەرگە قاراپ، قەلبىدە ئاچچىق ئاغرىق يامراپ كەتتى.
ئۇ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە شۇنچە ئالدىرامدۇ؟!
ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ بىلەن توختامنى بىكار قىلىمەن دېمەكچىمۇ؟
ئەجەبا يەتتە يىللىق بىللە ئۆتۈش ئۇنىڭ قەلبىدە ئەزەلدىن ھېچقانداق ئىز قالدۇرمىدىمۇ؟
ھەممىسى ئەرلەر ھېسسىيات بىلەن جىنسىيەتنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىيالايدۇ دېيىشىدۇ، شۇ تاپتا ئۇ ئاخىرى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدى.
ئۇلار يەتتە يىل بىللە ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ قەلبىدىكى شۇ ئاي نۇرىغا تەڭ كېلەلمىدى.
شۇغىنىسى، ئۇ ھازىر ئۇنى پەقەت «جىنس» بىلەنلا تۇتالايدۇ!
شەمسىيە بىر مۇخبىرنىڭ مىكروفونىنى تارتىۋېلىپ، كۆپچىلىككە قاراپ:
-جالال، مەن سىزنىڭ بالىڭىزغا ھامىلدار بولدۇم!- دېدى.
بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا، نەق مەيدان بىردىنلا جىمىپ كەتتى، يىڭنە چۈشۈپ كەتسە ئاڭلىغىلى بولاتتى.
نەچچە ئون سېكۇنت ئۈزۈل - كېسىل جىمجىتلىقتىن كېيىن، ئاپاراتلار توختىماي يورۇشقا باشلىدى!
-جالال ئەپەندى،شەمسىيە خانقىز ھامىلدار بولۇپ قالدىم دەيدۇ، بۇ ئىشنى سىز ئىلگىرى بىلەمسىز؟
-جالال ئەپەندى، سىز بالا سەۋەبلىك بايىقى قارارىڭىزنى ئۆزگەرتەمسىز؟
-جالال ئەپەندى، سىلەر توي قىلامسىلەر؟
-شەمسىيە خانقىز، سىز مۇشۇ تاپتا ھامىلدار بولۇپ قاپسىز، توي قىلىشقا قىستاش ئۈچۈن مۇشۇنداق دېڭىزمۇ؟
-شەمسىيە خانقىز، سىز ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ جالال ئەپەندى دېگەنمۇ ياكى سىزمۇ……
شۇ تاپتا، شەمسىيە مۇخبىرنىڭ نېمىلەرنى سورىغانلىقىغا پەرۋا قىلماي، ئۆزى ئۇزۇن يىل يۈرگەن ئەرگە مىختەك تىكىلىپ، ئاندىن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئۇ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى:
-جالال، مەن سىزنىڭ بالىڭىزغا ھامىلدار بولدۇم، سىزگە ھامىلدار بولغانلىق ئىسپاتىنى بەرسەم بولىدۇ!
جالال كۆزىنى كۆتۈردى، تېگىدىكى نۇرنى شەمسىيە چۈشىنەلمىدى.
ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ناھايىتى سالماق ئىدى:
-شۇڭا؟
ئۇ سوراققا تارتىلىپ، بىر مەھەل قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدى.
ئۇلار توي قىلمىغان،ئىلگىرىكى مۇناسىۋىتى ھېچقانداق قوغدالمايدۇ ،شۇڭا، ھامىلدار بولغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بالا تۇغقاندىن كېيىن، بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.
ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت يوقتەك قىلىدۇ.
-جالال، بۇنداق ۋىجدانسىزلىق قىلسىڭىز بولمايدۇ!
شەمسىيەنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ، ئۆزىنى بەرداشلىق بېرەلمەي قالغاندەك ھېس قىلدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇