كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
-سېنىڭ قانچىلىك يۈزۈڭ بار ئىدى؟ ئەگەر ئاز تولا يۈزۈڭ بولغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتا قەرزنى يولدىشىمدىن ئەمەس، ئۇلاردىن سورىغان بولاتتىڭ.. ھاراق سورۇندىكى دوستلىرىڭ،يەنە ئاۋۇ ئەسقاتماس ئايالىڭ.. ئۇلار مېنى چۈشۈرۈشتىن باشقا يەنە نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ.. مەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغۇدەكمەن..
- نېمە دەۋاتىسەن ھۇ تۇزكور.. - دادام ئاچچىقتا قولىنى كۆتۈردى،-مەن سېنىڭ داداڭ. ساڭا ئاش نان بېرىپ قويسام، ئەمدى كېلىپ مېنى چۈشۈرۈۋاتامسەن..
- مېنى تاپقان ۋاقتىڭدا ئاش نان بېرىشنى ئويلاشقان بولغىيتتىڭ، سەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، مەن توختىماي ياردەم بېرىپ كەلدىم، توي قىلىشتىن بۇرۇن مېنىڭ مائاشىمنى خەجلەپ كەلدىڭ.. توي قىلغاندىن كېيىن يولدىشىمدىن قەرز سورىدىڭ. قىيىنچىلىققا ئۇچراپ يېنىڭغا كەتسەم مېنى بىر ئايمۇ سىڭدۈرمەيۋاتىسەن.. ئەينى ۋاقىتتا سەن ئىش تېرىپ قەرز سورىمىغان بولساڭ مەنمۇ بۇ كۈنگە قالمىغان، ئۇنىڭ ئالدىدا تىلىم كېسىك بولمىغان بولاتتى. ئاجىرىشىپ سېنىڭ ئالدىڭغىمۇ كەلمىگەن بولاتتىم.. قەرز بېشىمنى ئېگىپ قويمىغان بولسا توردا ئۆزۈمنى ئاقلىغان بولاتتىم. بۇ ئىشلارغا زادى كىم سەۋەبچى..
- ئۆزۈڭ ئۆينى قاملاشتۇرۇپ تۇتالماي بۇ خاتالىقنى مەندە قويماقچىمۇ..
- ھەممە خاتالىق سەندە ئەمەس، مېنىڭمۇ خاتالىقىم بار، سەندەك، مەسۇلىيەتسىز، تارتىدىغان قىزى بولۇپ قالغان خاتالىقىم بار..
- ماڭا بالا بولغانغا پۇشايمان قىلساڭ چىقىپ كەت، سەن ئەسلىمۇ بۇ ئۆيگە تەئەللۇق ئەمەس..
- كېتىمەن مېنى بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتسۇن دېسەڭ، مېنىڭ قايسى يول بىلەن پۇل تېپىشىمغا ئارىلاشما.. پۇل تاپسام ساڭا تاقاشماي بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن.. سەن مۇشۇنى ئۈمىد قىلىسەنغۇ..
- خەقنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكۈپ بولۇپ چىقىپ كېتىمەن دېمەكچىمۇ سەن..
- مەنمۇ ھەر كۈنى بۇنداق خىجىلچىلىقتا ياشاشتىن زېرىكتىم، بۇ ئۆيگە ئاپامنىڭ ھىدىنى پۇراپ كەلگەن ئىدىم، لېكىن ئۇ ھېدنى باشقىلار يوق قىلىپ بولۇپتۇ. دادام بار دەپ كەلگەن ئىدىم، لېكىن سەن مېنى قارشى ئالمىدىڭ.. ماڭا ئازراق پۇرسەتتە پۇل تاپساملا چىقىپ كېتىمەن.
دادام ئىسسىتقان تاماقنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ئاشخانىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تۇرۇپ كەتتىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق گەپ ئاڭلىغىنىمدا كۆپلەپ پۇل تېپىپ يىراقلارغا كەتكۈم كېلەتتى.« چىدا،چوقۇم چىدا، بۇ جاپالارنىڭ بىر كۈندە نەتىجىسى چىقىدۇ» ئۆزۈمگە توختىماي شۇنداق مەدەت بېرەتتىم، لېكىن قاچانغىچە چىدىيالايدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.
* * *
ئەتە سەھەردە شىركەتكە قايتىپ كەلدىم. ياردەمچى يىگىت ئىشخانىدىكى بۇرۇنقى ئورۇندا ئولتۇراتتى.
- ۋوي، ھەدەمنىڭ ئۆيىگە بارماي ئۇدۇل ئۇدۇل شىركەتكە كەپسىزغۇ..
- ھەقسىز مالنى ئىشلىتىپ يېڭى مال زاكاز قىلغۇچە، خېلى ۋاقىت كېتەمدىكىن دەيمەن، ئۇنىڭغىچە شىركەتتە تېلېفون ئالاي..
- ياق، ئۇ ئاكام تۈنۈگۈن ئارتۇق يەنە ئون قۇتا بۇيرۇتتى.. بەش تارماق دۇكىنى بار كەن، بۇ پەقەت ئىككىسىگىلا يېتىدۇ دەيدۇ..
- ۋوي شۇنداقمۇ؟! ھەدەم ماڭا دېمىدىغۇ..
- ھە، تۈنۈگۈن كەچتە دەپتىكەن، بەلكىم سىزگە دېيىشكە ئۈلگۈرمىگەن چېغى..
- بەك ياخشى بوپتۇ.. ھەقسىز مال تارقىتىپ داۋاملىق مال ئالىدىغان خېرىدارغا ئېرىشىپتىمىز..
- ھەممىسى سىزنىڭ تۆھپىڭىز، سىز بولمىغان بولسىڭىز، ئۇ بۇ فىلىمنى كۆرمىگەن مال زاكاز قىلمىغان بولاتتى..
- سىلەر بۇ تۈرگە مەبلەغ سالمىغان بولساڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشنى قىلمىغان بولاتتىم، مەن پەقەت يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئۆزۈم ياساپ ئىشلىتىش نىيىتىدىلا قىلغان.. سىلەر ئۇنى پۇلغا ئايلاندۇردۇڭلار..
- ئۇ تۈنۈگۈن سىزنىڭ ئۈندىدار نومۇرىڭىزنى سورىغان ئىدى، لېكىن..
- ھە، مالچى ئادەم شۇنداق دېگەنتى. مەن تۈنۈگۈن كەچتە ئۇنىڭ ئۈندىدارنى قوشتۇم..
- قوشتىڭىزما؟!- ياردەمچىنىڭ ئاۋازى بوشىيىپ كەتتى.
- شۇنداق. مەنمۇ قوشماي دېگەن، لېكىن ھەدەم قوشسىڭىز مەيلى دېدى..
- تۈنۈگۈن مەندىن سورىغان ئىدى، مەن دەپ بەرمىگەن. قوشۇۋالغان بولسىڭىز بوپتۇ..
ياردەمچى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئۇ خۇشال ئەمەستەك قىلاتتى
- خاتىرجەم بولۇڭلار، ئۇنى ئايرىم قوشقان بىلەن ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم ھەمكارلاشمايمەن، ماڭا ياردەم قىلغاچقا قوشۇش تەكلىپىنى رەت قىلىۋېتەلمىدىم..
- ياقەي! كىمنى قوشۇش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، بىز سىزگە ئىشىنىمىز..
- ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى ئورناتساق، بەلكى سودىمىزغا چوڭراق پايدىسى بولۇپ قالار..
- شۇ، شۇنداق..
تېلېفوندا خاتىرىلەنگەن نومۇرلارغا قايتۇرۇپ ئالاقىلىشىشقا باشلىدىم. كۆزۈم ھامان ياردەمچى يىگىتتە ئىدى. ئۇ باشقا كۈنگە قارىغاندا ئۈمىدسىز كۆرۈنەتتى.
- ماۋۇ يېڭى چۈشكەن زاكازلار ئىكەن،- خاتىرىلىگەن ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم.
- چۈشەندىم، قويۇپ قويۇڭ، ھەدەم كەلگەندە بىللە توشۇۋېتەيلى..
ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ كەيپىياتىنى ئوڭشاشنى ئويلايتتىم، لېكىن نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم. ئاستا جايىمغا كېلىپ ئولتۇرۇۋالدىم.
- ھەدەم ئۇچۇر قىپتۇ، ئەتىگەندە ئىشى بار ئىكەن، مالنى چۈشتىن كېيىن توشۇيدىكەنمىز..
- ھە، ئۇنداقتا ئىشخانىدا بىردەم ئارام ئېلىۋالامسىز؟! ھېلىمۇ ھەر كۈنى ئىشلەپ چارچاپ قالدىڭىز ..
- بولىدۇ، مەن بىر ئاز ئارام ئېلىۋالاي، بۈگۈن كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس، توغرا چۈشىنىڭ..
- ھېچقىسى يوق، مەن سىرتقا چىقىپ تۇرسام بولىدۇ..
- ھاجىتى يوق.سىز ئىشلەۋېرىڭ، مەن بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالساملا بولىدۇ ..
ياردەمچى يىگىت سافادا سوزۇلۇپ ياتتى. ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. ئۇمۇ بىزدەك جاپاكەش ھەم تەلەيسىز ئىدى. دادىسىدىن كىچىك ئايرىلىپ، ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ياشاۋاتاتتى. دەم ئالماي جاپالىق ئىشلەيتتى. لېكىن ھېچقاچان ۋايساپ باقمىغان ئىدى.
- ياق ياق ئاكا، ئۇ سىزنىڭ مېلىڭىز ئەمەس.. مانا بۇ سىزنىڭ مېلىڭىز..
ئۇ جۆيلۈشكە باشلىدى. بۇ سۆزلەردىن ئۇنىڭ خىزمەت ئۈچۈن قانچىلىك چارچاپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنى ئىشخانىدا قويۇپ كىتابتىن بىرنى كۆتۈرۈپ پەسكە چۈشۈپ كەتتىم.
ئۈندىدارىم سايراشقا باشلىدى. ھېلىقى ئاشخانا خوجايىننىڭ ئۇچۇر ئىدى.
- چۈشتە كۆرۈشمەكچى بولغان ئورۇننىڭ ئادرېسىنى سىزگە يوللاپ قويدۇم. يېقىن بولسىڭىز كېلىڭ بولمىسا مەن ئالدىڭىزغا ماشىنا ھەيدەپ باراي..
ئادرېسنى ئېچىپ كۆرۈپ ئۆزۈمگە ئون ئىككى كىلومېتىر يىراقلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. لېكىن يەنىلا ئۇنى ئالدىمغا كەلتۈرۈشتىن خىجىل بولۇپ تۇراتتىم.
- بولىدۇ ماڭا ئۇنچە يىراق ئەمەسكەن چۈشتە كۆرۈشەيلى..
- ئەمىسە سائەت ئون ئىككى يېرىمدا مۇشۇ ئورۇنغا كېلىڭ..
ئېغىر بىرنى تىنىپ قويدۇم. يېنىمدا پۇل بولمىغانلىقتىن نۇرغۇن يوللارنى پىيادە يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۆي، شىركەت، مالچى ئادەمنىڭ ئۆيى.. ھەممە يەرگە پىيادە باراتتىم. لېكىن چىڭقى چۈشتە ئون ئىككى كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىشنى ئويلىسام بېشىمغا غەم چۈشەتتى.
ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىم بىلەن ياردەمچى يىگىت كۆزىنى ئاچتى.
- ۋوي مەن بەك ئۇخلاپ كەتتىممۇ نېمە؟! سائەت نەچچە بولدى؟
- ئون بىر بولدى.. ئۇنچە كۆپ ئۇخلىمىدىڭىز..
- جۆيلىمىگەندىمەن ھە؟ يېقىندىن بېرى چارچاپ قاپتىمەن، ئاپام كۆپ جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالدىڭ دەيدۇ..
- ياقەي، مەن سىز ئۇخلاشقا باشلىغاندىلا پەسكە چۈشۈپ كەتكەن..
- تولىمۇ سەت بولدى.. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ خالىسىڭىز بىللە تاماق يەيلىمۇ..
- سەت بولدى، بۈگۈن بىر دوستۇم تاماققا چاقىرغان ئىدى..
- ھېچقىسى يوق، ئۇنداقتا مەن ئۆيگە بېرىپ ئاپامنىڭ ئەتكەن تامىقىنى يەي.. سىز تاماقنى نەدە يەيسىز؟ مەن ئاپىرىپ قويايمۇ؟!
ئۇنىڭغا خوجايىن يوللىغان ئۇچۇرنى ئادرېسنى يوللىماقچى بولدۇم-يۇ، يەنە توختاپ قالدىم.
- رەھمەت، بىز مۇشۇ ئەتراپتىلا تاماق يېمەكچى..
- چۈشەندىم، ئەمىسە مەن ئۆيگە قايتتىم. سىزمۇ بالدۇرراق تاماققا چىقىڭ..
ياردەمچىگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئايىغىمنى چىڭ ئەتتىم-دە، ئون ئىككى كىلومېتىر يولنى بېسىپ ئاتلاندىم. بۇنداق قىلىشىمنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، لېكىن ھېچكىمگە ئادەمگەرچىلىك قەرز بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتىم.
تومۇز ئىسسىقتا ئون ئىككى كىلومېتىرنى ساق ئىككى سائەتتە بېسىپ بولغاندىن كېيىن، ئەر خوجايىن يوللىغان ئادرېسقا كەلدىم. ئۇ قەھۋەخانا ئىچىدە مېنى ساقلاپ ئولتۇراتتى.
ئاستا مېڭىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم.
- سەت بولدى ساقلىتىپ قويدۇم ھە، يولدا ماشىنىسى سەل كۆپكەن..
ھاسىرىغانچە ئولتۇردۇم. ئۇ تەر باسقان چىرايىمغا قاراپ ھەيرانلىق قالدى.
- ۋوي تەرلەپ كېتىپسىزغۇ، بەك ھاسىراپ كېتىپسىز، مېڭىپ كەلمىگەنسىز ھە..
- ياقەي، ئۇنچە يىراقمۇ ئەمەس، بىر ئىككى كىلومېتىر يول ماڭدىم شۇ..
- يېقىن بولمىسىڭىز ماڭا دەڭ، مەن ئالدىڭىزغا باراي دېگەنتىمغۇ، ئۇنچە يولنى بۇ ئىسسىقتا پىيادە ماڭغىنىڭىز نېمىسى..
- ھېچقىسى يوق، مەن پىيادە مېڭىپ كۆنۈپ قاپتىمەن..
ئۇ تاماق تىزىملىكىگە قاراپ نەرسىلەرنى بۇيرۇتقاندىن كېيىن ماڭا قارىدى.
- سىزنى ئايرىم تاماققا تەكلىپ قىلسام خاتا چۈشۈنۈپ قالمىغانسىز ھە..
- ياقەي، مەن ھېچقانداق ئويلىمىدىم. ئەسلى سىزنى مەن تاماققا تەكلىپ قىلسام بولاتتى..
- كىم تەكلىپ قىلسا ئوخشاش.. بۇنچە تەكەللۇپ قىلماڭ..
- سىز مېنى يات شەھەر دەپ خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇۋالدىڭىز، بۇ يەرگە كېلىپمۇ سودامنى قوللاپ بەردىڭىز..
- يات شەھەردە سىزمۇ مېنى قۇتقۇزدىڭىز.. يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىمۇ سىز ماڭا ھەقسىز بەردىڭىز .. ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە ياردەم قىلدۇق..
- بۇ؟!- ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە تىكىلدىم.
- ھەيران قېلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن ھە.. ئەمدى سىزگە تەپسىلىي دەپ بېرەي.. سىز ماڭا ئۇچراپ قالغان شۇ كۈنى مەن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ماڭغان..
كۈچەپ شۇ كۈندىكى ئىشنى ئەسلەشكە باشلىدىم، ئۇ راستتىنلا يىراقتىن ماشىنىنى يۇقىرى سۈرەتتە ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. مېنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىغا ئۆتۈشۈم بىلەن ئۇ ماشىنىنى كۈچەپ تورمۇزلىدى.
- شۇنداقمۇ ؟ تەپسىلىي ئويلاپ باقسام ئۇ كۈنى راستىنلا ماشىنىنى يۇقىرى سۈرەتتە ھەيدەۋېتىپتىكەنسىز، لېكىن تەلىيىمگە مېنى سوقۇۋەتمىدىڭىز..
- شۇنداق، ئەسلى مەن سىزنى قاتتىق تىللىماقچى بولۇپ ماشىنىدىن چۈشكەن،لېكىن سىزنىڭ يارىلانغانلىقىڭىزنى بايقىدىم.. مۇنداقچە ئېيتسام، سىز مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز؟ سىزنى ئۇچراتمىغان بولسام، بەلكى مەن شۇ يولدا ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرغان بولاتتىم..
- مەن ئۆزۈمنىمۇ قۇتقۇزالمىسام سىزنى قانداق قۇتقۇزاتتىم ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز ئۆزىڭىزدىن قۇتقۇزۇپ قالدى.. لېكىن ھەيرانمەن.سىزدەك كېلىشكەن ھەم شارائىت ياخشى كىشى قانداقسىگە ھاياتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلايسىز؟!
- ھەممە ئادەم پۇلى بار، چىرايى چىرايلىق كىشىلەرنى بەخىتلىك دەپ ئويلايدۇ.. لېكىن نەدىمۇ دەردى يوق كىشى بولسۇن دەيسىز..
- بۇ يولنى تاللىشىڭىزغا زادى نېمە سەۋەبچى بولغانلىقىدىن سورىسام بولامدۇ؟!
- سىز بىلەن ئۇچراشقان كۈنى، دەل مەن ئاجرىشىپ كەتكەننىڭ بەشىنچى كۈنى..
- بۇ؟! ئاجرىشىپ كېتىش ئۆلۈۋېلىشقا سەۋەب بولماسلىقى كېرەكقۇ! مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى توردا كۆردىڭىز مەنمۇ ياشاۋاتىمەنغۇ..
- ئاجرىشىش ھېچقانداق مەسىلە ئەمەس، لېكىن ھاقارەت بىلەن ئاجرىشىش ئادەمگە بەكمۇ ئېغىر كېلىدىكەن.. ئايالىمنى كۆز گۆھىرىمنى ئاسرىغاندەك ئاسرىدىم.. لېكىن ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ شۇنچە يىلدىن بېرى ئالدىنىپ كەلگەنلىكىمنى بايقىدىم.. ئۇ ئاجرىشىشتا چىڭ تۇردى..
- بەلكى ئۇ ئىككىڭلارنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغاندۇ. بەلكى پىكىرىڭلار بىر يەردىن چىقماي قالغاندۇ..
- ياق. مېنىڭ سودامدىن زىيان چىقىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىم.. ئۇ پۇلداردىن بىرنى تېپىۋالدى.. ئەسلى مېڭەمنى ئارام ئالدۇرۇش كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ساياھەت قىلغان ئىدىم.. لېكىن ئۇ شەھەردە ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم.. ئۇ باشقا ئەر بىلەن بىللە ئىكەن..
- ئەسلى بۇنداق ئىش ئەرلەرنىڭمۇ بېشىغا كېلىدىكەندە، مەن تېخى بىز ئاياللارلا شۇنداق ئىشلارغا ئۇچرايدىغان ئوخشايمىز دەپتىمەن..
- شۇنداق.بىر ئائىلە بۇزۇلسا،كۆپىنچە ئادەم ئۇ خاتالىقنى ئەردىن كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭمۇ ۋاپاسىزلىرى كۆپ..
- ئىككىمىزنىڭ كۆرگەن كۈنى راستىنلا ئوخشاپ قالىدىكەن.. مەنمۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئاجرىشىش توختامىغا قول قويۇپ بۇ يەرگە قايتىپ كەلدىم.. شۇ كۈندىكى بالامنىڭ سۇغا چۈشۈپ كېتىشى ئەسلى يولدىشىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن، ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىسپات توپلاپ بالىنىڭ ئېلىپ بېقىش ھوقۇقىغا ئېرىشمەكچى ئىكەنتۇق.. ئۇلار دوختۇرخانىغا بالىنى ئېلىپ ماڭغاندا، مەن ماشىنىغا پاتمىدىم.. شۇنىڭ بىلەن باشقا ماشىنا توسۇشقا مەجبۇر بولدۇم.. بىتەلەيلىكىمنى كۆرمەمسىز ئۇ شوپۇر مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويماي،شۇ چەت يەرگە ئاپىرىپ قويدى.. ئۇ ماڭا چېقىلماقچى بولۇۋىدى ئايىغىم باسقان تەرەپكە قاچتىم.. دومىلاپ كېتىپ ئۆزۈمنىڭ نەگە بېرىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، ئاغرىققا چىداپ يولغا چىقىپ سىزنىڭ ماشىنىڭىزغا ئۇچراپ قالدىم..
-ئەسلى ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەن سىزنىڭ يولدىشىڭىزنى كۆرۈپتىكەنمەن.. ئۇ مۇخپىر بىلەن بىر ماشىنىغا چىقتى شۇنداقمۇ؟!
- شۇنداق، سىز قانداق بولۇپ؟!
- ئۇ مۇخپىر دەل مېنىڭ ئالدىنقى ئايالىم..
داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇