بەخت قولدىن كەتكەندە 🧡 36-قىسىم (ئەپچىدە 60قىسىم)

文摘   2024-09-27 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 -قارىسام شۇنداق سالاپەتلىك يىگىتتەك تۇرىدۇ.. ئۇنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ..

- ۋاي ھەدە، نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىز.. مەن ئەمدى تۇرمۇشتىن چىققان ئادەم.. قانداقمۇ باشقىلارنى ئويلىشاي! مەن ھازىر پۇل تېپىشنىلا ئويلايمەن.. يەنە كېلىپ ئۇ ماڭا پەقەت خەتەرگە يولۇقۇپتۇ دەپ ياردەم قىلدى، ئارىمىزدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق..

تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايرىدى. ئاشخانا خوجايىنى ئىدى.

- مەن سىلەر تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ئۆينىڭ ئالدىدا. چۈشەمسىز؟

- ھە، نېمە ئىش بار ئىدى؟

- ئاۋۋال چۈشۈڭ، ئاندىن دەيمەن..

- ھازىر خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىم ئىدى..

- بولىدۇ ئەمىسە، مەن ئۈستىگە چىقىپ سىزنى ئىزدەي..

- ۋاي ياق! بولدى مەن چۈشەي، ساقلاپ تۇرۇڭ..

- ۋوي سىز بەك جىددىغۇ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟!

- ھېچ ئىش بولمىدى ھەدە، پەسكە بىر دوستۇم كەپتىكەن، چۈشۈپلا چىقاي، كەچۈرۈڭ يالغۇز قىلىپ تۇرىدىغان بولدىڭىز، مەن چىقىپلا ياردەملىشىمەن..

- ھېچقىسى يوق، چۈشىۋېرىڭ، مەن يالغۇز يېتىشەلەيمەن..

ئالدىراپ پەسكە چۈشتۈ. ئۇ بىنانىڭ يان تەرىپىدىكى يولدا ماشىنا ئىچىدە تۇراتتى.

- بۇنداق قىلسىڭىز تازا توغرا بولمايدىغۇ دەيمەن. بىز تېخى چۈشتىلا كۆرۈشكەنغۇ؟! يەنە كېلىپ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىز مېنى خىجىل قىلغىنىڭىز بولماي نېمە؟! بىزنى باشقىلار كۆرسە نېمە دەپ ئويلايدۇ..

- ۋاي ۋۇي، نېمانچە جىددىيلىشىدىغانسىز؟ سىزگە بىر نەرسە ئالغاچ كەلدىم..

- نېمە؟

ئۇ قولۇمغا بىر كونۋېرتنى تەڭلىدى.

- ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ..

كونۋېرتنى ئىچىپ ئىچىدىكى باغاقنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. بۇ دەل يولدىشىم بىلەن مۇخبىر قىزنىڭ توي باغىقى بولۇپ ئۇنىڭغا قارىتا يېزىلغان ئىدى.

- ئۇلار مېنى تويغا چاقىرىپتۇ، يەنە كېلىپ باغاقنى ئۆزى قولۇمغا تاپشۇرۇپ بەردى.. ھا ھا ئويلىساملا كۈلگۈم كېلىدۇ..

- بۇ تازىمۇ قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ..

- ھېچقىسى يوق، مەن ئەسلى ئۇلار چاقىرمىغاندىمۇ بېرىشنى ئويلاشقان، ئەمدى ياخشى بولدى، يۈزۈم يورۇق ھالەتتە بارىدىغان بولدۇم..

- بوپتۇ! بېرىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز بېرىپ كېلىڭ..

- مەن سىزنى ھەقىقىي ھالدا تەكلىپ قىلغىلى كەلدىم. مەن بىلەن بىرگە بېرىڭ..

- مەن.. مەن سىزگە بايىلا ھارمايمەن دېگەنتىمغۇ..

- گەپلىرىڭىز سەل تىترەۋاتىدۇ.. مېنىڭچە ئىككىلىنىۋاتىسىز..

- ئوغلۇمنى كۆرۈشنى ئويلىسام بارغۇم كېلىدۇ، لېكىن يولدىشىمنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئويلىسام بېرىشنى خالىمايمەن..

- بىز ھامان بۇ ئىشلارغا يۈزلىنىشىمىز قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، مېنىڭچە مەن بىلەن بىرگە بېرىڭ.. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ..

- ھاھا، ياخشى ياشاۋاتقىنىنى؟ لېكىن مەن ياخشى ياشاۋاتمايمەن.. كۈنۈم ياخشىلانغىنى يوق.. يەنە كېلىپ ئۇلار مېنى چاقىرغىنى يوق.. بارسام ئاچچىقى كېلىدۇ..

- مەن سىزنى ئېپ بارىمەن. مېنىڭ كىمنى ئەپ بېرىشىمغا ئۇلار ئارلىشالملايدىغۇ، نېمىشقا ئاجرىشىپ بولۇپمۇ يەنە قورقۇپ يارايسىز.. ئاپاڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە دەپتىكەن، ئازراق ياسانسىڭىز شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كېتىسىز ھېلىھەممۇ شۇنداق چىرايلىق تۇرۇپسىز. نېمىشقا ئۆزىڭىزگە شۇنچە ئىشەنمەيسىز؟!

- بولىدۇ، مەن كەچكىچە سىزگە جاۋابىنى بېرەي، ئەگەر ئىدىيەمدىن ئۆتۈپ قالسا سىزگە دەي. ئىككىمىز بىرگە بارايلى.. ھە راست! بىزگە يېڭى خېرىدار تونۇشتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

- ھېچقىسى يوق، ئىككىمىزنىڭ چۈشتە كۆرۈشكەنلىكىنى ھەدىڭىزگە دېدىم، ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىنىمۇ دېدىم. شۇڭا سىز ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ..

- شۇنداق، بايا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم..

- ئەمىسە خەۋىرىڭىزنى ساقلايمەن جۇمۇ، ئىشىنىمەن. سىز چوقۇم مەن بىلەن بىرگە بارىسىز..

ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، مالچى ھەدەمنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كىردىم. ئۇنىڭ نېمىشقا ئۈندىدارداسۈرەتكە تارتىپلا يوللىغىلى بولىدىغان بىر تال باغاقنى كۆتۈرۈپ بۇ يەرگە كەلگەنلىكى ئىدىيەمدىن ئۆتمەيلا تۇراتتى.

- سىز پەسكە چۈشۈپ كەتكەنمىتىڭىز؟ بايامدىن بېرى چاقىرسام جاۋاب يوق..

- شۇنداق ھەدە، ئۇ كەپتىكەن..

- كىم؟

- ئاشخانا خوجايىنى..

- ۋوي، ئۇ نېمىشقا كەپتۇ؟ ئۆيگە چىقمىدىغۇ؟!

- ئالدىراپلا كەپتىكەن..

- بۇنداق قىلسىڭىز مېنى گۇمانغا سېلىپ قويىسىز جۇمۇ، ئىككىڭلارنىڭ بىر ئىشى بارمۇ نېمە؟!- مالچى ھەدەم مەقسەتلىك كۈلۈپ قويدى.

- ياقەي، ئۇ باغاقنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئۇلار باغاقنى ئۇنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ مېنى بىرگە بېرىڭ دەيدۇ..

- مېنىڭچىمۇ بېرىپ كېلىڭ، مەڭگۈ ئۇلاردىن قورقۇپلا ئۆتمەڭ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ياشىشىڭىز كېرەك..

- لېكىن بۇنداق قىلسام..

- لېكىن پېكىننى قويۇڭ. ئىككىلىنىپلا يۈرىكەنسىز، كىيىم دېسىڭىز مەن بېرەي.. گىرىم دېسىڭىز مەن تونۇيدىغان ياخشى گىرىمچىك بار، شۇنىڭدا قىلدۇرۇپ قويىمەن.. ماشىنا دېسىڭىز، ئاۋۇ يىگىتتە باركەنغۇ..

- ھەممىڭلارنى تەڭ ئاۋارە قىلارمەنمۇ؟! بارمايلا قوياي بولمىسا..

- بارمىسىڭىز تور ئەھلى سىزنى ھەرخىل ئويلايدۇ. بېرىپ قاتنىشىڭ، بۇمۇ تور ئەھلىگە يېڭى تېما بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھسۇلاتىمىزنىڭ سېتىلىشى تېخىمۇ ئاشىدۇ..

- ئۇغۇ شۇ! مەن ياخشى ئويلىشاي ھەدە..

سافادا ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل ئويلاشقا باشلىدىم. ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا ئىدى. مەن مەڭگۈ ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ بولالمايتتىم. ھامان بۇ ئىشلارغا يۈزلىنىشىم، قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى. يولدىشىمنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى، مۇخپىرنىڭ ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوق بولىۋېلىپ، مېنى زىيارەتنى قۇبۇل قىلىشقا زورلىغانلىرىنى، ئايروپىلاندا ئارقىدىكى ئورۇندا ئايرىم ئولتۇرغىنىمنى ئويلاپ چىقتىم. مەن ئىزچىل ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەدىرسىز ئاجىز ئادەم ئىدىم. قىزىق يېرى ئۇلاردىن تولۇق ئاجرىلىپ ناتونۇش ئادەمگە ئايلىنىپ بولغاندىمۇ، يەنە ئۆزۈمنى شۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغانىدىم.

ئاستا مالچى ھەدەمنىڭ ھۇجرىسىغا كىردىم.

- ھەدە، ماڭا بەرمەكچى بولغان كۆينىكىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟!

- مانا ئەمدى. ھەقىقىي مېنىڭ ئادىمىمگە ئوخشىدىڭىز..چىرايلىق ياسىنىپ قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ بېرىشىڭىز كېرەك..

مالچى ھەدەم ئىشكاپىنى ئاچتى. ئىشكاپ ئىچىدىكى چىرايلىق كىيىملەرنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم، ئۇ ئادەتتە ياسانمىغان بىلەن، چىرايلىق كىيىملىرى كۆپ ئىدى.

- ھەدە، بۇ كىيىملەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭما؟ كەيسىڭىز بولمامدۇ، سىز شۇنداق چىرايلىق بولغاندىن كېيىن ئەسلى ياسىنىپ يۈرسىڭىز بولاتتى..

- مەن مال توشۇيدىغان تۇرسام، بۇ كىيىملەرنى كىيىپ ياسىنىپ نەگە باراتتىم دەيسىز، لېكىن مۇشۇنداق ئېلىپ ساقلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىمەن..

تۇيۇقسىز مالچى ھەدەمنىڭمۇ چىرايلىق ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالدىم. ئۇمۇ تۇرمۇش خىزمەت دەپ ياسىنىشنى ئۇنتۇپ قالغانىدى. لېكىن يۈرىكىدە يەنىلا ئاياللارغا خاس بىر بوشلۇق بولۇپ، چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرەتتى.

- ھەممىسى بەك چىرايلىقكەن ھەدە، قايسىنى تاللاشنى بىلەلمەيلا قالدىم، بولمىسا سىز تاللاپ بېرىڭ.ئادەتتە بەك كىيىپ كەتمەيدىغىنىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىزلا بولدى، مەن بەك چىرايلىق ياسىنىپ كېتىشنىمۇ خالىمايمەن..

- مەن مۇشۇنداق يىغقان بىلەن بۇلارنى كىيىپ كېتىشىم ناتايىن. ئىككىمىزنىڭ بەدەن شەكلى ئۇنچىلىك چوڭمۇ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، سىز قايسىنى كىيسىڭىزلا پاتىدۇ، ئۆزىڭىز تاللىۋېلىڭ..

چىرايلىق كىيىملەرنىڭ كۆپلىكىدە قايسىنى تاللاشنى بىلەلمەيلا قالدىم، توغرىسىنى ئېيتقاندا ھەممىسىنىلا كىيگۈم بار ئىدى. لېكىن ھېچقايسىسى مېنىڭ ئەمەس ئىدى.

- سىزنىزە، يەنە ئىككىلىنىپ كەتتىڭىز ھە!بولىدۇ، مەن تاللاپ بېرەي، ماۋۇ قىزىلنى كىيىڭ، بۇنى كىيسىڭىز ھەممە ئادەم سىزگە دىققەت قىلىدۇ، چىرايىڭىز ئاق بولغاندىن كېيىن، قىزىل كىيىم تېخىمۇ يارىشىدۇ. ئېچىلىپ كېتىسىز..

- بولىدۇ ھەدە، مېنىڭچىمۇ بۇ بولىدىكەن، كىيىۋېلىپلا پاكىز يۇيۇپ قايتۇرۇپ بېرىمەن..

- بۇنچە تەكەللۇپ قىلىپ كەتمەڭ، بۇ كىيىملەرنى مۇشۇنداق ئېسىپ قويغان بىلەن مەنمۇ كىيىپ كەتمەيمەن سىزگە بېرىۋېتەي..

- ياق، ياق، ھېلىمۇ ماڭا قىلغانلىرىڭىز بەك كۆپ، بۇنى ئالالمايمەن. چۈنكى مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەتتە سورۇنغا بارمايمەن. بۇنى كىيىپ كېتىشىم ناتايىن. مۇشۇ بىرلا كۈن كىيىۋالسام بولدى..

- ئىشقىلىپ بەك جاھىل جۇمۇ سىز مەيلى ئەمىسە.. شۇ تويغا بارىدىغانلا ئىشىڭىز بولسا، قانداق قىلسىڭىز ئىختىيارىڭىز، ماڭا چىرايلىق ياسىنىپ بەرسىڭىزلا بولدى..

- ئەمىسە بۈگۈن بۇ كۆينەكنى ئېلىپ كېتەي ھەدە، ئۆيگە ئاپىرىپ دەزماللاپ ئېسىپ قوياي، ئىككى كۈندىن كېيىن كىيىۋېلىپلا سىزگە قايتۇرۇپ بېرىمەن..

- ماقۇل ماقۇل، ھېچقىسى يوق! يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تەييارلاپ بولدۇڭلارمۇ؟

- ۋاي ئىسىم قۇرسۇن، ھەدەمگە ياردەملىشىپ بېرىۋاتقان ئىدىم ھازىر چىقاي..

ئالدىراپ ئايروپىلاندا ئۇچرىغان ئايالنىڭ يېنىغا چىقتىم.

- ھەدە سەت بولدى، يالغۇز جاپا تارتىپ قالدىڭىز، ئەمدى ئاخىرىغا ياردەملىشىپ بېرەي..

- ياقەي، ھېچقىسى يوق! بۇ ئىشقا بىر ئادەممۇ يېتىشىدۇ قىلىپ بولاي دەپ قالدىم..

ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىشكە باشلىدىم، ئۇ ماڭا مەنىلىك قاراپ كۈلۈپ قويدى.

- ياق، ئارىمىزدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق دەيسىز تېخى..

- بۇ.. بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ ئۇنىڭ بىلەن راستتىنلا ئارىمىزدا مۇناسىۋەت يوق..

- ئەمىسە نېمىشقا تەستە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىسىز؟

- سىز ماڭا ئەگەشكەنمىدىڭىز؟ بۇنداق قىلسىڭىز توغرا بولمايدىغۇ دەيمەن ھەدە..

- ياقەي، ئەگەشكىنىم يوق، بىردەم ئارام ئالاي دەپ دەرىزىدىن قاراپ كۆردۈم. ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ، بۇ دەرىزىدىن سىلەر تۇرغان ئورۇن ئېنىق كۆرۈنىدۇ..

نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.

- سىزگە دېسەم ئۇ ئادەمنىڭ سىزگە كۆڭلى باردەك قىلىدۇ. قاراشلىرىمۇ باشقىچە..

- ھەدە، خاتا چۈشەنمەڭ. ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا راستىنلا باشقا مۇناسىۋەت يوق، ئۇ بىر ماتېرىيالنى ئەكەپ بەرگىلى كەپتىكەن. مەن ئېلىۋالدىم، مۇشۇنچىلىكلا ئىش..

- بىلىمەن بىلىمەن، بۇنچە ئىچكىرلەپ چۈشەندۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، مەن پەقەت ئىككىڭلارنى ماس كېلىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم خالاس، ئۇنىڭ تۇرمۇشى بارمىكەن؟

- ياق. يېقىندا ئاجرىشىپ كېتىپتۇ..

- ۋوي سىزگە نەقلا ماس كېلىدىكەنغۇ؟! مېنىڭچە..

- بولدى ھەدە، قولىمىزدىكى ئىشنى قىلايلىچۇ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق دېدىم..

ئۇ گېپىمدىن ئوڭايسىزلىنىپ قالدى بولغاي قايتا سوئال سورىمىدى.

لىمونلارنى تەييارلاپ تۇڭغا سېلىپ چىلاپ قويغاندىن، كېيىن مالچى ھەدەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كىردىم.

- بىر تۇڭ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەييارلاپ قويدۇق ھەدە، ئەتىگىچە ئۇيۇيدۇ، ياخشى چىقسىلا بولاتتىغۇ..

- ئىشىنىمەن. چوقۇم ياخشى چىقىدۇ. بولدى، قايتىپ ئارام ئېلىڭ..

ئىشىكتىن چىقىپ پىيادە قايىتماقچى بولۇپ، ئۈندىدارىمدىكى پۇلغا قاراپ قويدۇم. بۈگۈن پىيادە مېڭىشىمنىڭ ھاجىتى يوقتەك قىلاتتى. ئاپتوبۇسقا چىققاندىن كېيىن دادامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم.

 مەھەللىدە چۈشۈپ بىر ئاز مېۋە ئالغاندىن كېيىن ئىشىكنى ئاچتىم. ئۆگەي ئاپام يوق بولۇپ، دادام يالغۇز ئولتۇراتتى.

- دادا، بۈگۈن يالغۇز قاپسەنغۇ، ئايالىڭ قېنى؟

- سىرتقا چىقىپ كەتتى.. قولۇڭدىكى نېمە؟

- مېۋە، سىلەرنى يېسۇن دەپ ئەكەلدىم..

مېۋىنى ئۈستەلگە قويدۇم.

- يېقىندىن بېرى بىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىدىغان بوپ قالدىڭ. پۇل تېپىۋاتامسەن نېمە؟

- ياقەي، باشلىقىم بېرىۋاتىدۇ.. تۈنۈگۈنكى تاماقنىمۇ ئۇ بەرگەن..

قائىدە بويىچە تاپقان پۇلۇمدىن دادامغا ئازىراق بېرىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ پۇلنى نەچچە كۈنلۈك كىرا بىلەن تاماققا ئاران يېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ دادامغا بېرىشتىن ۋاز كەچتىم.

- پۇل تاپىمەن دەپ بەك داۋراڭ سېلىپ كېتىپ بارمامتىڭ، تېخىچە پۇل تاپالمىدىڭما؟

- مەن ئىشقا چۈشكىلى تېخى بىر ئاي بولمىدى، بىر ئاي بولسا ئاندىن تاپىمەن..

- بوپتۇ. پۇل تاپقاندا ئۆينىڭ ئىجارىسىنى بېرىۋەت.. - دېدى دادام خالتىدىن بىر تال ئالمىنى ئېلىپ چىشلىگەچ.

 مېۋىنى جايىدا قويۇپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. ئۈندىدارىمدىكى پۇلغا قاراپ سۆيۈنۈپ كېتىپ باراتتىم. گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ كىرىمىم ئىدى. ئۆزۈم باشلىغان ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن جاپا ھەققى ئىدى.

- ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ پۇلى بولىدىغان بولدى.. ئاخىرى ئۆزۈم پۇل خەجلىيەلەيدىغان بولدۇم..

 بۇ ھالىتىمنىڭ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، لېكىن يولدىشىنىڭ بېسىشى، باشقىلارنىڭ تۆۋەن كۆرۈشى ئاستىدا ياشىغان ئايالنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل تېپىشى راستىنلا ئېيتقۇسىز خوشاللىق ئىدى.

 يانفوننى ئېلىپ ئاشخانا خوجاينىغا ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم.

- ئۆگۈنلۈككە سىز بىلەن تويغا بىرگە بېرىشقا قوشۇلدۇم..

شۇئان ئۇنىڭدىن خوشال بولغان چىراي ئىپادىسى قايتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章