خيۇنداي Creta ئاپتوموبىلىغا قىزىقىپ قالىسىز

文摘   2025-01-03 16:18   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، خيۇنداي ئۆز قارمىقىدىكى خيۇنداي Creta ساپ توكلۇق نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىل يېقىلغۇ ماي نۇسخىسى ئاساسىدا ياسالغان.

ئورگان سۈرەتتىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىدە ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپىدا كۆپ ئۇچرايدىغان يېپىق شەكىلدىكى سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسىدا بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى كۈندۈزلۈك چىراغ ئۇسلۇبى نىسبەتەن مودا، يىراق-يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى سالاسۇننىڭ ئاستى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇسلۇبى نىسبەتەن خاسلىققا ئىگە.

ئالدى يۈزىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ياپىلاق تىراپېتسىيە شەكىللىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى ساقلاپ قېلىنغان، ئىچكى قىسىمىدا تورسىمان قۇرۇلما قوللىنىپ زىننەتلەنگەن.

يان تەرەپ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل تورۇسى روشەن يايسىمان بولۇپ، توم يۈك-تاق جازىسى ھەمدە لەھەڭ پالاقچىسى سەپلەنگەن، قوش رەڭلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسىدە يەنە لەيلىمە شەكىلدىكى ئاپتوموبىل تورۇسى ھاسىل قىلىنغان، نۆۋەتتە ئىنتايىن مودا بولغان لايىھە شەكلىگە تەۋە، بەل سىزىقلىرىدا بۆلەكلەرگە ئايرىلغان لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۈسىنى ئاشۇرغان، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسىمىنىڭ لايىھەسىدە كۆتۈرۈلۈپ چىققان قارا رەڭلىك بېزەك تاختا بار، چاق گەردىشىدە تۆۋەن شامال قارشىلىقىدىكى بەش بالداقلىق شەكىل قوللىنىلغان.

قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى ھەمدە تورمۇز چىرىغى سەپلەنگەن، قارىدالغان قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىغا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان، نومۇر تاختا رامكىسى رايونىدا پېتىنقى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ قاتلام تۈسىنى زىننەتلىگەن، ئاستى ئورالما قىسمى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈمۈش-كۈلرەڭ بېزەك تاياقچە قوشۇلۇپ زىننەتلىنىپ، كۈچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە ئورگان تەرەپ سۈرىتى تېخخ ئېلان قىلىنمىغان، يېقىلغۇلۇق نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپىدىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلدا قوش شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى قوش تۇتاش ئېكران ھەمدە مېخانىك شەكىلدىكى خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەنگەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالدىغا ئورنىتىلغان يەككە ئېلېكتىر موتور سەپلەنگەن بولۇپ، كونكرېت پارامېتىرى ئېلان قىلىنمىدى، ئەمما ئورگان تەرەپ ئۇنىڭ 0-100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتىنىڭ 7.9 سېكۇنت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، يېقىلغۇ ماي نۇسخىسىدىكى CretaNدىن تېخىمۇ تېز، باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ 42kWh ۋە 51.4kWhلىق ئىككى خىل سىغىمى بار، ماس ھالدىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 390 كىلومېتىر ۋە 473 كىلومېتىر، تېز توك قاچىلاش ھالىتىدە 58 مىنۇتتا توك مىقدارىنى %10تىن %80كە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ
ماشىنا سودىسى، ئۆي سودىسى، نەرسە-كېرەك سودىسى، ھەرخىل سودىلار جەملەشكەن، ئۇچۇر ئەپچاقنى چۈشۈرۋېلىپ قۇلاي بولغان سودىنى باشىۋېلىڭ


Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章