كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ئىمپىرىيە كۇلۇبىدا.
ئىلھام تېخى يېتىپ كەلمىگەن بولۇپ، ئەكسىچە دىلھايات ئاۋۋال كېلىپ بولغان ئىدى.
قەيسەرنىڭ بىر قولىدا گۈلزىرەنى، بىر قولىدا ئەلدارنى يېتىلەپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەزەلدىن ئېغىر ـ بېسىق كەلگەن دىلھايات، ھاراقتىن قېقىلىپ كەتكىلى تاس قالدى.
ئۇ چوڭقۇر مەنىلىك كۆزلىرى بىلەن قەيسەر بىلەن گۈلزىرەگە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ، رومكىنى قويۇپ:
-قارىغاندا، ئىقرار قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئوخشايسەن، قاچان بىزگە تۇيدۇرماي، ئوغلۇڭنى بۇنچە چوڭ قىلۋالدىڭ؟- دېدى.
قەيسەر بۇرادەرلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولغان، ئۇ ئىككىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ، مۇلازىمەتچىلەرگە كىچىك بالىلار ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق - تۈرۈم ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى، ئاندىن كېيىن: -ئاداش، مەن ھەممىڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم، ھەۋەس قىلدىڭلارمۇ؟-دېدى.
ئۇ گۈلزىرە بىلەن ئەلدارنى تونۇشتۇردى.
-بۇ بالا ساڭا راستىنلا بەك ئوخشايدىكەنغۇ؟-دېدى ئۇ چاقچاق قىلىپ.
دىلھايات گۈلزىرەنىڭ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، قەيسەرگە يېقىن بېرىپ:
-ئاكا، يەتتە يىل ئىلگىرى ...
قەيسەر كۆز قىستى - دە، پەس ئاۋازدا:
-سەن رازۋېدچىك بولساڭ بولىدۇ!-دېدى.
دىلھايات شۇ ھامان ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندى.
-ئەجىبا ئەلفىرە...
-چېچەن پاكىزلىق كېسىلىمنى پەقەت بىرلا ئادەم ساقايتالايدۇ.
قەيسەر شۇنداق دېگەچ دىلھاياتنىڭ دولىسىغا شاپىلاقلاپ تۇرۇپ:
-بۇ ئىشتا ئەسلى ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن،- دېدى.
دىلھايات بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بىر نەچچە سېكۇنت تۇرۇپ كەتتى، ئاندىن: -بۇنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ھازىرلا توي قىلىپ، بالىلىق بولغۇم كېلىپ كەتتى!- دېدى.
بۇ چاغدا ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئىلھام چىرايلىق بىر قىز بىلەن بىللە كىرىپ كەلدى.
گۈلزىرە تازىلىق ئۆيىدىن چىقىۋاتقاندا، ھېلىقى قىزنى كۆرۈپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ، ئورنىدا تۇرۇپ قالدى.
رەنا!
ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەڭ ياخشى دوستى.
ئۇ كۈنى ئۇ ئۈندىدارىنى ساقلاپ قويۇپ، قوشۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئويلىمىغان يەردىن شۇ تاپتا ئۆزىنى كۆردى.
ئىلھام گۈلزىرەگە دىققەت قىلمىدى،
بەلكى ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان ئەلدارنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ:
-بۇ نەدىن كەلگەن كېلىشكەن يىگىت؟ -دېدى.
-قەيسەر ئاكامنىڭ ئوغلى.
-ھە، كەلگۈسىدىكى ئوغلۇم،- دەپ تولۇقلىدى قەيسەر.
-ۋاي مانى! بۇ گېپىڭىنى ئاڭلاپ بولۇپ قارىسام ھەقىقەتەن ئوخشاۋاتىدۇ!-دېدى ئىلھام.
ئۇنىڭ كەينىدىكى رەنا كىرىپ ئەلدارنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ قالدى.
بۇ بالا نېمە ئۈچۈن، گۈلزىرەگە شۇنچە ئوخشايدۇ؟
بۇ چاغدا قەيسەر گۈلزىرەنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە:
-تونۇشتۇرۇپ قوي، بۇ مېنىڭ كەلگۈسىدىكى خوتۇنۇم ئەلفىرە، بۇ مېنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوغلۇم ئەلدار،- دېدى.
ئىلھام بېشىنى لىڭشىتىپ:
-يەڭگەمنى تونۇيمەن، بىراق كەلگۈسىدىكى ئوغلىڭىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم،ئاكا، قالتىسكەنسەن!-دېدى.
ئۇ سۆزلەۋېتىپ رەناغا قارىدى:
- بۇ مېنىڭ شىركىتىمدىكى خىزمەتدىشىم رەنا بولىدۇ. رەنا، بۇ مېنىڭ سىزگە ئېيتىپ بەرگەن دوستۇم قەيسەر.
-خىزمەتدىشىم؟
دىلھايات قېشىنى ئېتىپ:
-ئىلھام ،تۇنجى قېتىم قىز دوستىلىرڭىنى تونۇشتۇرغىنىڭنى ئاڭلىشىم!-دېدى.
-جىق گەپ قىلما!-ئىلھام ئالىيىپ قويۇپ،-ئۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ خىزمەتدىشىم، بۈگۈن بىر چوڭ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بەردى، مەن ئۇنى ،مېھمان قىلدىغان بولغان، سىلەر قالايمىقان چاقچاق قىلماڭلار!
-بولىدۇ، بىلدىم، بىر قاراشتىنلا ياخشى ئائىلىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئىلگىرى ئەكەلگەنلىرىڭگە ئوخشىمايدىكەن.
دىلھايات قولىنى سوزۇپ:
-رەنا خانقىز ياخشىمۇسىز، سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن!- دېدى.
رەنا كۆپچىلىك بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، گۈلزىرەنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ:
-ئەلفىرە خانقىز، ياخشىمۇسىز! دېدى.
-رەنا خانقىز، سىزنى رەنا دەپلا چاقىرسام بولامدۇ؟-گۈلزىرە ھاياجىننى بېسۋالدى.
-ئەلۋەتتە بولىدۇ!
رەنا كۈلگىنىچە:
-ئۇنداقتا مەن سىزنى ئەلفىرە دەپ چاقىراي، مەنمۇ ئەمەلىيەتتە بۇنداق بەك سىپايە گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن!
دەرۋەقە، ئۇ يەنىلا ئۆزى تونۇيدىغان قىز رەنا ئىكەن.
گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ، كۆزلىرى ئىختيارسىز ياشقا تولۇپ:
-ماقۇل!
ئۈچ ئەر كىشى سودا ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، گۈلزىرە بولسا رەنا بىلەن بىللە، بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىپ، بىر تەرەپتىن ئەلدارنىڭ ئويۇنچۇق ئوينىغىنىنى كۆرۈپ ئولتۇردى.
-ئەلفىرە، جىيەن ئوغلىڭىز مېنىڭ بىر دوستۇمغا ئوخشايدىكەن،-رەنا ئۇھ تارتىپ،-لېكىن مەن ئۇنى كۆرمىگىلى نەچچە يىل بولدى!
گۈلزىرە كۆڭلىدە تۈگۈلۈپ:
-رەنا، مېنىڭچە ئۇنىڭ پەيدا بولماسلىقىدا چوقۇم بىر دەردى بار، ئۇ چوقۇم سىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ!-دېدى.
-مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،-رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ،-ھېچقىسى يوق، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى كۈتىمەن، چوقۇم ساقلايمەن!- دېدى.
گۈلزىرە تېلېفوننى ئېلىپ:
-ئۈندىدارىڭىزنى قوشۇۋاسام بولامدۇ؟-دېدى.
-ياخشىغۇ!-رەنا دەرھال ئۈندىدارنى چىقاردى.
گۈلزىرە تونۇش باش سۈرىتى ۋە ئىسمىغا قاراپ يېنىك ئۇھ تارتىپ، ئاندىن ئۈندىدارىنى قوشتى.
بىر نەچچە سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە تۇيۇقسىز گۈلزىرەگە قاراپ تۇرۇپ:
-ئەلفىرە، سىز بىرەرسىنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟- دېدى.
-ياق،-گۈلزىرە بېشىنى چايقىدى.
ئەينى چاغدا جالال بىلەن يۈرگەندىمۇ، جالال ئاۋۋال ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.
-ھەي، مەن سىزگە سۆزلەپ بېرەي، سۆزلەپ بەرسەم كۆڭلۈم ئېچلىپ قالار،مەن ئۇ ئادەم بىلەن تونۇشقىلى ئون يىل بولدى ...
گۈلزىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بولدى.
-بىز ساۋاقداش، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىمۇ مۇناسىۋىتىمىز خېلى ياخشى ئىدى، ھەتتا بەزىدە ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. لېكىن، ئۇ چاغدا مېنىڭ بۇ ئىشنى ئاشكارلىغۇدەك جاسارىتىم يوق ئىدى، كۆڭلۈمدە بۇنداق بولسىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلاپ قالدىم. بىراق، كېيىن ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، ئاڭلىسام قىز دوست تۇتۇپتۇ.
بۇ بۆلەك، ئۇ بىلمەيدىغان ھېكايە.
گۈلزىرەنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدا رەنا ھېلىقى ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرەتتى، ھەر قېتىم دەرستىن چۈشكەندە چوقۇم ئوغۇللار سىنىپىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلەتتى، ئۇنىڭ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر قاپ زۇكام دورىسى قويۇپ قوياتتى، ئوغۇل بالىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قالسا، ئۆزى يالغۇز يېرىم كۈن كۈلەتتى ...
-ئۇ قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن مەن بىلەن ناھايىتى ئاز ئالاقىلاشتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىم پاراڭلاشقاندا، قىز دوستىنى تىلغا ئالاتتى،-رەنا سەل ئازابلانغان ھالدا،-مەن بىلمەن، ئۇ قىز دوستىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. بىراق، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى يەنىلا ئايرىلىپ كەتتى. مەن تېخى، مەن ئاخىرى ئۇنى كۈتۈپ كەلدىم دەپ ئويلاپتىمەن، ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا ئادەم يوق، لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئون ئېغىز ئۇچۇر يوللىسام، ئۇ كۆپ بولغاندا ئىككى ئېغىز جاۋاب قايتۇردۇ،- دېدى.
ئۇ شۇنداق دېگەچ، يانفونىنىڭ ئېكرانىنى گۈلزىرەگە كۆرسەتتى:
-ئەلفىرە قاراڭ، مەن ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە بويۇن ئومۇرتقۇم ئاغىرۋاتىدۇ دەپ يوللىغىنىنى كۆردۈم، شۇڭا، مەخسۇس بىر داڭلىق ئۇۋۇلاش دۇكىنىنى ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا ئادرېسنى دەپ، ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم بارسىڭىز ھەقسىز،دېدىم. نەتىجىدە ئۇ ئۈچ سائەتتىن كېيىن رەھمەت دەپ جاۋاب قايتۇردى.
-رەنا، ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى بولمسا،سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بۇنچە قىينماڭ، 10 نەچچە يىل تىرىشتىڭىز، 10 نەچچە يىل تىرىشسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، ئەمدى ۋاز كېچىڭ،- دېدى گۈلزىرە ئىچ ئاغرىتىپ.
-مەن بىلىمەن،-رەنا خورسىنغان ھالدا،-مېنىڭمۇ غورۇرۇم بار، ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئەۋەتكەن خەۋىرىنى كۆرسەم، ئۇ «ھە»، «ياخشى»، «ھە» لەرنىڭ ئەمەلىيەتتە رەت قىلىنغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، مەنمۇ يۈزۈم تۆكۈلگەندەك ئۆزىمنى بەك پەستەك ھېس قىلىمەن، لېكىن زادى كېچەلمەيمەن!- دېدى.
-ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرمەيدىغان قىلۋېتىڭ، ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېچقانداق ئۇچۇر يوللىماڭ. رەنا، بۇ دۇنيادا تاشلىغىلى بولمايدىغان نەرسە يوق، ئاستا - ئاستا كۆنۈپ قالىسىز،-ئۇ سۆزلەۋېتىپ، رەنانىڭ يان تېلېفونىنى ئېلىپ،-ھازىرلا پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى يۇيۇۋېتىڭ، ئاندىن ئۇچۇر كەلسە ئەسكەرتىش بەرمەس قىلۋېتىڭ.
-مەن...
رەنا سەل قىيالماي قالدى، بىراق، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھېچقانداق جاۋابقا ئېرشەلمىدى، ئۇ بەل قويىۋېتىشنىڭ،ۋاز كېچىشنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، خۇددى ئۆزىنىڭ يېنىۋېلىشىدىن قورققاندەك، تېز سۈرئەتتە ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى توسۇپ قويدى، ئاندىن سۆزلىشىش خاتىرىسىنى يۇيىۋەتتى.
-كېيىن يەنە ئۇنىڭغا ئۇچۇر يولىغۇم كەلسە، قانداق قىلىشىم كېرەك؟-ئۇ سەل ئەنسىرىگەن ھالدا سورىدى.
-ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇچۇر ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز، دەرھال ماڭا دەپ قويۇڭ،-گۈلزىرە رەنانىڭ كۆزلىرىگە قاراپ،-مەن بىرىنچى بولۇپ سىزنى توسۇيمەن!- دېدى.
-بەك ياخشى بولدى، رەھمەت سىزگە، ئەلفىرە!
رەنا قۇلىنى سوزۇپ گۈلزىرەنىنى قۇچاقلىدى.
-بىز بىر يەردە كۆرۈشكەنمۇ؟
-بەلكىم تەقدىر بولسا كېرەك.
گۈلزىرە رەنانىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ قويۇپ:
-كېيىن بىز بىرلىكتە تىرىشايلى!
-ماقۇل!
رەنا قەيسەرگە ئوغرىلىقچە قاراپ قويۇپ:
-ئۇقەيسەر ئەپەندى، راستلا سىزنىڭ بولغۇسى يولدىشىڭىزمۇ؟-دېدى.
-ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماڭ، ئۇ ...
گۈلزىرە تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ قەيسەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق سۆز بىلەن تەسۋىرلەشنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئۇ نائىلاج مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ:
-ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىم، مەن ئۇنىڭ چىشىغا تېگەلمەيمەن، ئۇ نېمە دېسە دەۋەرسۇن!
-ئۇ قارىماققا سىزنى بەك ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇ! بىراق راست گەپنى قىلسام، بۈگۈن سىزنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۈگۈن ئىلھام باش دېرىكتور بىلەن بىللە كەلگىنىم بىكارغا كەتمەپتۇ!-دېدى رەنا.
-شۇنداق!ھە، راست، ئىلھامدىن پەخەس بولۇڭ، قارىماققىلا ئۈجمە كۆڭۈل، ھەرگىز ئۇنىڭغا بىلەن يېقىن كەلمەڭ!-گۈلزىرە پىچىرلاپ،-مەن ئۇ ئېلىپ چىققان قىزلارنىڭ بەشتىن كەم ئەمەسلىكىنى كۆرگەن!- دېدى.
-ھا ھا ھا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن قاراشقا سوغۇق ئوغۇللارنى ياخشى كۆرىمەن!-دېدى رەنا پەس ئاۋازدا.
ئىككى قىز بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، بىر مەھەل خۇشال پاراڭلىشىپ، توختىماي كۈلۈپ كەتتى.
شۇ تاپتا شەمىسىيە ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىققان ئىدى.
بۇ كۈنلەردە، ئۇ ھامىلىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىزچىل دوختۇرخانىدا يېتىپ، ساراڭ بولاي دېدى.
بەختكە يارىشا، بالا ئاخىرى ساقلاپ قېلىندى، ئۇ بىر كوزىرغا ئىگە بولدى.
بىراق، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ،ياردەمچىسىنىڭ شەخسىي ماشىنىسى بىلەن ئۇنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.
-شەمسىيە ھەدە، شىركەت تەرەپ ماشىنا قىس دېگەن، شۇڭا، سىزنىڭ ماشىنىڭىز قايتۇرۇۋېلىندى،ھازىر ئۇنى نادىرەگە بەردى ...-ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ،-ھەتتا ۋاستىچىمۇ، بايا ئىستېپانامە سۇندى، مەن سىزگە تاپشۇرۇپ بېرەي ...- دېدى.
شەمسىيەنىڭ يۈرىكى بىردىنلا يېرىلىپ كەتكەندەك بولدى، ئۇ ئاچچىقلانماقچى بولغاندا، دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئاچچىقىنى بېسىۋالدى.
ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ يان تېلېفونىنى ئېلىپ، مىكرو بىلوگنى كۆرۈشكە باشلىدى، قارىغانسېرى ئاچچىقى كېلىپ، يان تېلېفونىنى دېرىزىدىن تاشلىۋەتكىلى تاس قالدى.
بۇ چاغدا، تۇيۇقسىز بىر ئىسىم كۆز ئالدىغا بۆسۈپ كىردى.
گۈلزىرە.
توغرا، ئەڭ مۇھىم كورىزنى ئۇ تېخى ئىشلەتمىدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇