كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
مۇخبىرلار جالال تىلغا ئالغان «كۆپ يىل ياخشى كۆرگەن قىز» دېگەن سۆز بىلەن قايناپ كەتتى.
-جالال ئەپەندى، سىز دېگەن قىزمۇ ئارتىسمۇ؟ئۇ بۈگۈن نەق مەيداندىمۇ؟
-جالال ئەپەندى، بۈگۈنكى ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۇنىڭغا كۆڭۇل ئىزھار قىلغىنىڭىز دەپ بىلسەك بولامدۇ؟
-جالال ئەپەندى، سىز كۆپ يىل ياخشى كۆرگەن قىز تۇرۇقلۇق، نېمىشقا شەمسىيە خانقىز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويدىڭىز؟
-ئەجىبا ئەينى ۋاقىتتىكى چاي ئىچىشنى جەمەت ئورۇنلاشتۇرغانمۇ؟
گۈلزىرە كەينىگە بۇرۇلغاندا، جالال:
-يەتتە يىل ئىلگىرى بىر خاتالىق ئىدى، مېنىڭ بەك كۆپ چۈشەندۈرگۈم يوق .مەن ھازىر پەقەت ئۇنى تېپىپ، بۇ ئۈجمىنى ئۇنىڭغا ئۆز قولۇم بىلەن سوۋغا قىلسام دەيمەن،-دېدى.
گۈلزىرە چوڭقۇر بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن كۆڭلىدە:
-مەن تاپشۇرۇپ ئالدىم، بىراق، بىز راستىنلا قايتالمايمىز،چۈنكى ئەينى چاغدىكى گۈلزىرە ئەمدى كەلمەسكە كەتتى-دېدى.
مۇخبىرلار يىغىنى يەنىلا ناھايىتى قىزىپ كەتكەن بولسىمۇ، جالال ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن ھالدا:
-قالغان سوئالىڭلارغا ئالاھىدە ياردەمچىم رادىل جاۋاب بېرىدۇ، بۈگۈنكى زىيارەت قوبۇل قىلشىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،-دېدى.
گۈلزىرە دۇكانغا قايتىپ كېلىپ، ئىشىك ئالدىدا 30 نەچچە ياش ئەتراپىدىكى ئاددىي كىينگەن بىر ئايالنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
ئۇنى كۆرگەن ئايال ئۇنىڭغا:
-سىز بۇ تاتلىق تۈرۈم دۇكىنىنىڭ خوجايىنىمۇ؟مەن يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا كەلگەن،-دەپ سورىدى.
گۈلزىرە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.
- مەن شۇ، بىراق نېمە يۈز تۇرانە ئىمتىھان؟
ئايال چۈشەندۈرۈپ:
-مېنىڭ ئىسمىم ھاۋاگۈل، قەيسەر بەگزادىنىڭ چوڭ ئۆيىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن، ئەگەر سىز مېنى ماس كېلىدۇ دەپ قارىسىڭىز، دۇكاندا قېلىپ ياردەملىشەي،- دېدى.
بۇ ئەبلەخ، نېمىشقا ئۇنىڭغا دېمەيدۇ؟
گۈلزىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:
-بولىدۇ، مەن بىلەن بىللە كىرىڭ!- دېدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇمۇ ئىشچى قوبۇل قىلىش ئىشىنى ئويلىشىۋاتاتتى، لېكىن ئىزچىل مۇۋاپىق نامزات بولمىدى.
قەيسەر ئويلىمىغان يەردىن چوڭ ئۆيدىن بىرنى چاقىرىپ كەپتۇ.
گۈلزىرە ھاۋاگۈلنى باشلاپ كىرىپ:
-تاماق ئېتەلەمسىز؟تاتلىق - تۈرۈم پىشۇرۇپ باققانمۇ؟-دېدى.
ھاۋاگۈل بېشىنى لىڭشىتىپ:
-ھە، مەن تاماق ئېتەلەيمەن، ئىلگىرى ئىزچىل ئاشخانىدا ياردەملىشەتتىم،-دېدى.
-بولىدۇ، مەن بىر تاتلىق تۈرۈم تەييارلاي، سىز ماڭا ئەگىشىپ ئۆگىنىڭ، ئاندىن ياساپ بېقىڭ، مەن تېتىپ باقاي،-گۈلزىرە ئۈلگە كۆرسىتىشكە باشلىدى.
ئۇ ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ھاۋاگۈلنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرسەتمە بەرمىسىمۇ، پۈتۈنلەي ئوپمۇ ئوخشاش قىلالايدىغانلىقىنى بايقىدى.
قاراشقىلا تەجرىبىلىك ئىدى!
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوخشىمىغان تەمدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردى، ئاندىن ھاۋاگۈلغا بىر - بىرلەپ سىناپ بېقىشنى ئېيتتى.
ھاۋاگۈلنىڭ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، گۈلزىرە ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، قەيسەرگە تېلېفون قىلدى.
شۇ تاپتا، قەيسەر يىغىن زالىدا يىغىن ئېچىۋاتاتتى، يان تېلېفوننىڭ ئاۋازى گەرچە تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ گۈلزىرەدىن كەلگەندە چىقىدىغان مەخسۇس قوڭغۇراق ئاۋازى يەنىلا نەق مەيداندىكى بارلىق يۇقىرى قاتلام باشلىقىلىرىنىڭ قۇلىقىغا تارقالدى.
قوڭغۇراق ئاۋازىدىكى ناخشا تېكىستى مۇنداق:
-جېنىم،سىزگە تېلېفون قىلدىم!جېنىم،جېنىم، تېز تېلىفۇننى ئېلىڭ!
ئەمدى ئالمىسىڭىز خاپا بولۇپ قالىمەن ...
يۇقىرى قاتلام باشلىقىلىرى قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بۇ كىمنىڭ دەپ كۈلمەكچى بولدى، ئاندىن قەيسەرنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ يېنىغا قويۇلغان يان تېلېفوننىڭ يورۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
كۆپچىلىك ھەيرانلىق بىلەن قەيسەرگە قاراپ تۇردى.
چوقۇم ئۇلار خاتا ئاڭلاپ قالدى، ئۇلارنىڭ خوجايىنى قانداقسىگە بۇنداق نەرسىنى ئاڭلىسۇن؟
يان تېلېفونمۇ چوقۇم قەيسەرنىڭ ئەمەس.
بىراق، كۆپچىلىكنىڭ ھەيرانلىق نەزىرىدە قەيسەر تەمكىنلىك بىلەن يان تېلېفونىنى ئالدى،ئاندىن بىلەر بىلنىمەس كۈلدى.
ئانەمي، بىزنىڭ باش لېدىر كۈلۈۋاتامدۇ؟!
قەيسەر تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، يىغىن زالىدىن چىقىپ، يېنىدىكى ئىشخانىسىغا قايتىپ كەلدى.
-ئەلفىرە؟ مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟
بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون قىلىشى.
-ھېلىقى ھاۋاگۈلنى سىز چاقىرغانمۇ؟ قارىسام ئۇ ھەممىنى بىلدىكەن، ھەرگىز دۇكاندا ياردەمچى بولغىدەك سەۋىيەدە ئەمەسكەن!
قەيسەر ناھايىتى تەبىئىي ھالدا:
-ئەلۋەتتە ھەممىنى بىلىدىغان بولسا، ئاندىن سىز بىلەن تەڭ ئىشلىرىڭىزنى ئۈستىگە ئالالايدۇ،-دېدى.
-لېكىن ئۇ ھەممىنى بىلىدىكەن، مائاشى تۆۋەن ئەمەستۇ؟مېنىڭ دۇكىنىمدىن ئۇنچە كۆپ پايدا چىقمايدۇ.
-ئۇنىڭغا مائاش كەتمەيدۇ،-دېدى قەيسەر.
-بىلىمەن، سىز ئۇنىڭ مائاشنى بالدۇر بېرىۋېتىپسىز، شۇڭا بۇ يەرگە كېلىپ ھەقسىز ئىشلمەكچى،-گۈلزىرە چوڭقۇر بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن،-مەن بۇ نۇقتىنىڭ سىز ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، مېنىڭ ھەممە ئىشتا باشقىلارغا تايانغۇم يوق،-دېدى.
-مېنى يەنە باشقىلار دېسىڭىز، بۈگۈن كەچتىلا ئۆز ئادەم قىلۋېتىمەن!-قەيسەر يان تېلېفونىنى چىڭ تۇتۇپ، جاراڭلىق ئاۋازدا شۇنداق دېدى.
گۈلزىرە:
بىر نەچچە سېكۇنت سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن، قەيسەر دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ تۆۋەن تەرەپتىكى شەھەر ئىچىدىن ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە قاراپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:
-ئەلفىرە، كەچۈرۈڭ- دېدى.
-ھە؟-گۈلزىرە چۈشىنەلمىدى.
-شۇ چاغدا مەن سىزگە ئايرىلىپ كېتەيلى دېمىسەم بولاتتى.
-ئۆتكەن ئىشلارنى ئەمدى تىلغا ئالمايلى،-گۈلزىرە كۈلۈپ تۇرۇپ،- -ئەمەلىيەتتە، ئىشقىلىپ توختام تۈزگەن يەنە تېخى شۇنچە كۆپ پۇلىڭىزنى خەجلىدىم، مەنمۇ ...
قەيسەر ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ:
-ھاۋاگۈلنى مەن ياردەمگە چاقىرغان، بارغاندىن كېيىن چوڭ ئۆيىگە قايتمايدۇ، ئەگەر ئۇنى ئىشتىن بوشاتماقچى بولسىڭىزمەن ئۇنى خىزمەت تاپالماس قىلۋېتىمەن، ئۇ كوچىلاردا سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ. بوشىتامسىز، ئىشلىتەمسىز، ئۆزىڭىز تاللاڭ!
-مەن...-گۈلزىرە ئامال قىلالماي،ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولدى.
-ئەلفىرە، مەن دەسلەپتە سىز ئۈچۈن كىرگۈزۈپ قويغان مەخسۇس تېلېفون قوڭغۇرىقىنى ئىشلىتىڭ،مەن كەچتە تەكشۈرىمەن!
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، يىغىن زالىغا قاراپ ماڭدى.
ئىچى بەك ئاۋاتتەك قىلاتتى.
ئەمما، قەيسەر ئىشىكنى ئىتتىرگەن ھامان، ئاۋاز شاپپىدە بېسقىپ قالدى.
ھەممىسى بىردەك قەيسەرگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
-يىغىننى داۋاملاشتۇرايلى!
پەستىكلەر ھېچنىمىنى كۆرمىگەنگە سېلىپ يەنە يىغىننى داۋاملاشتۇردى.
دۇكاندا ياردەمچىدىن بىرى كۆپەيگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتىن بۇرۇن خېرىدارلار ئاز بولغاچقا، گۈلزىرە بىكار بولۇپ، يان تېلېفونىنى ئېلىپ، مىكرو بىلوگنى ۋاراقلىدى.
ئۇ شەمىسىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى كۆرۈپ بولۇپ، چېكىنىپ چىقماقچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىدا ئىزچىل ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نومۇرى ئېچقلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
خەت كەلگەن بەت چاقناپ تۇراتتى.
-گۈلزىرە سىز نەدە، مېنىڭ ئۈجمەمنى قوبۇل قىلىشنى خالامسىز؟مەن سىزگە قىساس ئېلىشىپ بېرىمەن دېگەن، ھازىر شەمىسىيە توغرىسىدىكى دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى سىزنىڭ پوچتا ساندۇقىڭىزغا يوللاپ بولدۇم، سىز چۈشۈرۈپ، قانداق بىر تەرەپ قىلماقچى بولسىڭىز ئىختىيارىڭىز.
-گۈلزىرە شەمىسىيە ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ، لېكىن مېنىڭ بالام ئەمەس، ماڭا ئىشىنىڭ، راستلا ئۇنداق ئەمەس.
-گۈلزىرە مەن ئىزچىل سىزنى ساقلاۋاتىمەن ...
ئەسلىدە چېكىنىپ چىقماقچى ئىدى، بىراق گۈلزىرەنىڭ كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز ھېلىقى كۈنى چوڭ ئېكران ئالدىدا كۆرگەن قول ئىشارىتى پەيدا بولدى.
ئۇ ئۇھ تارتىپ قويۇپ، يەنىلا جالالغا:
-كەچۈرۈم سورىشىڭىزنى قوبۇل قىلدىم، سىزنىمۇ كەچۈردۈم،- دەپ جاۋاب بەردى.
-بىراق، جالال ئاكا، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، چۈنكى مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشى بار، يېنىمدا ماڭا ھەمراھ بولىدىغان ئادەملەرمۇ بار، مېنىڭ ئەمدى كەينىمگە قايتقىم يوق.ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ.
كۆڭلى يېرىم بولمىدى دېسە يالغان گەپ ئۇ.
بىراق، يەتتە يىل بۇرۇنلا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ بولغان، ئۇ ئوقۇشنى،تونۇشلار، شۇ چاغدىكى تۇرمۇشىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۈزۈپ تاشلاپ، جاھانكەزدىلككە بېرىلىپ كەتكەن.
پەقەت، ئۇ يان تېلېفونىنى يىغىشتۇرماقچى بولغاندا، ئاستىدا بىرى ئەۋەتكەن بىر نەچچە پارچە شەخسىي خەتنى كۆردى.
ئېلان ئۇچۇرىنىڭ كەينىدە بولغاچقا، گۈلزىرە سەل قارىغىلى تاس قالدى.
باش سۈرىتى بىر ياش قىز بولۇپ، ئۇزۇن چاچلىق، يۈزى ئۇچلۇقراق كەلگەن، سۈزۈك ھەم پاكىز چىراي بىرى ئىدى.
گۈلزىرە ئۇنىڭ باش بېتىنى ئېچىپ، چوڭ رەسىمنى كۆرگەندە، كۆز يېشى تاراملاپ ئېقىپ چۈشتى.
رەنا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەڭ ياخشى دوستى.
گۈلزىرە مەن سېنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىڭىگە پەقەت ئىشەنمىدىم، بۇ يەتتە يىلدىن بۇيان، سېنىڭ خەۋىرىڭىزنى ساقلاپ، قاچانلا تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدىغىنىڭنى ئويلاۋاتىمەن.
-بىراق، مەن بەك ئۇزاق ساقلىدىم.
-گۈلزىرە نىلۇپەر دەل سەن توغرىمۇ؟
-ماڭا جاۋاب بەر، سەن ئۆلمىدىڭ، شۇنداقمۇ؟
-مەن نېمە ئۈچۈن بىزدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرىدىغانلىقىڭىنى بىلىمەن، ئەينى چاغدىكى سەلبىي خەۋەرلەر ئۈچۈنمۇ؟
-باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن پەقەت سەن تەرەپتە تۇرىمەن، ماڭا بىر خەۋەر قايتۇر، بولامدۇ؟
-گۈلزىرە، مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم 181 ...
-رەنا ...-گۈلزىرە پىچىرلاپ،-كەچۈر، ئەينى چاغدا مەن بەك ئاجىز ئىدىم، باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىدىن، مازاق قىلىشىدىن قورقۇپ ئالاقە قىلىشقا جۈرەت قىلالمايتتىم ...- دېدى.
ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، رەنانىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىلىۋالدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق ئىزدەشنى چەكتى.
ئۇ ئۈندىدارنى ساقلاپ قويۇپ، پۇرسەت تېپىپ قوشۇشنى قارار قىلدى.
كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، قەيسەرنىڭ ۋاقتى بولمىسا، ياردەمچىسىنى گۈلزىرەگە ھەمراھ بولۇپ ئەلدارنى ئالغىلى ئەۋەتتى.
مەيلى كەچ قالسۇن ياكى قالمىسۇن، قەيسەر چوقۇم گۈلزىرەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېچىنى ئۆتكۈزەتتى.
شۇغىنىسى، گۈلزىرە بەك ئەقىللىق بولغاچقا، كەچتە چىقىپ سۇ ئىچمەيتتى، شۇڭا، قەيسەرنىڭمۇ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، ئۇنىڭ ھۇجىرىسىغا كىرىۋېلىش پۇرسىتى كۆپ بولمىدى.
شەنبە كۈنى ئۈچەيلەن ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىرلىكتە قەيسەرلەرنىڭ چوڭ ئۆيىگە باردى.
ئۈچەيلەن بامبۇكزارلىقتىن ئۆتكەندە، قەيسەر بىر قولىدا ئەلدارنى يېتىلەپ، بىر قولىدا گۈلزىرەنى تۇتۇپ كىچىك ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى.
گۈلزىرە ئىككىيلەنى سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار دەپ ئىشارەت قىلىپ، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ:
-چىمەنگۈل، مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم.
بىر ھازادىن كېيىن، ئۆيدىن يېنىك شەپە ئاڭلاندى.
-موندەك؟
گۈلزىرە كۈچۈكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەيسەر سۇنغان ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.
موندەك بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ قۇيرۇقىنى پۇلاڭلاتتى.
گۈلزىرە ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىردى.
شەرققە قارىغان ئۆيگە كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى، چىمەنگۈل ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈل رەڭ ئەدىيالدا ئولتۇراتتى، قۇياش نۇرى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە چۈشەتتى.
ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ، نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
لېكىن گۈلزىرە چىمەنگۈلنىڭ شۇ تاپتىكى گۈزەللىكىدىن خۇددى بىر پارچە سىدام سىياھ رەسىمگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ئۇ يان تېلېفونىنى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە چىمەنگۈلنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ، ئاندىن يان تېلېفونىنى يىغىشتۇرۇپ، ئاستا كىرىپ كەتتى.
ئۇ شەپىنى سېزىپ قالغاندەك، ئورنىدىن تۇردى.
-يېقىن كەلمە ...
چىمەنگۈل ھودۇقۇپ كەينىگە چېكىنىپ، بېشىنى قۇچاقلىدى، ئىچى قورقۇنچ بىلەن تولدى.
-چىمەنگۈل، مەن ئەلفىرە،مەن كەلگەن، يەنە تېخى سىز بىلەن موندەكنى يۇيۇپ قويغان، ئېسىڭىزدىمۇ؟-دېدى.
ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بارا - بارا چىمەنگۈلنى خاتىرجەم قىلدى، چىمەنگۈل گەرچە تامغا چاپلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خېلى ياخشى بولۇپ قالدى: -ئەل...فىرە ...
-مەن،-گۈلزىرە ئاستا - ئاستا چىمەنگۈلنىڭ ئالدىغا بېرىپ،-ناشتا قىلدىڭىزمۇ؟-دېدى.
ئۇ قولىنى ئازراق تارتىپ، ئاندىن بېشىنى لىڭشىتتى.
-يەنە بىر نەچچە كۈن بېشىڭىزنى يۇيمىدىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى چىرايلىق يۇيۇپ قوياي، بولامدۇ؟ دېدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇