142 مىڭ يۈەن ئېتىبار! يەنە نېمىگە ساقلايسىز؟

文摘   2025-01-04 23:15   新疆  

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 1-كۈنى جاگۇئار ماركىسى ئورگان تەرەپ بايرىقى ئاستىدىكى جاگۇئار XEL ئاپتوموبىلىنىڭ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېتىبار بىرىش پائالىيىتى باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، سپورت نۇسخىسى ۋە تەنھەرىكەت نۇسخىسىنىڭ يېتەكچى باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 329 مىڭ 800 يۈەن ۋە 341 مىڭ 800 يۈەن، ئېتىباردىن كېيىنكى باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 189 مىڭ 800 يۈەن ۋە 199 مىڭ 800 يۈەن، بۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 140 مىڭ يۈەن ۋە 142 مىڭ يۈەن ئېتىبار قىلغانغا باراۋەر.

جاگۇئار XEL تاشقى قىياپەت جەھەتتە جەمەت لايىھە ئۇسلۇبىنى قوللانغان، كۆپ تەرەپلىك سالاسۇننىڭ ئىچكى قىسىمىغا قارا رەڭلىك ھەرە كۆنىكىسىمان قۇرۇلما ئىشلىتىلگەن، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىچكى قىسىمىدا ئىككى سۇنۇق سىزىق شەكىللىك كۈندۈزلۈك چىراغ ھەمدە لىنزا بىر گەۋدىلەشكەن.

ئاستىنقى ئورالما قىسمىغا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئىككى تەرەپتىكى ئېقىم باشلاش ئېرىقچىسىنىڭ رازمېرى بىر قەدەر چوڭ، ئىچكى قىسمىغا قارا رەڭلىك ھەرە كۆنىكىسىمان بېزەك تاختا ئىشلىتىلگەن، ئاستى قىسمىغا ياپىلاق تىراپېتسىيەلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن بولۇپ، تەنھەرىكەت پۇرىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل گەۋدىسىدە ئەنئەنىۋى ئۈچ كوزۇپلۇق پىكاپ ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، ئۇسلۇبى نىسبەتەن سالاپەتلىك، لەھەڭ پالاقچىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇشمۇ بەلگىلىك سپورت تۈسى ئېلىپ كەلگەن، بەل سىزىقىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسىمىدا كۆتۈرۈلۈپ چىققان سىزىقلار بار بولۇپ، چاق گەردىشىدە قوش بەش بالداقلىق ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان.

قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئارقا كوزۇپ لايىھەسىدە ئۆردەك قۇيرۇقى لايىھەسى قوللىنىلغان، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئاستى ئورالما قىسىمىغا ئىستېرېئولۇق تۈسكە ئىگە قارا رەڭلىك بېزەك تاختا سەپلەنگەن، كېرەكسىز گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىغا ئىككى تەرەپتە بىردىن جەمئىي ئىككى دانە ئورۇنلاشتۇرۇش قوللىنىلغان.

رازمېرى جەھەتتە جاگۇئار XELنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4778/1850/1429mm، ئوق ئارىلىقى 2935mm، ئورنى ئوتتۇرا تىپلىق ئاپتوموبىل.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە، ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، تولۇق سۇيۇق كىرىستاللىق پىرىبور دىسكىسى، قوش ئوتتۇرا كونترول ئېكران ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگەن.

سەپلىمە جەھەتتە جاگۇئار XEL ئاپتوموبىلىغا بىر كۇنۇپكىدا يولدىن ئېغىشنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئاكتىپ تورمۇزلاش، ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش، ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل توختىتىش، داۋانغا چىقىش ياردەمچىسى، تىك داۋاندىن ئاستا چۈشۈش، ئالدى-ئارقا ئاپتوموبىل توختىتىش رادارى، ئارقىغا ياندۇرۇش تەسۋىرى، ئاپتوماتىك LEDلىق چوڭ چىراغ، ئاپتوماتىك يامغۇر سۈرتكۈچ، ھەقىقىي خۇرۇملۇق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، خوت ئالماشتۇرۇش ياپراقچىسى، ئالدى رەت ئورۇندۇقنى توكلۇق تەڭشەش، ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ ھەمدە ئارقا رەت شامال چىقىش ئېغىزى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، جاگۇئار XELنىڭ ھەممە تىپىغا 2.0Tلىق موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 250 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 365N·m بولۇپ، ھەممىسىگە 8AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان، يەنە ئارقا چاق سۆرەش ئورۇنلاشتۇرۇشى قوللىنىلغان، 0-100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 7.3 سېكۇنت.



Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章