كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «بەخت قولدىن كەتكەندە» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
كۆينەكنى قولۇمغا ئېلىپ تەر پۇراقتىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ ياندۇرۇش ئۈچۈن سۇخانىغا يۈگۈردۈم. قۇرۇق ھۆ قىلغاندىن كېيىن، كۆينەكنى پاكىز يۇيۇپ ئېسىپ قويدۇم. كۆڭلۈم يېرىم ئىدى. ئاران دېگەندە تاپقان كۆينىكىمنىڭمۇ ئۆگەي ئاپام تەرىپىدىن دەپسەندە بولغىنى ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتاتتىم. بۇ كۈننىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى، ئۆزۈمگە تەئەللۇق ئۆيۈم بولىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم. ئېغىر خۇرسىنىپ قويۇپ يولدىشىمنىڭ ئىلگىرى دېگەن گەپلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدىم.
- تويدىن كېيىن چوقۇم سىزنى بەختلىك قىلىمەن.. دەرتلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرىمەن، مېنىڭ ئاپام سىزنىڭ ئاپىڭىز، سىزنىڭ دادىڭىز مېنىڭ دادام.. چوقۇم بەختلىك بولىمىز.. توختىماي ئىشلەپ جاپا تارتتىڭىز، دادامنىڭ شىركىتىنى قولۇمغا ئالسام، سىز ئىشلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كىرىمىم بىزگە تامامەن يېتىدۇ..
ئىككى تامچە ياش كۆزۈمدىن سىرغىپ چۈشتى. بىز ئاياللار شۇنچىلىك نادان ئىدۇق. تويدىن بۇرۇن يىگىتىمىز دېگەن ھەرقانداق گەپكە ئىشىنەتتۇق. بارلىقىمىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇراتتۇق. لېكىن دەل شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئىززەت ھۆرمىتىمىز تۈگەيتتى. ئۇلار بىزنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن نېمىلەردىن ۋاز كەچكىنىمىزگە ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتا ئۇلارغا نېمە بېرەلىگىنىمىزگىلا دېقەت قىلاتتى.
كىچىكىدە ئاتا ئانىسى تەرىپىدىن مېھىر مۇھەببەتكە ئېرىشكەن ئاياللار ئەرلەرگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيتتى، ئەرلەرمۇ بۇنداق ئاياللارنى بوزەك قىلالمايتتى، قەدىرلەيتتى، ھۆرمەتلەيتتى. لېكىن كىچىكىدە ئائىلىدىن مېھىر ئالالمىغان ئاياللار، مېھىرنى ئەرلەردىن ئىزدەيتتى، لېكىن ئەرلەر تويدىن بۇرۇن بەرگەن شۇ كىچىككىنە مېھىر مۇھەببىتىنى تويدىن كېيىن ھەسسىلەپ قايتۇرىۋالاتتى. تويدىن كېيىن مەندەك مېھىرسىز ئاياللارنىڭ ئالىدىغىنى ئېيتقۇسىز ھاقارەت، خورلاش ۋە كەمسىتىش بولاتتى. ھەي، نېمە دېگۈلۈك.بۇنى كىمدىن كۆرەتتىم. ئەگەر كىمدىن تۇغۇلۇش، نەدە تۇغۇلۇشنى تاللىيالىغان بولسام بۇ دۇنياغا كەلمىگەن بولاتتىم. كەلسەممۇ دادامدەك كىشىنىڭ قىزى بولمىغان بولاتتىم.
ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ ئاستاغىنە كۆزۈمنى يۇمدۇم. پەقەت ئۇيقۇلا ماڭا بىر ئاز تەسەللىي بېرەلەيتتى.
* * *
سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۆينەكنى ئۇچامغا كەيدىم، ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قاراپ بىردە خوش بولسام بىردە ئۈمىدسىزلىنەتتىم. خوشال بولغىنىم بۇ كۆينەك بەدىنىمگە تولىمۇ ياراشقانىدى، ئۈمىدسىزلىنىشىم بولسا تۈنۈگۈن يىغلىغان كۆزلىرىم ئىششىپ قىزىرىپ كەتكەنىدى.
كۆينەكنى كىيىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدىم. دادام ئىچىدىكى ئۆيدىن چىقىپ ماڭا ھەيرانلىقتا قارىدى.
- بۇ كىيىمنى ئاپاڭغا بەر دېگەنتىمغۇ، ئادەتتە كۆينەك كەيمەيدىغان ئادەم نېمىگە كىيىۋالدىڭ؟
تۈنۈگۈنكى توي توغۇرلۇق بولۇنغان گەپلەر ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقىپ قالغاندەك قىلاتتى.
- ئىشىم بار.. بۈگۈن كەچرەك كېلىشىم مۇمكىن.. ئاچقۇچنى ئېلىۋالدىم، ئۇيقۇڭلار كەلسە ئۇخلاۋېرىڭلار..
دادامنىڭ ئارقىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىمايلا ئىشىكتىن چىقتىم.
شىركەت بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تۇرۇپ كەتتىم. كىرىشگە جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتىم. ياردەمچى يىگىتنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن، تۈنۈگۈنكى گەپنى قايتا دېيىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.
ئۇنىڭ تولىمۇ ياخشى يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. لېكىن بۇنداق تېز مۇھەببەت ئىسكەنجىسىگە ئېلىنىپ قالغۇم يوق ئىدى.
ئاستا مېڭىپ شىركەتكە كىرىپ ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرغان مالچى ھەدەم بىلەن ياردەمچى يىگىتنى كۆردۈم.
- ۋوي، بۇ كىم؟ نېمانچە چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز.. - دېدى مالچى ھەدەم ئورنىدىن تۇرۇپ.
- سىزنىڭ دۆلىتىڭىز ھەدە، قىزىل رەڭنى كىيىڭ دېگەنتىڭىز، كىيىۋالدىم.. لېكىن گىرىم قىلمىدىم.. بۇ ئۆيدە تۈزۈك گىرىمىممۇ يوقكەن..
- ۋاي، گىرىم قىلماي بۇنچە چىرايلىق تۇرىسىز، قىلسىڭىز قانچە بوپ كېتەرسىز ھە..
- زاڭلىق قىلماڭ ھەدە.. سىز مەندىن چىرايلىق..
- مەن ھازىرلا گىرىمچىك قىزغا تېلىفون ئۇراي. ساقلاپ تۇرۇڭ..
مالچى ھەدەم يانفوننى كۆتۈرۈپ سىرتتىكى ئىشخانىغا چىقىپ كەتتى. ياردەمچى يىگىتتىن قورۇنغانچە ئۇ مەندىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى.
- بۈگۈنكى ماللارنى خاتىرلەپ قويايمۇ؟
- ياق بولدى. ھەدەم سىزنى بۈگۈن دەم ئالىدۇ دېگەن.. ئۆزۈم خاتىرلەي..
- ھە.. توي تېخى چۈشتىن كېيىن باشلىنىدۇ.. ھازىر..
- بەك چىرايلىق بوپ كېتىپسىز،- دېدى ئۇ گېپىمنى ئۈزۈپلا.
- رە.. رەھمەت.. مېنى ماختاپ خوش قىپ قويىۋاتىسىلەر..
- خوش قىلىش ئۈچۈنلا دېمىدۇق. راستىنلا چىرايلىق بوپ كېتىپسىز..
ئۇنىڭغا يېنىككىنە كۈلۈپ قويۇپ ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. مالچى ھەدەم يانفوننى كۆتۈرگىنىچە خوشال كىرىپ كەلدى.
- سەل تۇرۇپ بارىدىغان بولدىڭىز، بۈگۈن ئادەم جىقكەنتۇق. سىزگە بالدۇر گىرىم قىلىپ قويىدىغان بولدى.. ئۇ قىز گىرىمنى بەك ياخشى قىلىدۇ..
- رەھمەت ھەدە.. سىز بولمىغان بولسىڭىز قانداقمۇ قىلار بولغۇيتتۇم ھە..
- ھېچقىسى يوق. سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ خوش بوپ كەتتىم.. لېكىن، كۆزىڭىز قىزىرىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ، تۈنۈگۈن ياخشى ئۇخلىماپسىزدە..
- شۇ.شۇنداق.. تۈنۈگۈن كەچكىچە يانفونغا قاراپتىمەن..
- ھەي! سىزنى بالدۇر ئۇخلاپ گۈزەللىشىڭ دېگەنتىمغۇ.. لېكىنغۇ، ھازىرمۇ شۇنداق گۈزەل تۇرىسىز، قىزىللىقمۇ ھېلىغىچە يوقايدۇ، مەن بەرگەن نەرسىنى ئىشلەتتىڭىزمۇ؟
- ھە.. ئاۋۇ.. ئىشلەتتىم.. قاراڭ تېرەم يۇمشاق بوپ كەتتى..
تۈنۈگۈنكى كەيپىياتتا ئۇ بەرگەن يۈز ئاسراش بويۇمىنى ئىشلەتكۈدەك كەيپىيات يوق ئىدى. لېكىن بۇنى ئۇلارغا ئېيتالمايتتىم.
مالچى ھەدەمنىڭ يانفونى سايراپ يەنە چىقىپ كەتتى. يەنە ياردەمچى يىگىت بىلەن يالغۇز قالدۇق. ئۇنىڭ يەنە ماڭا بىر نەرسە دېيىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم.
- ئۇلار چوڭ زالدا توي قىلىدىكەن ھە..
- شۇ.. شۇنداقكەن، مەنمۇ ئەتىگەن بىلدىم..
- سىز بارسىڭىز چوڭ زالدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ قويىسىز..
- ۋاي نەدىكىنى، مەن بەلكى ئىچىگىمۇ كىرمەسلىكىم مۇمكىن.. مۇھىمى ئوغلۇمنى كۆرىۋالساملا بولدى..
- ئىشقىلىپ سىز بەك چىرايلىق.. خىزمەت كىيىمىڭىزدىمۇ ھېس قىلغانىدىم، ھازىرقى ھالىتىڭىزدە تېخىمۇ ھېس قىلدىم.. ھېلى گىرىم قىلسىڭىز بەلكى تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كېتەرسىز ھە..
- بولدى. مېنى ماختاۋەرمەڭ.. بىكار ئۇچۇپ كېتىمەن..
بوشقىنە كۈلۈپ قويدۇم. شۇ تاپتا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇراتتىم.
- مەن ھازىر يەنە بىر خېرىدار بىلەن كۆرۈشمەكچى، ئۇكام سەن سىڭلىمنى سەل تۇرۇپ گىرىمخانىغا ئاپىرىپ قويغىن.. بۈگۈن مال كۆپ ئەمەس، چۈشتىن كېيىن توشىۋېتەيلى..
- بولىدۇ ھەدە. خاتىرجەم مېڭىڭ..
ئىككىمىز ئوڭايسىزلىنىپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ قويدۇق. شۇ تاپتا مالچى ھەدەمنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ كەتكۈم كېلىۋاتاتتى.
- مەندىن سەل قاچىدىغان بوپ قالدىڭىزغۇ..
- ياقەي. مەن ئادەتتىمۇ مۇشۇنداققۇ؟!
- مېنى كەچۈرۈڭ. مەن قىزلارغا قانداق كۆڭۈل ئىزھار قىلىدۇ بىلمىگەچكە، بەكلا ئۇدۇل گەپ قىپتىمەن..
- ھېچقىسى يوق. مەن خاتا چۈشەنمىدىم..
- مېنىڭ ئاپام سىزدەك كۆيۈمچان، ئەخلاقلىق ئايال..
- سىزگە قاراپ ھېس قىلغىلى بولىدىكەن..
- مېنىڭ نەزىرىمدە سىزدەك ئاياللار قەدىرلىنىشى كېرەك..
- مۇشۇنداق چوڭ كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت. مەن ئۇنچىلىك ئالاھىدە ئايالمۇ ئەمەس..
- مەن كىچىكىمدىن ئاپامنىڭ دادامدىن تاياق يېگىنىنى، توختىماي ھاقارەتلەنگىنىنى كۆرگەن.. لېكىن ئۇ مېنى دەپ ئاجراشمىغان.. نەچچە يىل بۇرۇن دادام كېتىپ قالدى.. دادام كەتكەندە ئاپامنى ئازادە بولامدىكىن دېسەم، شۇ چاغدا يېگەن تاياقلارنىڭ ئاسارىتى قالدى.. تېنى بەك ئاجىزلاپ كەتتى..
نەچچە كۈندىن بېرى قېچىۋاتقان بولسام، ھازىر ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىم قوزغىلىۋاتاتتى.
- سىزنىڭ تاياق يېگەن سىنلىرىڭىز، ئاۋازلارنى ئاڭلىسام كىچىكىمدىكى ئىشلار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ..
- ئۇنداق قىلماڭ، بەزى ئىشلارنى بىز ئۆزگەرتەلمەيدىكەنمىز.. ھېچ بولمىسا ھازىر ئاپىڭىز تاياق دېمەيدۇ.. مەنمۇ ئۇ كۈنلەردىن قۇتۇلدۇم. شۇنداققۇ؟!
- سىزگە بىر ئاز بولسىمۇ مېھىر بېرىپ قوغدىغۇم بار ئىدى.. لېكىن.. لېكىن مېنى كەچۈرۈڭ، تىلىم بەك قاتتىق، قىزلارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنى بىلمەيمەن.. سىزنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ..
- ياق. ئۇنداق دېمەڭ. سىز راستىنلا بەك ياخشى يىگىت. ئەگەر بۇنچە كۆپ ئىشلىرىم بولمىغان بولسا كۆزۈمنى يۇمۇپلا سىزنى تاللىغان بولاتتىم.. لېكىن، لېكىن مېنىڭ سىزدەك ياش ھەم ياخشى يىگىتكە ئېرىشىشكە سالاھىتىم توشمايدۇ..
ياردەمچى يىگىت ئېغىر تىنىۋېتىپ كۆزىنى سۈرتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.
- مەن سىزنى مەجبۇرلىمايمەن.. بۇنىڭدىن بۇرۇن ياخشى بىر ۋاقىتنى تاللاپ دەيمەن دەپ ئويلىغان، ھېلىقى ئاشخانا خوجايىنى پەيدا بولغاندىن بېرى، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، سىزنىڭ باشقىلارنىڭ بولۇپ كېتىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدىغان بوپ قالدىم..
- مېنىڭ ھازىر نەدە ئۇنچە كۆپ تاللىشىم بولسۇن دەيسىز. ئۇ كىشى پەقەت تويدا يالغۇز قېلىشتىن ئەنسىرەپ مېنى ھەمراھ قىلىۋالدى. مەن ئوغلۇمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىرگە بېرىشقا قوشۇلدۇم. ئىككىلىمىز ئۆز ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن بارماقچى.. ئارىمىزدا نەدە ھېسسىيات بولسۇن.. يەنە كېلىپ ھېسسىيات دېگەن ئۇنچە ئاسان پەيدا بولىدىغان نەرسە ئەمەس.. بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنى چۈشىنىپ ياخشى كۆرىشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ..
- لېكىن مەن سىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خېلى چۈشىنىپ قالدىم.. مېنىڭ تاللىشىمدىن چاتاق چىقمايدۇ..
- مەيلى قانداقلا بولمىسۇن. مېنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت..
- ھازىر جاۋاب بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزنى خىجىل قىلمايمەن.. لېكىن، قىيىنچىلىق بولسا ماڭا دەڭ.. ھېچ بولمىسا سىزگە كۆيۈنىدىغان خىزمەتدىشىڭىز بار..
- رەھمەت! بۇ گېپىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم..
- بولدى. ماڭايلى. گىرىمگە كېچىكىپ قالماڭ..
ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇردۇم. بۇ قېتىم نېمىشقىدۇر بۇ ئورۇننى شۇنداق ئىللىق ھېس قىلماقتا ئىدىم. بۇ ئىككىمىز يالغۇز خىزمەتداشلا بولماستىن يەنە دەرتمەن دوستلاردىن ئىدۇق. ھەر ئىككىمىز تاياقچى دادىمىزنىڭ ئاپىمىزنى خورلىغىنىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان ئىدۇق. دادىمىزدىن مېھىر كۆرمىگەچكە باشقىلاردىن مېھىر ئىزدەتتۇق. مېھىر تاپالمىغاندا ئۆزىمىز باشقىلارغا مېھىر بېرىشنى ئويلايتتۇق. لېكىن بەرگىنىمىز قەدىرسىز مېھىر ئىدى.
ماشىنا گىرىمخانا ئالدىدا توختىدى. ئۇ ماڭا قارىدى.
- بۈگۈن چوقۇم چىرايلىق بوپ كېتىسىز..
- مېنى ئەكەپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت..
- ئىچىدە ئادەم جىق ئەمەستەك تۇرىدۇ. ئىتتىك تۈگىسە مەن ساقلاپ تۇرايمۇ؟
- ياق بولدى. بەك ئۇزۇن ساقلاپ قالىسىز.. مېنىڭ بۇ تاياق ئىزى بېسىپ كەتكەن يۈزۈمنى گىرىم بىلەن يوشۇرۇشقىمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ..
ئاستاغىنە گىرىمخانىغا كىرىپ كەتتىم. گىرىمچىك ياش قىز بولۇپ قېنىق گىرىم قىلىۋالغانىدى.
- مالچى ھەدەم دېگەن قىز شۇمۇ؟
- شۇنداق. مەن شۇ..
ئۇ چىرايىمغا قاراپ خۇرسىنىپ قويدى.
- گىرىمغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتەرمۇ؟
- سىزنىڭكىگە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەرمىكىن.. كۆزىڭىز قىزىرىپ كېتىپتۇ.. يەنە كېلىپ يۈزىڭىزدە بىر ئاز ئىزلار باركەن.. يېپىشىمىز كېرەك.. تېرىڭىز ساڭگىلاپتۇ، تارتىشىمىز كېرەك..
- تېرەمنى تارتىمىز؟ قانداق تارتىسىز؟
- چاپلاق بىلەن تارتىمىز.. ياش قىزلاردەك بوپ كېتىسىز..
- بولدى. قورۇقۇم مۇشۇ پېتى تۇرسۇن، يۈزۈمدىكى كىچىك تارتۇقلارنى يېپىپ قويسىڭىزلا بولدى..
- تارتمىساق ئۇپىڭىز قورۇقلاردا توختاپ قالىدۇ.. گىرىمىڭىز پاكىز چىقمايدۇ.. ئەنسىرىمەڭ. بۇنى كەچتىلا ئېلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.. بەك ئاشۇرۇپ تارتىۋەتمەيمىز..
- مە.. مەيلى ئەمىسە..
ئۇ ماڭا تۈجۈپىلەپ گىرىم قىلىشقا باشلىدى. ئەينەك ياندا بولغاچقا ئۆزۈمنىڭ قانداق ھالەتكە كېلىپ قالغىنىمنى بىلمەيۋاتاتتىم.
ئالاھەزەل ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۇ قولىنى توختاتتى.
- بولدى. گىرىمىڭىز تۈگىدى.. كۆرۈپ بېقىڭ..
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئەزەلدىن قېنىق گىرىم قىلىپ باقمىغان مەن بۇ ھالىتىمنى قۇبۇل قىلالمايۋاتاتتىم.
- بۇ؟! بۇ.. بەك ئېشىپ كېتىپتۇ.. بۇ مەن ئەمەسقۇ..
- سىز شۇ.. شۇنداق چىرايلىق بوپ كەتتىڭىز، تېرىڭىز ياخشى بولمىغان بىلەن كۆزىڭىز بەك يوغانكەن، ئاغزى بۇرنىڭىزمۇ چىرايلىقكەن.. شۇڭا بەك قېنىق گىرىم قىلمىدىم..
- بۇنى بۇزۇپ قايتىدىن قىلساق قانداق بولار؟
- بولمايدۇ.. بۇزسىڭىز قايتا گىرىم قىلغىلى بولمايدۇ.. مەينەت چىقىپ قالىدۇ..
ئۇنىڭ گېپىدىن قايتا گىرىم قىلغۇسى يوقلىقى چىقىپ تۇراتتى.
- بولىدۇ. قانچە پۇل؟
- بولدى. مالچى ھەدەم ھېساۋات قىلىدۇ.. ئۆزى شۇنداق دېگەن. كېتىۋەرسىڭىز بولىدۇ..
ئىشىك تەرەپكە مېڭىپ ئاشخانا خوجايىنىنىڭ تېلىفونىنى تاپشۇرىۋالدىم.
- سىز نەدە؟ توي باشلىناي دېدى.. گەپمۇ قىلمايسىزغۇ..
- ھە! مەن گىرىم قىلدۇرىۋاتقان..
- گىرىمخانىنىڭ ئورنىنى دەڭ، مەن باراي..
ئۇنىڭغا ئادرىسنى يوللاپ قويۇپ گىرىمخانا ئىچىدە ساقلاشقا باشلىدىم.
گىرىمخانا ئىچىدىكى كۇسۇرلاشلار قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
- ھېلىقى ئايال شۇكەنغۇ.. بالىسىنى سۇغا ئىتتىرىۋەتكەن..
- شۇ شۇ، ھېلىقى زىيارەتتە ئېرىنى ئاقلىغان خوتۇن.. كېيىن ئۆزى بۇزۇق چىقىپتۇغۇ..
- گىرىم قىلىپ نەگە ماڭغاندۇ.. شۇ تويغا بارمايدىغاندۇ ھە..
ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىماسقا سېلىۋالدىم. تېلىفونۇم سايرىدى.
- مەن سىز يوللىغان ئادرىسقا كەلدىم. چىقىڭ..
ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ياردەمچى يىگىتنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇