دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، جېتتا ئاپتوموبىلچىلىقى ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى جېتتا VS 5نىڭ بەش يىللىق خاتىرە نۇسخىسىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، يېڭى ئاپتوموبىل قول خوت ۋە ئاپتوماتىك خوتلۇق ئىككى خىل تىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئورگان تەرەپ يېتەكچى باھاسى 69 مىڭ 800 يۈەن ۋە 88 مىڭ 800 يۈەن.
يېڭى ئاپتوموبىل تاشقى قىياپەت جەھەتتە ئۆزگەرمىگەن، ئالدى يۈزىگە جەمەت شەكلىدىكى ئالتە تەرەپلىك سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، ئۈستى قىسمى چېكىتلىك ماترىتسا شەكلىدىكى قۇرۇلما بىلەن زىننەتلەنگەن، نىسبەتەن كۈچلۈك پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىگە ئىگە، ئالدى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئاستى ئورالما قىسىمىدا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئىككى تەرەپتىكى قانات تاختا ئورنىدا رازمېرى نىسبەتەن چوڭ بولغان ئېقىم باشلاش ئوقۇرى لايىھەلەنگەن، ئاستى قىسىمىدا رازمېرى نىسبەتەن چوڭ تراپېتسىيە شەكىللىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن، ئىچكى قىسىمىدا قارا رەڭلىك ھەرە كۆنىكىسىمان قۇرۇلما قوللىنىپ زىننەتلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل بېشىنىڭ قاتلام تۈسىنى زىننەتلىگەن، بىرلا ۋاقىتتا بەلگىلىك سپورت پۇراق ئاتا قىلغان.
يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل ئۆگزىسى سەل يايسىمان بولۇپ، توم يۈك-تاق جازىسى ۋە لەھەڭ پالاقچىسى سەپلەنگەن، بەل سىزىقىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئالدى قانات تاختىدىن ئاپتوموبىل قۇيرۇقىغىچە ئۇزىراپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۈسىنى زىننەتلىگەن، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسمى كۆتۈرۈلۈپ چىققان قوۋۇرغا سىزىقى بىلەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، بەلگىلىك مۇسكۇل تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ، چاق گەردىشىدە بەش بالداقلىق ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، ئۇسلۇبى نىسبەتەن ئاددىي كۆرۈنىدۇ.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل ئۆگزىسىگە رازمېرى نىسبەتەن چوڭ بولغان ھاۋا بۆلۈش تاختىسى ھەمدە يۇقىرى ئورۇندىكى تورمۇز چىرىغى سەپلەنگەن، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىچكى قۇرۇلمىسى نىسبەتەن كۈچلۈك ئىستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە؛ تراپېتسىيە شەكىللىك نومۇر تاختىسى رامكىسى رايونى ئويمان شەكىلدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسمىنىڭ قاتلاملىق تۇيغۇسىنى زىننەتلىگەن، ئاستىنقى ئورالما قىسمى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە، گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىغا يوشۇرۇن شەكىلدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش قوللىنىلغان.
رازمېرى جەھەتتە جېتتا VS 5نىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4418/1841/1616mm، ئوق ئارىلىقى 2630mm، ئورنى ئىخچام تىپلىق SUV.
ئىچكى بېزەك جەھەتتىمۇ ئۆزگىرىش يوق، ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، سۇيۇق كىرىستاللىق پرىبور دىسكىسى، قىستۇرما شەكىلدىكى مەركىزىي كونترول ئېكرانى ھەمدە مېخانىك خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.
سەپلىمە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلدا ئارقىغا ياندۇرۇش رادارى، مۇقىم سۈرئەتتە يول يۈرۈش، خۇرۇم ئورالمىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، سەككىز دىيۇملۇق ئوتتۇرا كونترول ئېكران، يىراق / يېقىننى يورۇتۇش چىرىغى قاتارلىق سەپلىمىلەر تەمىنلەنگەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنىلا 1.4Tلىق موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 150 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 250N·m بولۇپ، 5 خوتلۇق قول خوت ۋە 6AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان.