ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئەيئەن ماركىسى ئۆز قارمىقىدىكى ئەيئەن UT شاتۇلوڭ ئاپتوموبىل تىپىنىڭ قىسمەن سەپلىمە ئۇچۇرىنى رەسمىي ئاشكارىلىدى، يېڭى ئاپتوموبىل ئەيئەننىڭ ئۈچىنچى ئىستراتېگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ، ئورنى كىچىك تىپتىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل بولۇپ، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالدىن سېتىلىدۇ.
تاشقى قىياپەت جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىدە نىسبەتەن يۇمىلاق بولغان يېپىق شەكىلدىكى سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، ئۇسلۇبى نىسبەتەن ئاددىي كۆرۈنىدۇ، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان.
ئاستى ئورالما قىسىمىدا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئىككى تەرەپتە ماترىتسا شەكلىدىكى LEDلىق تۇمان چىراغ توپلاشتۇرۇلغان، ئاستى قىسىمىغا رازمېرى نىسبەتەن چوڭ تىراپېتسىيەلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن، ئىچكى قىسىمىغا يانتۇ بېزەك تاياقچە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇسلۇبى نىسبەتەن خاسلىققا ئىگە، بىرلا ۋاقىتتا پۈتكۈل ئاپتوموبىل بېشىنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرسىتىدۇ.
يان تەرەپ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل ئۆگزىسى روشەن ياي گىرادۇسقا ئىگە، يەنە كېلىپ لەيلىمە شەكىلدىكى ئۆگزە ھاسىل قىلغان، بەل سىزىقلىرىدا بۆلەكلەرگە ئايرىلغان لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۈسىنى ئاشۇرغان. ئىشىك تۇتقۇچى ئويمان شەكىلدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، شامال قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسمىغا كۆتۈرۈلۈپ چىققان قارا رەڭلىك بېزەك تاختا لايىھەلىنىپ، بەلگىلىك كۈچ تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن، چاق بۇلىغا ئۈچ شادىلىق قوش رەڭلىك شەكىل قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇسلۇبى نىسبەتەن نەپىس كۆرۈنىدۇ.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى ھەمدە تورمۇز چىرىغى سەپلەنگەن، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىچكى قۇرۇلمىسى نىسبەتەن كۈچلۈك ئىستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە، قۇيرۇق ئىشىكىنىڭ ياسىلىش شەكلىمۇ نىسبەتەن يۇمىلاق، ئاستى ئورالما قىسىمىغا ئىستېرېئولۇق تۈسكە ئىگە قارا رەڭلىك بىخەتەرلىك لىمى سەپلەنگەن، ئىككى تەرەپتە ياپىلاق تۇمان چىراغ توپلاشتۇرۇلغان.
رازمېرى جەھەتتە، ئەيئەن UT شاتۇلوڭ نۇسخىسىنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4270/1850/1575mm، ئوق ئارىلىقى 2750mm، ئورنى كىچىك تىپتىكى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل.
ئىچكى بېزەكتە ئىنتايىن ئاددىي لايىھە تىلى قوللىنىلغان، قوش شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، تولۇق سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى، لەيلىمە شەكىلدىكى ئوتتۇرا كونترول ئېكران ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.
ئورگان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مەركىزىي كونترول ئېكرانىنىڭ رازمېرى 14.6 دىيۇم بولۇپ، HiCar، CarLink ۋە CarPlayدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل ئۆزئارا ئۇلىنىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 100kW بولغان ئېلېكتىر موتور سەپلەنگەن، باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى جەھەتتە 44.1kWh ۋە 44.257kWh ئىككى خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، ماس كېلىدىغان CLTC خىزمەت ھالىتىدىكى ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 420 كىلومېتىر.