جىلى شىڭرۇينىڭ ئىچكى بېزىكىنى يەنە كونا دەپ ئاغرىنامسىز؟

文摘   2024-09-30 23:25   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ



ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا جىلى ئاپتوموبىل شىركىتى قارمىقىدىكى جىلى شىڭرۇي · دوڭفاڭياۋ ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئەمەلىي ئاپتوموبىلى ئېلان قىلىندى، يېڭى ئاپتوموبىل بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالدىن سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئالدىن سېتىلىش باھا دائىرىسى 100 مىڭ يۈەندىن 140 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، يېڭى ئاپتوموبىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بازارغا سېلىنىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى چوڭ ئەمەس، ئەمما ئىچكى بېزىكىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن.
ئەمەلىي ئاپتوموبىل سۈرىتىدىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزىدە يەنىلا جەمەت شەكلىدىكى كۆپ تەرەپلىك سالاسۇن لايىھەسى قوللىنىلغان، ئىچكى قىسىمىدا تۈز شارقىراتما شەكلىدىكى قۇرۇلما بىلەن زىننەتلەنگەن، چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىچكى قىسمىغا لىنزا ۋە ئىمپۇلسلىق LEDلىق كۈندۈزلۈك يول يۈرۈش چىرىغى توپلاشتۇرۇلغان.
ئاستى ئورالما قىسىمىدا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئىككى تەرەپتىكى ئېقىم باشلاش ئوقۇرى رازمېرى نىسبەتەن چوڭ، ئوتتۇرا قىسىمىدا تراپېتسىيە شەكىللىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى لايىھەسى قوللىنىلغان، ئىچكى قىسىمىدا تورسىمان قۇرۇلما قوللىنىپ زىننەتلەنگەن، ياسىلىش شەكلى نىسبەتەن مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ئالدى كالپۇك ماسلاشتۇرۇلۇپ سپورت پۇرىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
يان تەرەپ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، گەۋدىسىگە ئەنئەنىۋى ئۈچ كوزۇپلۇق پىكاپ شەكلى قوللىنىلغان، ئۇسلۇبى نىسبەتەن مۇقىم، پۈتكۈل گەۋدە سىزىقلىرى كىشىگە نىسبەتەن راۋان تۇيغۇ بېرىدۇ، بەل سىزىقىدا كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىنىڭ قاتلام تۈسىنى زىننەتلىگەن، چاق يايى ۋە يان ئېتەك قىسمى كۆتۈرۈلۈپ چىققان قوۋۇرغا سىزىقى بىلەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، بەلگىلىك مۇسكۇل تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.
قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئارقا كوزۇپنىڭ ئۈستى قىسىمىغا كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى لايىھەلەنگەن، قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىچكى قۇرۇلمىسى نىسبەتەن كۈچلۈك قاتلاملىق تۇيغۇغا ئىگە، ئاستىنقى قورشاۋىغا دىففۇزور سەپلەنگەن بولۇپ، گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىغا ئىككى تەرەپتىن تۆت چىقىرىلغان ئورۇنلاشتۇرۇش قوللىنىلغان.
رازمېرى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4785/1869/1469mm، ئوق ئارىلىقى 2800mm، ئورنى ئىخچام تىپلىق ئاپتوموبىل.
ئىچكى بېزەكتە يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، لەيلىمە شەكىلدىكى پۈتۈن سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخسىسى، لەيلىمە شەكىلدىكى مەركىزىي كونترول ئېكرانى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن، نىسبەتەن كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا ئىگە.
سەپلىمە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا ئۆلچەملىك سەپلىمە سۈپىتىدە چاق بېسىمىنى كۆرسىتىش، ئارقىغا ياندۇرۇش رادارى، ئارقىغا ياندۇرۇش تەسۋىرى، ئاچقۇچسىز كىرىش، بىر كۇنۇپكىدا قوزغىتىش، ئاپتوماتىك LEDلىق چوڭ چىراغ، باش شوپۇر ئورۇندۇقىنى توكلۇق تەڭشەش، ئاپتوماتىك ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە ئارقا رەت شامال چىقىش ئېغىزى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاپتوموبىل تىپلىرىغا L2 دەرىجىلىك ياردەمچى ھەيدەش، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك تۈڭلۈك ۋە تولۇق كۆرۈنۈشلۈك تەسۋىر قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، يېڭى ئاپتوموبىل 1.5T ۋە 2.0Tلىك موتورنى تاللاشقا تەمىنلىگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم 181 ئات كۈچى ۋە 238 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 290N·m ۋە 350N·m، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7 خوتلۇق قوش مۇفتىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ۋە 8AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان، WLTC خىزمەت ئەھۋالىدىكى ئۇنىۋېرسال ماي سەرپىياتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6.2L/100km ۋە 7.15L/100km.
بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ
ماشىنا سودىسى، ئۆي سودىسى، نەرسە-كېرەك سودىسى، ھەرخىل سودىلار جەملەشكەن، ئۇچۇر ئەپچاقنى چۈشۈرۋېلىپ قۇلاي بولغان سودىنى باشىۋېلىڭ



Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章