يولدىن چىققان ئايال 🧡 41-قىسىم (ئەپچىدە 64-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-24 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

 بۇ دۇنيادا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىدىغان ئادەملەر ئەزەلدىن كەم ئەمەس.

بىراق، ئۇ شۇ تاپتا ناركوز قىلىنىپ، مۇزدەك ئۇزۇن يىڭنە ئۇنىڭ بەدىنىگە سانجىلىپ، تۇخۇم يىغىشقا باشلىدى.

بۇ بىر پىشىپ يېتىلگەن تېخنىكا، شەمسىيە يەنە بىر قېتىم ھوشىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ تۇخۇمى يېتىشتۈرۈش قاچىسىغا سېلىنغان ئىدى.

دوختۇر ئۇنىڭغا:

-ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، تەخمىنەن ئۈچ كۈندىن كېيىن، بىز تۆرەلمىنى بالىياتقۇڭىزغا يۆتكەيمىز،- دېدى.

شەمسىيە سەل خۇدىنى يوقاتقان ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ:

-بولىدۇ، خەۋىرىڭلارنى كۈتىمەن،- دېدى.

دەرۋەقە،بۈگۈنكى سەنئەت سەھىپىسىدە ئاساسەن دېگۈدەك شەمسىيەنىڭ ئىشى سۆزلەندى، شەمسىيە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىزچىل پەيدا بولۇپ باقمىدى، ھەتتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.

پەقەت ئۇنىڭ سادىق ياردەمچىسىلا شۇ تاپتا سانسىز مىكروفونغا يۈزلىنىپ: -شەمسىيە  ئاچام ئىككى كۈندىن بېرى ئاغرىپ قالدى، كۆپچىلىك بۇ سەۋەبسىز پىتنە - ئىغۋالارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭلار، ئىشىنىمەنكى، پاكىت چوقۇم ياخشى ئادەملەرنى ئاقلاپ چىقىدۇ!- دېدى.

شۇ تاپتا، تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغانلاردىن يەنە جالالمۇ بار.

ئۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ياردەمچىسىگە تېلېفون قىلىپ:

-تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ، ئىككى كۈندىن كېيىن، مۇخبىرلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ،- دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە، خەۋەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، گۈلزىرەنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولدى، ئۇ بۇرۇلۇپ يېنىدىكى قەيسەرغا قاراپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خەۋەر كۆرمىگەنلىكىنى، ئىزچىل ئۇنىڭغا قاراۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

ئۇ سەل قورۇنۇپ:

-نېمىشقا ماڭا قارايسىز؟- دېدى.

چۈنكى سىز چىرايلىق.

ئۇ ناھايىتى راۋان جاۋاب بەردى.

ئۇ گەپ قىلالماي، تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ئويلاپ:

-ھېلىقى نىلۇپەر تېخىمۇ چىرايلىق ئەمەسمۇ؟- دېدى.

قەيسەر قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدى.

-شۇنداق، بەك چىرايلىق،-دېدى.

گۈلزىرە بېشىنى كۆتۈرۈپ:

-ئەمىسە سىز ئۇنى قوغلىشىڭ!-دېدى.

-ئەلفىرە، چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەملا قوغلىمايمەن.

قەيسەر ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشى تىكلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ئۇنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئەجىبا، قەيسەر ئاشۇ سەلبىي خەۋەرلەرنى دەپ، ئىككى كۈن ئىزدەپ، قايتا ئىزدىمگەنمىدۇ؟

ئۇ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،ئۇنىڭدىن:

-سىز ئۇنىڭ توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى كۆرۈپ، ئۇنى ئەسكى ئايال دەپ ئويلىدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى.

ئۇ ئۆزىنى ئۆزى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۇنداق دېيشىگە يول قويمايدۇ.

ئۇنىڭ قەلبىدىكى گۈزەل قىزنى «ئەسكى» دېگەن سۆزلەر بىلەن بىر يەرگە قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

شۇڭا، ئۇ گۈلزىرەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئەستايىدىللىق ۋە كەسكىنلىك بىلەن:

-ئەلفىرە، ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە بىر پاكىز قىز، ئۇ نەرسىلەر پەقەت تۆھمەت! راست بولسىمۇ، ئۇ راستىنلا مەلۇم بىر كىشى سەۋەبلىك توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ دەردى بار!

گۈلزىرە قەيسەرگە ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدا قاراپ، ئۇنىڭ بۇنداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

ئۇ ئۇنىڭدەك ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ئەرنىڭ ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىشىنىڭ قەتئىي ھاجىتى يوقلىقىنى بىلىدۇ.

شۇڭا،بۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي كۆز قارىشى!

قەيسەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

-يەنە كېلىپ، 18 ياشلىق بىر قىز بالا مۇشۇنداق ئىش سەۋەبلىك نۇرغۇن سۆز-چۆچەككە بەرداشلىق بېرىپ، ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپتۇ، ئەينى چاغدا چوقۇم نۇرغۇن جاپا چەككەن بولۇشى مۇمىكىن،- دېدى.

ئۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بارماقلىرىنى چىڭ يىغىپ، مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگدى.

ئۇ ئاۋاز چىقارمىدى، مىدىرلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى، شۇ تاپتا كۆڭلىدىكى ئۆركەشلەپ تۇرغان كەيپىياتنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى.

-ئەگەر مەن ئۇنى بالدۇرراق ئۇچراتقان بولسام، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بولاتتىم.

قەيسەر شۇنداق دېگەچ، قولىنى سوزۇپ گۈلزىرەنى چىڭ قۇچاقلاپ:

-شۇنداق بولغان بولسا، بەلكىم ئۇ بۇ بىر نەچچە يىلدا يېنىكلەپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى!

گۈلزىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى، كۆز چانىقى قىزىرىپ، يۈرىكى تىترەپ كەتتى.

ئەمەلىيەتتە ئەينى يىلى ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئۇنىڭغا بالىنى تۇغماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى.

تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بالىسى بار توي قىلغان ئەرنى تېپىپ ياتلىق بولۇشنى، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ غەيۋەت - شىكايەتلىرىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى.

بىراق، بۇ تۇنجى قېتىم، بىرنىڭ ئۇنىڭ ياخشى ئۆتمىگەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتىپ، ئەھۋالنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، قەتئىيلىك بىلەن  ئۇنى گۇناھسىز دېيىشى ئىدى.

قەيسەر گۈلزىرەنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئۆزىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچى ئىدى.

لېكىن، ئۇ راستىنلا جۈرئەت قىلالمايدۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم ئايرىلىپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ!

ئەتىسى گۈلزىرە خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ئۇ كىچىك دۇكانغا قايتىپ داۋاملىق تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇردى.

قەيسەر بىر مۇھىم يىغىن سەۋەبىدىن شىركەتكە بېرىشقا مەجبۇر بولدى.

چۈشتىن كېيىن قەيسەر ۋاقىتقا قاراپ قويۇپ، دەرھال ماشىنا ھەيدەپ ئەلدارنىڭ مەكتىپىگە باردى.

ئۇزۇن ئۆتمەي، بالىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بېرىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ چىقتى، ئۇ يىراقتىن ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بالىسىنىلا كۆرۈپ، كۆزىگە ياش كەلدى.

ناھايىتى ئېنىقكى، قەيسەر قەيەردە تۇرسا قىزىق نۇقتا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئەلدارنىڭ سىنىپىدىكى ساۋاقداشلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىشىغىلا بىر ساۋاقداش:

-داداڭ يەنە سېنى ئالغىلى كەپتۇ!- دېدى.

ئەلدار ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ، قەيسەرنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگىنىنى كۆردى، ئۇنىڭ سەككىز تال چىشى كۆرۈنۈپ قالدى.

ئۇ قەيسەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-قەيسەر تاغا، ھاممامچۇ؟-دەپ سورىدى.

بۇ بالىنىزە، تېخى قەستەن ھاممام دەۋاتقىنىنى ...

بۇمۇ بولغىنى، ئادەمگە نىسبەتەن ئېھتىيات تۇيغۇسى بار ئىكەن.

قەيسەر:

-ئۇ مېنى سىزنى ئالغىلى ئەۋەتتى،- دېدى.

-مەن ئەجەپ ئاڭلىماپتىمەنغۇ؟-ئەلدار گۇمانلاندى.

قەيسەر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ «گۈزەل سەنئەت يۇرتى مۇنبىرى» دېگەن سۆزنى قىلدى.

ئەلدار بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ:

-سىز قانداق بىلدىڭىز؟-دېدى.

-مەن سېنىڭ كومپيۇتېرىڭىنىڭ ئېكرانىدا كۆرۈپ قالدىم،مېنىڭ يەنە تېخىمۇ كۆپ ئامالىم بار، ھەتتا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىپ بېرەلەيمەن، تاتلىق تۈرۈم سېتىشلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل نەرسىلەرنى، قانداق؟ بىلگۈڭ بارمۇ؟

ئەلدار كۆزىنى چىمىلدىتىپ قويۇپ، قەيسەرنىڭ چىرايىغا قاراپ بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ:

-بۇنىڭ سىزگە نېمە پايدىسى بار؟- دېدى.

قەيسەر مۇنداق دېدى:

-مەن ھامماڭ ئەتكەن تاماقلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئەگەر زەنجىرسىمان دۇكان ئېچلسا، بۇنىڭدىن كېيىن مەن مەيلى قەيەرگە كاماندىروپكىغا چىقاي، مەززىلىك تائاملارنى يېيەلەيمەن.

ئۇنىڭ دېگىنى راستتەك قىلىدۇ ...

-ئەمىسە سىز قانداق جاۋاب تەلەپ قىلسىز؟

-ماڭا ياردەم قىلىپ ھامماڭنى قوغلىشىپ بېرىسەن،-قەيسەر چوڭقۇر مەنىلىك كۈلۈپ قويدى.

-سەن مېنى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىل دېمەكچىمۇ؟!-ئەلدار قەتئىي ھالدا،-مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن!-دېدى.

قەيسەر شاكىچىكنىڭ كاللىسىنى يۇيۇپ:

-سەن بىزنىڭ ئۆينى كۆرۈپ باقتىڭغۇ، بەك چوڭ،خىزمەتكارلار بەك كۆپ، شۇنداقمۇ ؟ ھامماڭ ماڭا ياتلىق بولسا، چوڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ، كىر - قاتلىرىنى يۇيمىسىمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن ئۆي ئىشلىرىنى خىزمەتكار قىلىدۇ، ئۇ بەختلىك بولسىلا بولدى.

ئەلدار ئويلاپ، ناھايىتى ئورۇنلۇق ھېس قىلدى.

بىراق، ئۇ ئۇلارنىڭ  كۆچۈپ چىققانلىقىنى ئويلاپ، چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ: -سىز تېخى ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەن ئىدىڭىزغۇ! مەن سىزگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن!-دېدى.

-ئىلگىرى ئۆيۈمدىكىلەر قوشۇلمايتى،-قەيسەر بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان باھانىسىنى ئېيتىپ،-ھازىر مەن ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلدى، شۇڭا مەن «ھامما» ڭنى ئەستايىدىللىق بىلەن قوغلاشقىلى كەلدىم،- دېدى.

ئۇنىڭ كۆزلىرى بەك سەمىمىيدەك قىلىدۇ؟

ئەلدار قەيسەرگە قاراپ ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، كۆزلىرى چاقناپ كەتتى ۋە بىر ئامالنى ئويلاپ تاپتى:

-ئۇنداق بولسا، مەن سىزگە ۋاقتى بېرەي،  بىز قول باغلىشايلى. ئەگەر ئىپادىىڭىز ياخشى بولمىسا، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز توختاپ قالىدۇ!

قەيسەرنىڭ تەبەسسۇمى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئۇ ئوغلىغا قارىغانسېرى رازى بولۇپ:

-بولىدۇ، پۈتۈشتۇق!- دېدى.

-ئەمىسە مەن بىلەن ھېلىقى نېمىگە ئىمزا قويامدىم؟- دېدى.

-توختام؟

قەيسەر ئەسكەرتتى.

-توغرا!دەل شۇ!مەن خەت تونۇيمەن،  كىچىك بالىنى ئالدىماڭ!- دېدى.

-ماقۇل، مەن ئەتە سېنى ئالغىلى كەلگەندە، توختامنى ساڭا بېرەي،-قەيسەر شۇنداق دېگەچ، قولىنى سوزۇپ ئەلدارنى كۆتۈردى.

ئۇ يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، بۇنداق قۇچاقلىنىپ باقمىغاندەك قىلاتتى، ئەلدارى بىردىنلا سەل كۆنەلمەي، قەيسەرگە چەكچىيىپ:

-مېنى چۈشۈرىۋېتىڭ!بۇ دېگەن تۇتقۇن قىلىش!-دېدى.

-ئالدىمىزدىكى دەرەخنى تۇتۇپ باققۇڭ بارمۇ؟

قەيسەر شۇنداق دېگەچ ئەلدارنى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈپ، مۈرىسىگە قويدى.

ئۇ قورققىنىدىن ۋارقىراپ كەتتى، ئەمما كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، تۇيۇقسىز نەزەر دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، بىردىنلا كۆز ئالدى يېڭىلىق بىلەن تولدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ، تۇنجى قېتىم باشقىلارنىڭ ئۇنى مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشى ئىدى.

ئۇ گۈلزىرە بىلەن بىللە سودا سارايدىكى بالىلار مەخسۇس رايونىغا نەرسە سېتىۋالغىلى بارغاندا، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ دادىسىنىڭ ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئاندىن ئوغلىنى مۈرىسىگە قويغانلىقىنى كۆرگەن.

شۇ چاغدا ئۇمۇ ھەۋەس قىلغان، بىراق ئاپىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇشىنىدىن ئەنسىرەپ ئەزەلدىن تىلغا ئېلىپ باقمىغان.

شۇ تاپتا،گاراڭلىق ئىچىدە، ئۇنىڭدا ئاتا مۇھەببىتىنى قايتىدىن تاپقاندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى.

دەل شۇ چاغدا، قەيسەر ھېلىقى دەرەخنىڭ ئاستىغا بېرىپ بولدى، ئۇ بېشىدىكى ئەلدارغا:

-تۇتالىدىڭمۇ؟-دېدى.

شاكىچىك قولىنى سوزۇپ، دەرۋەقە بىر تال دەرەخ يوپۇرمىقىنى ئۈزدى، ئۇنىڭ قەلبىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان خۇشاللىق پەيدا بولۇپ:

-تۇتتۇم!

بۇ چاغدا، كەينىدىكى بىر كىچىك دوست داداسىغا قاراپ:

-دادا، دادا، مەنمۇ ئېگىز بولىمەن!- دېدى.

-باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققان تۇرۇپ، يەنە نېمە ئېگىز بولىسەن؟!-دېدى ئەر.

-قارا، ئالدىدىكى تاغىمىز ئاۋۇ ساۋاقدىشىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ!

-بالام،بويۇن ئومۇرتقام ئاغرىۋاتىدۇ، گەپ ئاڭلا!

ئەر كىچىك بالىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويدى.

كىچىك بالا ئاغزىنى ئۇچلاپ، ھەۋەس بىلەن ئەلدارغا قارىدى.

شاكىچىك قەيسەرنىڭ مۈرىسىدە ئولتۇرۇپ، كەينىگە قارىدى، دەرۋەقە نۇرغۇن كىچىك بالىلار ئۇنىڭغا قاراۋاتاتتى.

ئۇ ئازراق پەخىرلەندى، ھەم ئازراق ئەپسۇسلاندى.

ئەگەر، ئۇنىڭ راستىنلا ئۆز دادىسى بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!

ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قەيسەرغا قاراپ:

-قەيسەر تاغا، مېنى چۈشۈرىۋېتىڭ!- دېدى.

-ياخشى كۆرمەمسەن؟

ئۇ بېشىنى چايقاپ:

-ئۇنداق ئەمەس،- دېدى.

-ئۇنداق بولسا قانداق؟-قەيسەر ئۇنى چۈشۈرۈپ، يۈزىگە قارىدى.

-بۇنداق ئىشنى بىر قېتىم سىناپ باقسىلا بولدى.

ئەلدار ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدى، چىرايلىق كۆزلىرىدە ياش قۇرامى بىلەن ئوخشىمايدىغان پارچە كۆلەڭگىلەر بار ئىدى.

-ئانام بەزى نەرسىلەرگە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ بولمىسا، ئىزچىل ئىگىلەپ ئادەتلىنىپ قالسا، كېيىن يوق بولغاندا كۆڭلى يېرىم بولىدۇ،-دېگەن.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章