يولدىن چىققان ئايال 🧡 43-قىسىم (ئەپچىدە 68-قىسىمغىچە)

文摘   2024-09-26 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «يولدىن چىققان ئايال» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم
9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم
66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

گۈلزىرەنىڭ ئەتىگەندە سودىسى ئاز بولغاچقا، مۇشۇ ۋاقىتتا توپ سېتىش تاللا بازىرىغا بېرىپ قايماق سېتىۋالاتتى.

شۇ چاغدا سودا سارايدىكى LED چوڭ ئىكرانىدىن ئۆتكەندە، دەل شۇ چاغدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىلگەنلىكىنى كۆردى.

ئۇ قەدىمىنى توختىتىپ، ئېكراندىكى ئىككى ئادەمگە قارىدى.

-شەمسىيە، مەن قارار چىقىرىپ بولدۇم.

جالال شەمسىيەگە قارىدى، ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى بۇرۇنقىدەكلا مۇلايىم بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ خاتىرىسىدىكى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن كېلىشكەن ئۆسمۈرگە ئوخشايتتى.

-سىز  تېگشىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئادەمگە چېقىلدىڭىز، بۇ شۇنىڭ بەدىلى.

شەمسىيەنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، تىرنىقى ئالقىنىغا سانجىلىپ، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئەس - ھوشىنى خېلى سەگىتىپ قويدى.

ئۇنىڭ كۆز يېشى بىر تال بىر تالدىن چۈشۈپ، پەس ئاۋازدا:

-سىز راستىنلا شۇنداق قىلماقچىمۇ؟- دەپ سورىدى.

جالال شەمسىيەنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالدىدىكى مىكروفوننى ئېتىۋەتكەن، شۇڭا، گۈلزىرە پەقەت كۆرۈنۈشنىلا كۆرەلەيدۇ، ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ.

بىراق، ئۇ ئۇلار بىلەن تونۇشقىلى شۇنچە يىل بولدى، شۇ تاپتا گۈلزىرە بىردىنلا مىكرو بىلوگدىكى يەنە بىر كىچىك نومۇرنىڭ جالال ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.

-شۇنداق، مەن شۇنداق قىلىمەن.

جالال شەمسىيەگە قاراپ،ئېنق جاۋاب بەردى.

شەمسىيە تېخىمۇ تېز كۆز يېشى قىلدى، لېكىن بىردىنلا كۈلۈپ كەتتى.

ئۇ قولىدىكى يان تېلېفوننى كۆتۈرۈپ، قۇلۇپنى چېكىپ، جالالنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-ئەگەر سىز يەنە مېنى قوغلىۋەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەن ئۇ كۈنى بىز دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن كۆرۈنمە چاستوتىنى ئېلان قىلىمەن!

-سەن ساراڭ بوپسەن!

-شۇنداق، مەن ساراڭ بولدۇم!

شەمسىيەنىڭ كۆزلىرى زەھەرلىك نۇر بىلەن قاپلاندى.

-جالال، مەن سىزنىڭ بۇ ئېلان قىلىش يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، گۈلزىرەگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتقانلىقىزڭنى بىلىمەن. لېكىن، ئەگەر ئۇ سىزنىڭ باشقا ئايال بىلەن بىللە ياتقانلىقىڭىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسە، سىزنىڭچە، ئۇنىڭ مىجەزى بىلەن، يەنە سىزنى قوبۇل قىلارمۇ؟!

جالالنىڭ يۈرىكى تىترەپ كەتتى، شۇ دەقىقىدە، ئىچى كۈچلۈك نەپرەت بىلەن تولدى!

شەمسىيە تېخىمۇ خۇشال بولۇپ:

-سىز مېنى تاشلىۋەتتىڭىز، مېنىڭ ھېچنېمەم يوق، لېكىن سىز ئوخشاشلا سىز ئېرىشمەكچى بولغان كەلگۈسىگە ئېرىشەلمەيسىز!- دېدى.

جالال شەمسىيەنىڭ يان تېلېفونىغا كۆز يۈگۈرتۈپ، قولىنى سوزۇپ تارتىۋالماقچى بولغاندا، ئۇ دەرھال قايتۇرۇپ كېلىپ:

-پايدىسى يوق، جالال، مەن زاپاس ساقىلۋالغان،- دېدى.

-سەن نومۇس دېگەننى بىلمەيدىكەنسەن!-دېدى جالال چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ.

-ئامال يوق، مەنمۇ مەجبۇرلاندىم!

شەمسىيە كېلىپ جالالنىڭ لېۋىگە سۆيدى:

-جالال، بۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىز، سىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىز!- دېدى.

شەمسىيە تۇمشۇقىنى سوزغاندا، جالال چەتكە قارىۋالدى، ئۇ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، كۆڭلى قاتتىق ماغدۇرسىزلاندى.

ئەمدى قانداق قىلدۇ، ھەممىسى بىر يېشلمەس تۈگۈن.

ئەگەر ئۇ شەمسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزمىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۈلزىرە بىلەن بىرگە بولۇشىدا ئۈمىد قالمايدۇ.

بىراق، ئەگەر ئۇ مۇناسىۋەتنى ئۈزسە، شەمسىيە كۆرۈنمە چاستوتىنى ئاشكارىلسا، يەنىلا ئاقىۋېتى ئوخشاش.

ئۇ مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، ئاستا - ئاستا بوشاتتى، كۆزلىرى مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرغان شەمسىيەگە تىكلىپ، مىكروفوننىڭ ۋىكليۇچاتېلىنى ئاچتى.

شۇنىڭ بىلەن گۈلزىرە چوڭ ئېكران ئالدىدا جالالنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىدى.

ئۇ كۆزلىرىنى كۆتۈرۈپ، مەيۈس تەلەپپۇزدا:

-مەن بۈگۈن ئېلان قىلدىغان يەنە بىر ئىش، ئىلگىرىكى شەمسىيەگە مۇناسىۋەتلىك سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ  راست - يالغانلىقىنى مەن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىمەن، ئەڭ ئاخىرىدا پاكىت قانداق بولسا، مەن پاكىتلارغا قارىتا ئادىل جاۋاب بېرىمەن.

گۈلزىرە جالالنىڭ گەپ قىلىۋاتقاندا ئوڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن باش بارمىقىنىڭ توختىماي مىجىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئۇ بۇنىڭ ئۇنىڭ ئادىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەگەر ۋىجدانىغا خىلاپ گەپ قىلسا، ئۇ مۇشۇنداق ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئۇ جالالنىڭ كۆز ئاستىدىكى ئامالسىزلىقنى ئېنىق كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئازراق ھەسرەت چەكدى.

بۇ ئەسىلىمسىدىكى ئاددىي، ئىللىق ئوغۇل بالا، ئاخىرى يوق بولدى.

شۇ تاپتا، ئەڭ خۇشال بولغىنى شەمسىيە بولۇپ، ئۇ قولىنى قورسىقىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا يېنىك قويۇپ قويدى، گەرچە بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالغان بولسىمۇ، لېكىن كالپۇكىنىڭ ھەممە يېرى كۈلكە بىلەن تولدى.

جالال بولسا گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى:

- بىراق، شەمسىيە ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىدەك بۇ ئىش ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ.شەمسىيەنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا كەلسەك، ئەگەر مېنىڭ بولسا، مەن مەسئۇل بولىمەن. لېكىن ئۇنداق بولمىغان بولسا، مېنىڭ ھېچقانداق مەجبۇرىيىتىم يوق!-دېدى.

شەمسىيەنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگەردى.

-جالال، ئېنىقلا بىزنىڭ بالىمىز تۇرسا، سىز يەنە ئېتىراپ قىلمامسىز؟!

ئۇ يەنىلا ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:

-سىز ھامىلەنى ياخشى ئاسراڭ، بالا تۇغۇلغاندا، بىز گېن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارساق بولىدۇ،- دېدى.

سۆزلەۋېتىپ، ئۈستەلدىكى ھۆججەتنى چېكىپ، شەمسىيەگە ئىشارەت قىلدى، ئەگەر ئۇ داۋاملاشتۇرسا، ئۇنداقتا، تەڭ تۈگەشسىمۇ بولىدۇ.

ئۇ كۆرۈنمە چاستوتىنى ئېلان قىلسۇن،ئۆزىمۇ ئۇنى شېركەتتىن قوغلاپ چىقارسۇن.

ھازىر شەمسىيەنىڭ سودىسى قەرزگە چىقىش قىلمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنى ئىشتىن بوشتىۋەتسە، پەقەت كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇ.

شەمسىيە قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز، لېكىن، بەك كەسكىن بولۇپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.

ھازىر، پەقەت ئۇ جالال گۇرۇھىدا بولسىلا، پەقەت ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا دۇنياغا كۆز ئاچسىلا، ھەممە نەرسىگە يەنە پۇرسەت بار.

جالال گېپىنى تۈگىتىپ، كامېراغا قاراپ:

-ئەمەلىيەتتە، بۈگۈن مەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچشىمىدا،ئەڭ مۇھىمى بۇ ئەمەس، بەلكى بىر ئادەمگە دەيدىغان بىر ئېغىز گېپىم بار!- دېدى.

مۇخبىرلار بۇنى ئاڭلاپ يەنە بىر قېتىم قايناشقا باشلىدى.

بۈگۈن ھەقىقەتەن مۇھىم خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن كەلدى.

ئەجەبا تېخىمۇ مۇھىم خەۋەر بارمۇ؟

ئېكران ئالدىدىكى گۈلزىرە تۇيۇقسىز ئايرىلىشنى ئويلاپ قالدى.

ئۇ ئېكران ئالدىدىن كۆزىنى يىغىپ، خالتىنى كۆتۈرۈپ بۇرۇلدى.

دەل شۇ چاغدا، بىرەيلەن ئۇنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ:

-ۋاي ئانام، ئۇ نېمە، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا توي تەكلىپى قويمىغاندۇ؟- دەپ سورىدى.

گۈلزىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەدىمىنى توختىتىپ، چوڭ ئېكرانغا يەنە بىر قېتىم قارىدى.

ئۇ جالالنىڭ بىر قۇتىدىن ئىنچىكە ئويۇلغان سۆسۈن خرۇستال ئۈجمىنى ئېلىپ ئالقىنىغا قويغانلىقىنى كۆردى.

بۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ كۆڭلىدە جاۋاب پەيدا بولدى.

دەرۋەقە، ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇردى، ئاندىن ئۈجمىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قەلەم دەپ بىلىپ، بوشلۇقتا ئاستا ھەم ئىخلاسمەنلىك بىلەن بىر يۈرەك شەكلىنى سىزدى.

سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولۇپ، ئالدى تەرەپكە تىكىلىپ تۇردى.

شۇ تاپتا كۆرۈنۈش جىمجىت بولۇپ، بارلىق مۇخبىرلار ئاۋاز چىقارمىدى.

شەمسىيەنىڭ قاچان ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئۇ نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئاپىرىلدى.

گۈلزىرە چوڭ ئېكران ئاستىدا تۇرۇپ، جالالنى ئېكران ئايرىپ تۇرغاندەك ھېس قىلدى.

گاراڭلىق ئىچىدە، كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈش سەل تۇتۇق بولۇپ، يىللار بۇرۇنقى كۆرۈنۈش ئېنقلاشتى.

ئۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم خاپا بولۇپ ئۇرۇشۇشى ئىدى، ئۇ ئۇۋالچىلىق ئىچىدە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى، كۆڭلىدە ئەمدى ئۇنى كەچۈرمەيمەن دەپ ئويلىدى.

ئۇ ئەمدىلا ئون نەچچە مېتىر مېڭىپ، ئالدى تەرەپنىڭ بىر خالتا كوچا ئىكەنلىكىنى بايقاپ، كۆڭلى غەش بولۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ بىرمۇنچە  ئۈجمە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئون مېتىر يىراقلىقتىكى جايدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.

ئۇ ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر تال ئۈجمىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يۈرەك شەكلىنى سىزىپ بەردى.

ھەر بىر يۈرەك شەكلىنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈجمىنى يېدى، ئاندىن داۋاملىق بىر قەدەم مېڭىپ، بىر تالنى ئېلىپ،يەنە سىزدى ...

ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بىر خالتا ئۈجمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى قالدى.

ئۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرەكنى سىزدى، ئاندىن ئۈجمىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالدى.

-گۈلزار(گۈلزىرەنىڭ بۇرۇنقى ئىسىمى)، بارلىق ناچار كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسىنى مەن يېۋەتتىم، ئېشىپ قالغىنىنى سىزگە بېرەي.مېنى كەچۈرۈڭ، بولامدۇ؟

شۇ تاپتا، گۈلزىرە چوڭ ئېكراندىكى تونۇش قاش كۆزىگە قاراپ، جالالنىڭ ئۇنى تاپالمىغانلىقىنى، پەقەت بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، ئۈنسىز كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدى.

ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆز ئورنىغا مىخلىنىپ، ماڭمىدى.

جالالنىڭ كۆز ئالدىدىكى نەم ھاۋا بارا - بارا تارقاپ، ئەتراپتىكى مۇخبىرلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى، ئاۋازى سەل تۆۋەن بولۇپ، خۇددى ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك:

-بايا، كۆپ يىل ياخشى كۆرگەن قىزىمدىن كەچۈرۈم سورىدىم، ئەگەر ئۇ كۆرۈپ قالسا، مېنى كەچۈرەرمۇ - يوق بىلمەيمەن...- دېدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章