ھەيۋەتلىك ئاپتوموبىل بولا مۇشۇنچىلىك بولا!

文摘   2025-01-01 19:14   新疆  

دىلكان كىنوخانىسىدىن ھەقسىز vip ئالىي ئەزالىق ئېلىۋېلىڭ

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، GMC ئورگان تەرەپ ئۆز قارمىقىدىكى GMC Yukon Denali ئاپتوموبىلىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە نۇسخىسىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىل YUKON Denali بازارغا سېلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بازارغا سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە Denali ۋە Denali Ultimateدىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسى بار، ھەممىسىگە 25 يىللىق مەخسۇس يۈرۈشلۈك زاپچاس سەپلەنگەن، پۈتۈن دۇنيادا چەكلىك مىقداردا 3000 دانە سېتىلىدۇ.

Denali بولسا GMC ماركىسى قارمىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق ماركا بولۇپ، 1999-يىلىدىكى GMC YUKON ئاپتوموبىلى تۇنجى قېتىم بۇ تارماق ماركىغا تەۋە بولغان.

ئورگان تەرەپ پەقەت بىر پارچە GMC Yukon Denaliنىڭ 25 يىللىق خاتىرە نۇسخىسى ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، سۈرەتتىن قارىغاندا، ئالدى يۈزىگە جەمەت شەكلىدىكى كۆپ تەرەپلىك سالاسۇن لايىھەسى ئىشلىتىلگەن، ئىچكى قىسمى قارا رەڭلىك تورسىمان قۇرۇلما بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك كۈچ تۇيغۇسىغا ئىگە؛ سالاسۇن ئەتراپىغا توم خىروم يالىتىلغان تاياقچە سەپلەنگەن بولۇپ، كۈچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئاستى ئورالما قىسىمىدا ئۈچ بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان، ئىككى تەرىپىگە تۇمان چىرىغى سەپلەنگەن، ئەتراپىغا قارا رەڭلىك بېزەك تاختا ھەمدە خىروم يالىتىلغان بېزەك تاياقچە قوشۇلغان، ئاستى قىسىمىغا كۆپ تەرەپلىك ھاۋا كىرىش ئېغىزى سەپلەنگەن.

يان تەرىپىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، ئاپتوموبىل تورۇسىنىڭ سىزىقلىرى نىسبەتەن تۈز بولۇپ، يۈك-تاق جازىسى سەپلەنگەن، يەنە كېلىپ لەيلىمە شەكىلدىكى ئاپتوموبىل ئۆگزىسى ھاسىل قىلغان، سىرتقى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان، چاق گەردىشىمۇ 24 دىيۇملۇق كۆپ شادىلىق گۈل بەرگى شەكلىگە ئۆزگەرتىلگەن.

قۇيرۇق قىسىمىنىڭ ياسىلىش شەكلى جەھەتتە، سېتىلىۋاتقان تىپىدىن قارىغاندا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە كىچىك رازمېرلىق ھاۋا بۆلۈش تاختىسى سەپلەنگەن، قارىدالغان قۇيرۇق چىراغ گۇرۇپپىسىدا C شەكىللىك لايىھە قوللانغان، تىراپېتسىيە شەكىللىك نومۇر تاختا رايونىدا ئىچىگە پېتىنقى لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ قاتلام تۈسىنى ئاشۇرغان، ئاستىنقى ئورالما قىسمى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە بولۇپ، گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىغا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي تۆت دانە ئورۇنلاشتۇرۇش قوللىنىلغان.

ئىچكى بېزەك جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلدا ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، تولۇق سۇيۇق كىرىستاللىق پىرىبور دىسكىسى، تىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەركىزىي كونترول ئېكرانى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق خوت تۇتقۇچى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، يېڭى ئاپتوموبىل شىمالىي ئامېرىكىدا بېنزىن ۋە دىزېل نۇسخىسىنى تاللاشقا تەمىنلىگەن، بېنزىن نۇسخىسىغا 6.2Lلىق V8 موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 426 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 624N·m، دىزېل نۇسخىسىغا 3.0Tلىق موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 309 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 671N·m بولۇپ، 10AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ماسلاشتۇرۇلغان، تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسىنى تاللاپ ئورنىتىشقا بولىدۇ.

بىراق دۆلەت ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ سېتىلغان نۇسخىسىغا 2.7Tلىق تۆت سىلىندىرلىق موتور ئالماشتۇرۇلغان، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 303 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 500N·m، ئوخشاشلا 10AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ھەمدە تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان.

بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ
ماشىنا سودىسى، ئۆي سودىسى، نەرسە-كېرەك سودىسى، ھەرخىل سودىلار جەملەشكەن، ئۇچۇر ئەپچاقنى چۈشۈرۋېلىپ قۇلاي بولغان سودىنى باشىۋېلىڭ

Maxina汽车网
汽车新闻,二手车信息,违章查询 | نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىدىكى ماشىنا خەۋەرلىرى، نىمكەش ماشىنا ئۇچۇرلىرى يوللىنىدۇ
 最新文章