موڭغۇلىيەلىك 25 بالا جۇڭگودا داۋالىنىدۇ

时事   2024-11-17 19:00   北京  

شۇ يەر ۋاقتى 17-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «پەرىشتە سەپىرى ـ'بىر بەلباغ بىر يول' ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش پىلانى» بويىچە موڭغۇلىيەلىك 25 بالا ئۇلانباتۇردىن بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى، بۇ بالىلار تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇلار جۇڭگودا يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شېن مىنجۈەن ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى ھەمدە بۇ بالىلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاخىرلىشىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قايتا باشلانغاندىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگوغا بېرىپ داۋالىنىدىغان بالىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ يىل سېنتەبىردە، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى موڭغۇلىيەگە بېرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوپېراتسىيە كۆرسەتكۈچىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 25 بالىنى بېكىتكەن ئىدى.
تۆۋەندىكى بۇ ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى ئەپ دېتالى 央视频 دىكى (百科全说ۋە (亚克西视角نومۇرىنىڭ تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرىنى كۆرۈشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

  


ۋىدېيونى ئېكراننىڭ ئاستى سول بۇرجىكىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ.




ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئېلىمىزدە دىيابېت بىمارلىرى 100 مىليوندىن ئاشتى

ياۋروپادىكى بىرىنچى باي دۇنيادىكى بىرىنچى باينى ئەرز قىلدى؟




来源:中央广播电视总台

监制|艾司哈尔·图送

翻译|艾尼瓦尔·艾尔肯

视频|艾尼瓦尔·艾尔肯

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯




www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章