شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيروغا يېتىپ باردى

时事   2024-11-18 11:00   北京  

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن رىئودې ژانېيروغا يېتىپ باردى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لۇلانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن، شۇ جاي ۋاقتى 17-نويابىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىئودې ژانېيروغا يېتىپ باردى.
مەخسۇس ئايروپىلان رىئودې ژانېيرودىكى گارىئون ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كانايچىسى كاناي چېلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار تۇردى.
شى جىنپىڭ ئايرودۇرۇمدا يازما سۆز قىلىپ، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىرازىلىيە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن ئىلگىرى تۆت قېتىم بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، بىرازىلىيەنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، مەن بۇ قىزغىنلىققا تولغان تۇپراققا يەنە بىر قېتىم قەدەم باسقانلىقىمدىن ئىنتايىن يېقىنلىق ھېس قىلدىم. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى ياخشى دوستلار، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، دېڭىز-ئوكيانلار ئارقىلىق يىراقتىن ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا جەلپ قىلىپ، يىراقتا تۇرۇپ ھەمكارلىشىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقى كۆپ جەھەتتىن مېۋە بېرىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدا دەۋرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، ئىككى دۆلەت خەلقئارادا يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەققانىيەت ساداسىنى بىرلىكتە ياڭرىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم تارىخىي نۇقتىدا تۇرغاندا، مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن جۇڭگو-برازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 50 يىل»نى باشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇلۇغ پىلانلارنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولۇش سۈپىتىدە داۋاملىق تېخىمۇ زور رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەدىكى باش ئەلچىسى جۇ چىڭچياۋمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 31-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم پېرۇدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ لىمادىن ئايرىلىدىغان چاغدا، پېرۇ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئادرىئانسېن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاستۇدىللو قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدىن ئايرودۇرۇمغا بېرىش سەپىرىدە، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئامما ئۆزلۈكىدىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، ئاپتوموبىل كالونىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مەبلىغى ئورگانلىرى، شۇ جايدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章