شى جىنپىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

时事   2024-11-17 10:53   北京  

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 31-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 31-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 16-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن پېرۇدىكى لىما يىغىن مەركىزىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ بولۇئارتې قىزغىن كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ زور تەرەققىيات، زور گۈللىنىش، زور يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بۆلەك ۋە ئاساسلىق ئېشىش ماتورىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىمۇ رايون سىياسىيسى، بىر تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرغاندا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان  تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئېچىۋېتىلگەن، يۈرۈشتۈرۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلساق. كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئوچۇق ئىقتىساد چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئالاقىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغدىساق. بۈگۈن، بىز ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يېتەكچى ھۆججىتىنى ماقۇللايمىز، بۇنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. جۇڭگو ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلىشىپ، ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن رەقەم ۋە يېشىل ساھەدىكى سودا كېلىشىمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە كېڭىشىپ، يەر شارىغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى خالايدۇ.
ئىككىنچى، يېشىل، ئىجادىي بولغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرسەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت ئۇچۇرى، ھاياتلىق ساغلاملىقى قاتارلىق ئالدىنقى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېجەشلىك-تۈجۈپىلىك بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنىڭ تەڭكەش تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. جۇڭگو شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرگەن ھالدا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن يېشىل يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يەر شارى سانلىق مەلۇماتلارنى چېگرا ھالقىپ يۆتكەش ھەمكارلىقى تەشەببۇسى»نى ئېلان قىلىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، بىخەتەر بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى چېگرا ھالقىپ يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ئۈچىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزساق. ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە ئاجىز توپلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تورت»ىنى بىرلىكتە زورايتىپ ۋە ياخشى تەقسىملەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي گەۋدىلەر، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كوللېكتىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2026-يىللىق ساھىبخانلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا 300 دىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا داۋاملىق ئولتۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى قارشى ئالىدۇ.
پېرۇ زۇڭتۇڭى بولۇئارتې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، «قۇۋۋەت قوشۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئاشۇرۇش» يىغىننىڭ باش تېمىسى بولدى.
يىغىندا، «2024-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ماچۇپىچۇ خىتابنامىسى»، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قارالمىسىنىڭ يېڭىدىن يىراققا نەزەر سېلىش توغرىسىدىكى باياناتى» ھەم «مۇنتىزىم بولۇشقا يۈزلەنگەن ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى لىما يول خەرىتىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ نەتىجە ھۆججىتى ئېلان قىلىندى.
15-نويابىر كەچتە، شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى» 
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.


(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).








来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

翻译|阿布都拉·毛拉

视频、微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章