شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 15-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا «دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، بىرى گۈللەنسە، ھەممىسى گۈللىنىدىغان، بىرىگە زىيان يەتسە، ھەممىسىگە زىيان يېتىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قارشى ئېقىمغا، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىشتەك كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشىنى تاللىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، گەرچە تەتۈر شامال ۋە چېكىنىش دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق، تۈرلۈك ناملار بىلەن جاھىللارچە بىر-بىرىگە تايىنىدىغان دۇنيانى ئايرىۋېتىش-تارىخنى كەينىگە ياندۇرغانلىق. قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۆنىلىشىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان توپقا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.
بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، بىلىم ۋە تېخنىكىنىڭ دۇنيا بويىچە يۆتكىلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.
ئىككىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى ھوقۇق باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى نامراتلار بارغانسېرى نامراتلىشىش، بايلار بارغانسېرى بېيىش ئاساسىدا ئىشقا ئاشمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ھەقىقىي تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئاساس قىلىىنغان، تەرەققىيات تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان، پۇرسەت تېخىمۇ باراۋەر بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يولىدا مېڭىپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن 30 يىلدا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى داۋاملىق كۈچلۈك ئېشىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك «ئاسىيا تىنچ ئوكيان مۆجىزىسى» يارىتىلدى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىزنىڭ باشتىن-ئاخىر رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئوچۇق رايونچىلىقتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىگە باشتىن-ئاخىر ماسلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدىن كەلگەن. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى داۋاملىق ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پاراۋۇز بولۇپ، توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى ئېچىۋېتىش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى سىغدۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرۇپ، يېشىل ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى، رەقەملىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى يېڭى ۋىۋىسكىسىنى يارىتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىلى»نى بەرپا قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا داۋاملىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ موتورلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شارائىتقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ. جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۇنيانىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى داۋاملىق مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش ۋە بىر تەرەپلىك ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى كېڭەيتىپ، داۋاملىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيانى تەڭ بەھرلەندۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يەنىمۇ بەخت يارىتىدۇ. بىز ئېچىۋېتىش، ئالاقىلىشىش روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتسەكلا، تىنچ ئوكيان گۈللىنىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىغا ئايلىنالايدۇ. ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچ توپلايلى.
ۋىدېيونى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى
阅读原文نى بېسىپ ياكى تېلېفونىڭىزغا مەركەز ۋىدېيوسى (央视频) ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، «ياخشى»
(亚克西视角) ۋىدېيولۇق پىروگراممىمىزدىن كۆرۈڭ.
(بىر قىسىم جايلاردا 阅读原文نى بېسىپ كۆرۈش نورمال بولمايۋاتىدۇ، يەنىلا ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ مەركەز ۋىدېيوسى 央视频 ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز).
来源:中央广播电视总台
监制|巴哈提亚尔·图尔地
校对|伊明司马义
翻译|帕提古丽买买提
视频|古丽拜克拉木·穆合塔尔
微信编辑|古丽拜克拉木·穆合塔尔
www.uycnr.com