شى جىنپىڭ بىرازىلىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

时事   2024-11-18 11:00   北京  

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيروغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، شۇ جاي ۋاقتى 17-نويابىر بىرازىلىيەنىڭ «سان پاۋلو بەت گېزىتى»دە «ئارىلىق يىراق بولسىمۇ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش-يەلكەن ئېچىپ تەڭ ئىلگىرىلەشنىڭ ياخشى پەيتى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرازىلىيە جۇڭگو خەلقى بەك ياخشى كۆرىدىغان دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى ۋە جانلاندى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، تەقدىرداش بولۇشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنى چۈشەندى ۋە قوللىدى؛ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق كەمكوسلىرىنى تولۇقلاشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى؛ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش-ئۆرنەك ئېلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى؛ تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئىجابىي كۈچ قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئىككى چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن «بورانغا تاقابىل تۇرغۇچى» ۋە «دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگۈچى» بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يېڭى يول ئېچىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ۋە ئىنسانىيەتكە مەنسۇپ بولغان تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ بىرلىكتە مېڭىشى كېرەك.
بىز جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دوستلۇقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. جۇڭگو-بىرازىلىيە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، خەلققە ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان ئۈلگىلىك تۈرلەرنى تېخىمۇ كۆپ بەرپا قىلىپ، ئۆز دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە خەلقىنىڭ دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەل ئىچى ئەلچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىغا جۇڭگو-بىرازىلىيە تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى «ئالتۇن 50 يىل»غا قەدەم قويۇشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى كۈتمەكتىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرازىلىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولغاندىن كېيىن، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو زۇڭتۇڭ لۇلا بېكىتكەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار باش تېمىلىق قارالمىلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ۋە پائال قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ رىئودې ژانېيرو يىغىنىدا جەزمەن مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ئاتا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 





来源:中央广播电视总台

监制|库尔班妮莎

校对|阿布都拉·毛拉

翻译|阿地力·阿布来提

微信编辑|艾尼瓦尔·艾尔肯



www.uycnr.com


中央广播电视总台维吾尔语
中国维吾尔语广播网(www.uycnr.com)是中央广播电视总台民族语言节目中心主办的国内最权威的维吾尔语新闻网。
 最新文章