يېقىندا فۇجيەن فۇجۇدىكى ۋاڭ خانىم خاسىڭ يەپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟ شۇ كۈنى ۋاڭ خانىمدا قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، دەرھال دوختۇرخانىغا بارغان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىغا ئوخشاپ كەتكەن، ئەمما ۋاڭ خانىمنىڭ كۆزىدىكى بىنورماللىق دوختۇرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دوختۇرنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك، قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ۋاڭ خانىمنىڭ ترانسىئامىنازا كۆرسەتكۈچىنىڭ نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان، بۇ ئۇنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، ئەسلىدە، ۋاڭ خانىم كېسەل بولۇشتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن، ساقلىغىلى ئۇزۇن بولغان، كۆكىرىپ قالغان بىر بولاق خاسىڭنى يىگەچكە جىددىي زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
来源:中央广播电视总台
监制:阿尔帕提·玉山江
翻译、视频:西任古丽·托乎地
微信编辑:西任古丽·托乎地
www.uycnr.com