年09月24日 21:16
جۇڭگو تەرەپ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ! دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىنكاسى!
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن ۋېيدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانە باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا باشلىدى ھەم كېلەر يىلى جۇڭگودا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.
سۈن ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېلەر يىللىق باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەت، شۇنداقلا جۇڭگو تەرەپنىڭ رەئىس دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى ئەڭ يادرولۇق پائالىيىتى. جۇڭگو تەرەپ بىر نۆۋەتلىك دوستانە، ئىتتىپاق، مول نەتىجىلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تەرەپ يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى 100 تۈردىن ئارتۇق يىغىن ۋە پائالىيەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت