ئاۋسترالىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قېلىپ كەپ چىققان ق

文摘   2024-08-27 23:15   新疆  



تارىخچىلار


مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى

ئاۋسترالىيە ۋە ئاۋسترىيەنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قالغانلىقتىن كەپ چىققان تارىخى كومىدىيە.

ئاۋسترالىيە ۋە ئاۋستىرىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ نامى قايسى تىل ياكى قايسى يېزىقتا بولسۇن تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە يېزىلىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سالۇنىمىزدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نامىننى بىللە ئاڭلىسا پەرق ئېتەلمەي گاڭگىراپ قالىدىغۇ دەيمەن. لىكىن ھېچقىسى يوق بۇ نۇرمال ئەھۋال، سىزلا ئەمەس ھەتتا خەلقئارا سىياسى سەھنىدىكى داڭدار سىياسىيونلارمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نامىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان، ھەتتا بۇ سەۋەبلىك تارىختا مەلۇم ئىككى دۆلەت ئۆزئارا دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن.

ئاۋستىرىيە ياۋروپانىڭ ئوتتورا قىسىمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى نېمىسلاردىن تەركىپ تاپقان، ئاۋستىرىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ تارىخى مۇناسىۋېتى ئىنتايىن قويۇق، ئاۋستىرىيەنىڭ دۆلەت نامىمىۇ ئەمىلىيەتتە نېمىسچە ئاتالغۇ. 

ئاۋستىرالىيە بولسا جەنۇبى تىنىچ ئوكياندىكى ئوكيانىيە قىتئەسىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت بولۇپ تارىختا ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكە ئۆلكىسى بولغان. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسىمىمىۇ ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەمىلىيەتتە ئاۋستىرالىيەنىڭ دۆلەت نامى ئېنگىلىزچە ئاتالغۇ. لىكىن قايسى تىلدا ئوقۇلسۇن تەلەپپۇز قىلىنىشى بىر- بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تارىختا ئاز بولمىغان كۈلكىكىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. بۈگۈن بىز ئاساسلىق قىلىپ بىرنەچچە تارىخى كومىدىيلىك ۋەقەنى سۆزلەيمىز.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2014-يىلى 4ـ نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋېنادىكى خەلقئارا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئاۋسترالىيە بىلەن ئاۋسترىيەنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇ ساھىبخان دۆلەتكە رەھمەت ئېيتقاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ يىغىننى تەشكىللىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، لىكىن ساھىبخان دۆلەت ئاۋسترىيەگە ئەمەس. يىغىندىن كىيىن، بان كىمون چۈشەندۈرۈپ، بۇ  ئۆزىنىڭ تەلەپپۇزىدىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى قەستەن قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاۋستىرىيەدىن كۆچۈرۈم سورىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاۋسترىيەدە كېنگۇرۇنىڭ يوقلۇقى نى ئاۋستىرالىيەدە ناھايتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ۋە كىيىن بۇ ئىككى دۆلەتنى كېنگۇرۇ ئارقىلىق ئېسىدە ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىككى دۆلەت نامىنى خاتا قوللانغان تۇنجى سىياسىي پائالىيەتچى ئەمەس. 2007ـ يىلى ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جورجى بۇش ئاۋسترالىيە زۇڭلىسىنىڭ ئىراقتا زىيارەتتە بولغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا،  ئاۋسترالىيە ئارمىيەسىنى خاتا ھالدا ئاۋسترىيە ئارمىيەسىنىڭ ئامىرىكا ئارمىيسىگە ھەم نەپەس بولغانلىقىغا رەھمەت دەپ ئاتىغان. بۇخىل كىچىك سەۋەنلىكلەر ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا سىياسىغا ئانچە تەسىر كۆرسىتەكمىگەن. لىكىن بۇنىڭدىن 45يىل ئىلگىرى چاۋشىيەنلىك تەرجىمان ئىككى دۆلەت نامىنى خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ئاۋستىرالىيە بىلەن چاۋشىيەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ بىر بىرىنىڭ باش ئەلچىللىرىنى چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۇدا 25يىل بىر بىرى بىلەن ئالاقە قىلمىغان. لىكىن بۇ قېتىم ئاۋستىرالىيەگە راستىنلا ئۇۋال بولغان. كورىيەلىك بان كىموننىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن ئاۋسترىيەنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشى كىشىگە 1975ـ يىلىدىكى ئاشۇ قېتىملىق ۋەقەنى ئەسلىتىدۇ.

ت. 1975ـ يىلى چاۋشيەن بىلەن ئاۋسترالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئويلىمىغان يەردىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىنىغا تېخى يېرىم يىل بولمايلا، چاۋشيەن تەرەپ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەيلا، ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاۋسترالىيەنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقاردى، ئىككى دۆلەت شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى 25 يىلغىچە ئۈزۈپ قويدى. 2000ـ يىلى 5ـ ئايغا كەلگەندە، ئاندىن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەسلىگە كەلدى. ئەينى يىللاردا نېمە ئۈچۈن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ كۆپ يىللىق پەرىزى بولسىمۇ، باشتىن ـ ئاخىر مۇھىم نۇقتىغا ئېرىشەلمىگەن بىر سىر بولۇپ قالدى.

ت. 2000-يىلى 5ـ ئايدا ئاۋسترالىيە بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورمال ھالەتكە كېلىشكە باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئولبىرايت چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى دونالدمۇ شۇ ھەپتە چاۋشيەنگە كەلدى ھەمدە چاۋشيەنگە 5 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى قىممىتىدىكى 12 مىڭ توننا بۇغداي ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولدى. مۇناسىۋىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دېيىشمەيدىغان گېپى يوق، ئاۋسترالىيە مۇخبىرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنىڭ سىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى، نەتىجىدە چاۋشيەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى. ئەسلىدە بىر ناچار تەرجىماننىڭ دۆلەت نامىنى خاتا تەرجىمە قىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

بۇ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، 1975ـ يىلى 38ـ سەپتە مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن: كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەينى ۋاقىتتا ئالدىن چاۋشيەن تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمىغان ئەھۋالدا، قول سېلىپ پانمۇنجومدىكى ھەربىي ئىشلاردىن خالىي رايونغا جايلاشقان بىر تۈپ چوڭ دەرەخنى كەسكەن، سەۋەبى دەرەخ ئۇلارنىڭ شىمالغا نەزەر سېلىش دائىرىسىنى توسۇۋالغان، چاۋشيەن ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ دەرەخ كېسىشىنى توسۇشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرىنىڭ جىددىي قارشىلىشىشى پەيدا بولغان.

ۋەقە مۇنداق بولغان: ئەينى يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئورتاق گارنىزون رايونى ( كورېيە تەرەپ ) دا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ 5ـ كۆزىتىش پونكىتى بىلەن چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ 3ـ كۆزىتىش پونكىتى ئارىلىقىدىكى ئاق تېرەكنى كېسىۋېتىشنى ئۈمىد قىلغان. دەرەخ كېسىش ھەرىكىتى 1976ـ يىلى 8ـ ئاينىڭ 6ـ كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كومىتېتى يىغىنىدا چاۋشيەنگە ئۇقتۇرۇلغان. 1976ـ يىلى 8ـ ئاينىڭ 18ـ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چاۋشيەن ـ كورىيە قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دەرەخ كېسىشكە ئادەم ئەۋەتكەن. چۈنكى بۇ دەرەخ ب د ت ئارمىيىسىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى توسۇۋالدى. لىكىن دەرەخ چېپىۋاتقاندا، چاۋشيەن تەرەپتىن بىر لېيتېنانت، توققۇز ئەسكەر چىگراغا كېلىپ دەرەخنى كېسىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئامىرىكا ئارمىيسى بولسا بۇ دەرەخ كورىيە زىمىنىدا ئۆسكەن، بىز كورىيەنىڭ دەرىخىنى كېسىۋاتىمىز، چاۋشيەننىڭ دەرىخىنى ئەمەس، شۇڭا بىز دەرەخنى مۇۋاپىق كېسىۋاتىمىز دەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيە مەسۇلى كاپىتان بونىفاس ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن چاۋشيەن تەرەپنىڭ يوچۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

روشەنكى، چاۋشىيەنلىك لېيتېنانت زەربىگە ئۇچراپ، بونىفاسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: بولىدۇ، سەن مېنى ساقلاپ تۇر! دەپلا بېشىنى بۇراپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئادەم چاقىردى. كېيىن بىر توپ چاۋشيەن ئەسكەرلىرى قاتىللىق قوراللىرىنى ئېلىپ كەلدى،(ئاساسلىقى بولقا، كالتەك دېگەندەك.) ئېتىلىپ چىقىپلا بونىفاسنى قاتتىق ئۇردى. نەتىجىدە ئۇلار ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى، بۇمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ناھايىتى خاپا قىلدى. لېكىن دەرەخ تېخى كېسىلمىگەچكە ئامرىكا ئارمىيسى مۇشۇ بىر تۈپ دەرەخنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولدى.

ئارقىدىن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، ئامىرىكا بىر ساپيورلار شۆبە ئەترىتىنى دەرەخ كېسىشكە يۆتكىدى، ھەتتا چوڭ قىسىمنى ئارقا سەپتە قوغداشقا يۆتكىدى، يان قاناتقا كورېيە ئالاھىدە ئەسكەرلىرى سەپلەندى. تىك ئۇچار ئايروپىلان، كۈرەشچى ئايروپىلان، ئېغىر زەمبىرەكلەر بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇردى. چاۋشيەن تەرەپمۇ گاڭگىراپ قالدى، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ھەپىلىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ناھايىتى ئېگىز بىر دەرەخ كۆتىكى قالدى. 

دەرەخنى كېسىپ بولغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چاۋشيەن نومۇسقا چىدىماي غەزەپلىنىدۇ دەپ ئويلاپ، دەرھال جىددىي ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھالىتىگە كىردى، ئامېرىكىنىڭ 2ـ پىيادىلەر دىۋىزىيەسى 24 سائەت ئېھتىيات ھالىتىگە كىردى، ئوتتۇرا يول ئارىلى ناملىق ئاۋىياماتكا چاۋشيەن بوغۇزىغا ئورۇنلاشتى، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق بىر ئېف ـ 1 ئوتتۇرا ئەترىتى، ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق بىر ئېف ـ 4 ئوتتۇرا ئەترىتى ۋە ب ـ 52 بەلگىلىك ئىككى ئايروپىلانمۇ ياردەم بېرىش بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇردى.

ئەمما چاۋشيەن ئۇنداق قىلمىدى، ئاندىن ئىككىنچى كۈنى چاۋشيەن گېزىتىدە 《ئەكسىيەتچى ئامىرىكا ئىتلىرى چاۋشىيەن ئورمانغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان سېسىق لۈكچەكلەر》 دېگەن باش خەۋەر بېسىلدى ھەمدە دەرەخ كېسىشتە ئىشلىتىلىدىغان پالتىنىڭ سۈرىتى كۆرسىتىلدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ پالتىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، پالتا يۈزىگە ئاۋستىرالىيە دە ئىشلەنگەن دېگەن خەت بېسىلغانلىقىنى بايقىغان. 

شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن ھۆكۈمىتى سىلەر ئەسلىدە بىر جاڭگالنىڭ بۆرىللىرى ئىكەنسىلەر، بىز تېخى يېقىندىلا سىلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەپ قاتتىق غەزەپلەندى، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەك ئېغىر بولدى. شۇنىڭ بىلەن، نەتىجىدە چاۋشيەن ھۆكۈمىتى  ئاۋسترالىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. ئەمىلىيەتتە تەرجىمانلار خاتا ھالدا ئاۋسترىيەنى ئاۋسترالىيەگە تەرجىمە قىلىپ قويغان ئىدى. پەقەت بىر نەچچە سۆزنىڭ پەرقى بىلەن مۇشۇنداق خەلقارالىق چوڭ يۇمۇر پەيدا بولدى، 20 يىلدىن كېيىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئاندىن قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. ئەجەبا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش سەۋەبى راستتىنلا شۇنچە ئاجىزمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. 

لېكىن خەۋەر قىلىنىشىچە، چاۋشيەننىڭ يەنە بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: ئەينى يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن چاۋشيەن ئەسلىدە ئاۋسترالىيەنىڭ ب د ت قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە چاۋشيەننى قوللاپ كورېيەگە قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان، نەتىجىدە ئاۋسترالىيە ھەممە يەردە كورېيە تەرەپتە تۇرۇپ چاۋشيەنگە قارشى تۇرغان، ئاساسلىقى بۇ نۇقتا چاۋشيەننىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش قارارىنى چىقارغان. يەنە بىر قائىدە شۇكى، ئەينى يىلى چاۋشيەننىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاۋستىرالىيەدىن ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغان ۋە زاكالەت بېرىپ قويغان، لىكىن كانبېررادىكى ئاپتوموبىل سودىگىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۆزى ئالماقچى بولغان ھېلىقى باۋما ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ كورېيەنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە سېتىلىپ بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا مال يوقلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىش خەلقئارا دا چاۋشيەننىڭ يۈزىنى تۆكتى.ئارقىدىنلا بۇ قېتىملىق دەرەخ كېسىش ھەركىتى يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بىر قاتار تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشى ۋە تەرجىماننىڭ خاتالىقى بىر قېتىملىق خەلقئارا يۇمۇرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


ئەڭ نادىر مەزمۇنلار مۇشۇ سالۇندا



Hizmat丨工作
سالونمىز قۇشۋېلىپ ئەڭ يىڭى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلارنى كۈرۈڭ
 最新文章