مانۋېر جەريانىدا ئوق تەگكەن ئەسكەرنىڭ قالپىقىدىن نېمە ئۈچۈن ئوخش

文摘   2024-09-10 20:44   新疆  


  

زەمران


مانۋېر جەريانىدا ئوق تەگكەن ئەسكەرنىڭ قالپىقىدىن نېمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان رەڭلىك ئىس چىقىدۇ، ھەرخىل رەڭلىك ئىسنىڭ نېمە مەنىسى بار؟

ھازىرقى دەۋر تىنچ دەۋر، پەقەت ئاز ساندىكى دۆلەت ۋە رايونلارلا ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى ئەمەلىي ئۇرۇش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرمىگەن، شۇڭا  2ـ دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەت ئارمىيەلىرنىڭ جەڭگىۋارلىقى خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتتى، قانداقلا بولمىسۇن ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسى نەزەرىيە بىلىملىرى، ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئارمىيەنىڭ ھەقىقى كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

مانىۋېر ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشى، ئۆزىنىڭ نەزەرىيە بىلىملىرىنى دەلىللىشى، شۇ ئارقىلىق قىممەتلىك ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئەمما كۆپچىلىككە مەلۇم، مانېۋىر قانداقلا بولمىسۇن يەنىلا مانېۋىر، ئەمەلىي جەڭ ئەھۋالىدىكىگە ئوخشاش ئۇنداق قۇرقۇنۇش ۋە جىددىيلىك تۇيغۇسى بولمىسا، ئەسكەرلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭى بۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىلمىگەن بولىدۇ، ئويلىغان ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قۇرۇق ئوق بارلىققا كەلدى. 

بۇ خىل ئوق نورمال ئوقنىڭ كۈچىدىن خېلىلا ئاجىز بولۇپ، ئادەمگە تەگكەندىن كېيىن جانغا زامىن بولمايدۇ، ئەمما ئاغرىق سېزىمى پەيدا قىلىدۇ، ئاغرىق سېزىمى بولغاندىن كېيىن، ئەسكەرلەر مانېۋىر ئۆتكۈزگەندە تېخىمۇ كۆڭۈل قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرلانغاندىن كېيىن، ئەسكەرلەرنىڭ قۇربان بولغان ـ بولمىغانلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ 

بۇنىڭ ئۈچۈن لازېر نۇرى ئارقىلىق تەقلىدىي قارشىلىشىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ دۈشمەنگە تەگكۈزگەندىن كېيىن، ھەر خىل رەڭلىك ئىس ـ تۈتەك كۆتۈرۈلىدۇ، ئوخشىمىغان ئىس ـ تۈتەك ئوخشىمىغان مەنىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەسىلەن، ئاق ئىس ـ تۈتەك پۇت ـ قوللارغا تېگىپ، يېنىك يارىلانغان ساھەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دۈشمەن بىلەن داۋاملىق جەڭ قىلالايدۇ، كۆك ئىس ـ تۈتەك ئېغىر زەخىملىنىش بىلەن يېنىك زەخىملىنىشنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، ئادەتتە ئەجەللىك يەرگە ئوق تەگكەنگە ۋەكىلكىك قىلىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋالدا، ئەسكەرلەر ئۆز ئارمىيەسنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن داۋاملىق ئۇرۇش قىلسا بولىدۇ، ئەمما دۈشمەنگە ئۇچراپ قالسا شاللىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر خىل ھال رەڭ ئىس ـ تۈتەك بار، بۇ خىل كەسكىنلىك ئەجەللىك يارىلىنىشنىڭ سىگنالى، ئەسكەرلەر بۇ ۋاقىتتا قارشىلىق كۆرسىتىشكە يول قويمايدۇ، چۈنكى ئەجەللىك يارىلىنىش ئادەم ئۆلگەن بىلەن باراۋەر بولۇپ چوقۇم مەيداندىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. 

بۇ ئىس ـ تۈتەكتىن ياخشى پايدىلانغاندىن كېيىن، مانېۋىردا قۇربان بولغان ياكى يارىلانغانلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل ئىس ـ تۈتەك، يەنى قىزىل ئىس ـ تۈتەك بار. بۇ ئىس تۈتەك مەيداندىن چىقىپ كەتكەن ئادەم يېڭىلگىنىگە تەن بەرمىگەندە تارقىلىپ چىقىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىنى تەن.ئالمىغىنىغا باراۋەر، ئەسكەرلەر ئىنتايىن ھاكاۋۇر، غورورلۇق كېلىدۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئاجىز دەپ قارىمايدۇ، شۇڭا جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاسانلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئەگەر ئەسكەرلەر بۇنداق قىلسا ئىنتايىن سەتچىلىكنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. 

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹





Hizmat丨工作
سالونمىز قۇشۋېلىپ ئەڭ يىڭى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلارنى كۈرۈڭ
 最新文章