چولپانلار توپلىشىپ شىنجاڭدا ساياھەت قىلدى
بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى بىر قاتار ناخشا كېچىلىكى، مۇزىكا بايرىمى ئۆتكۈزدى، چولپانلار ساياھەت قىزىق نۇقتىلىرىغا كارتا سۈركەپ بەردى. سۈرەتتە بۆلجۈرگەن مۇزىكا بايرىمى نەق مەيدانى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ چولپانلار بەس-بەستە نەزىرىنى بۇ سېھرىي كۈچكە تولغان زېمىنغا قارىتىپ، ئۇنى ساياھەتچىلىكتىكى كارتا سۈركەشنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسى قىلدى.كىنو-تېلېۋىزىيە چولپانلىرىدىن مۇزىكانتلارغىچە، تور قىزىل بلوگ ئىگىلىرىدىن تەنتەربىيە ماھىرلىرىغىچە... ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى ئاچقاندا، تېخىمۇ كۆپ داڭلىق كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئۆزىنىڭ ئىزىنى قالدۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس، يەنە بەزى تورداشلار چاقچاق قىلىپ «كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىنىڭ يېرىمى كەلدى» دېيىشتى.تېخىمۇ كۆپ چولپانلار كېلىپ، ساياھەت جەريانىدىكى گۈزەل مەنزىرە، ئېسىل تائاملار ۋە مەدەنىيەت تەسىراتلىرىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىنى بېيىتتى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.ئۈرۈمچى سياھەتچىلىكنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندىچېڭدۇلۇق ناخشا مەستانىسى جاڭ خاۋرەن مۇنداق دېدى:دوستلىرىم بىلەن جاڭ شىنجېنىڭ ناخشا كېچىلىكىنىڭ يۈرۈشلۈك بېلىتىنى سېتىۋالدىم، ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىپ بولدۇم، 8-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىگە بارىمەن، مۇددەتتىن بۇرۇن كېلىپ، بىر نەچچە كۈن كېچىكىپ ماڭىمەن، ناخشا كېچىلىكىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۈرۈمچىنى ئايلىنىپ كېلىمەن.2024-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر قاتار نادىر ناخشا كېچىلىكى، مۇزىكا بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن چولپانلار ۋە مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.شۆ جىچيەننىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ناخشا ئېيتىشىدىن بۆلجۈرگەن مۇزىكا بايرىمىنىڭ شادلىقىغىچە. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى داڭلىق ناخشىچى دەي يۈچياڭ ئۆزىنىڭ «تىياتىر» چولپىنى مۇزىكا كېچىلىكىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدە ناخشا ئېيتتى، دەي يۈچياڭ شىنجاڭنىڭ ئېسىل تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت سەنئىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.«مەڭگۈلۈك ئاق تېرەك» ناملىق يەن ۋېيۋېن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي ناخشا كېچىلىكى 28-ئىيۇل ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يازلىق تەتىللىك جاڭ شىنجېنىڭ ناخشا كېچىلىكى كەينى-كەينىدىن كەلدى. 9-ئايدا لى جيەننىڭ «ھەممە مەۋجۇداتلار خاتىرجەم بولغاندا» ناملىق سەييارە ناخشا كېچىلىكى يەنە باشلاندى، ھەر بىر مەيدان ئويۇن بىر قېتىملىق كاتتا زىياپەت بولۇپ، بۇ شەھەرگە چەكسىز ھاياتىي كۈچ قوشتى.ئوخشاش مۇساپىلىك ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى بۆلجۈرگەن مۇزىكا بايرىمى ۋە شۆ جىچيەننىڭ ناخشا كېچىلىكى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەت ئىزدەش قىزغىنلىقى %44 ئاشقان. ساياھەتچىلەر مۇزىكا ۋە مەدەنىيەت زىياپىتىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، تارىخىي ئىزنالىرى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مەدەنىيەت مەزمۇنى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى بېيىتتى. ئويۇن قويۇش بازىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇزىكا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى، سەنئەتكارلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئويۇن قويۇشى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.تور چولپانلىرى، سەنئەتكارلار ئارقا-ئارقىدىن كارتا سۈركەپ،شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى گەۋدىلەندۈردى بىر ھەپتە ئىچىدە شياڭگاڭلىق داڭلىق ئارتىس لى زىشيۇڭمۇ بۇ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ سۈرەتكە تارتتى، بىر مەھەل مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر ھەيران قالدى، مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلغاندا يەنە قايسى چولپاننى ئۇچرىتىپ قېلىشنى بىلەلمەي قالدى.ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ھەتتا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مەملىكەت بويىچە چولپانلارغا ئايلاندى، توردا كارتا سۈركەش، سۈرەتكە تارتىش، بىۋاستە كۆرسىتىشتىكى يېڭى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مىليونلىغان مەستانىلەر بلوگ ئىگىسى فېڭ تىمو چوڭ بازاردا ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر مۇزىكىغا ئەگىشىپ تەۋرىنىپ كەتتى.ئۈرۈمچىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چولپانلار پەيدا بولدى.7-ئاينىڭ 20-كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئىلى تۇلپار مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۇڭ لىيا باشقا داڭلىق ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە تاماشىبىنلارغا ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى.تۇڭ لىيا ئېچىلىش مۇراسىمىدا «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەشۋىقات ئەلچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا گۈزەل ئىلىنى تەشۋىق قىلدى ۋە تونۇشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە مىكرو بىلوگىدا يىجاۋ تاشيولىنى ئۆزى ھەيدەپ ماڭغان كۆرۈنۈشنى ئېلان قىلىپ، يول بويىدىكى تەبىئىي مەنزىرىنى نامايان قىلدى ھەم تاماشىبىنلارنى «گۈزەل شىنجاڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ» دەپ تەكلىپ قىلدى.«مېنىڭ ئالتاي» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئالتاينىڭ ئىزدەش قىزغىنلىقى ۋە ئالاقىدار لىنىيەلەردە ئورۇن زاكاز قىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ شۇ جاينىڭ ساياھەت مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلدى.«مېنىڭ ئالتاي» ناملىق فىلىمنىڭ قىزغىنلىقى ئۆرلەپ كەتكەن يۈ شى 23-ئىيۇل يەنە بىر قېتىم ئالتاي باخاباغا قايتىپ كەلدى، ئارقىدىن يەنە بىر قېتىم كاجامبۇلاققا كەلدى، «ئەۋلىيالار» ناملىق فىلىمدىكى جى فانىڭ ئاتنى قامچىلاپ ئۆيىگە قايتقاندىكى كۆرۈنۈشى جامبۇلاقنىڭ بۇغدايلىقىدا سۈرەتكە ئېلىندى. يۈ شىنىڭ شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر، ئۇ ئىلگىرى پۇرسەت بولسا كۆپچىلىكنى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ۋۇ جىڭ، نيۇ لى، جىن چېن... تېخىمۇ كۆپ چولپانلارنىڭ شىنجاڭغا «كارتا سۈركىشى»گە ئەگىشىپ، تورداشلار بەس-بەستە «سۆيدۈم، سۆيدۈم»، «شىنجاڭ بەك چىرايلىقكەن»، «دەرھال شىنجاڭغا ئاتلىنايلى» دەپ باھا بەردى...ھاۋا يولى داۋاملىق يېڭىدىن ئېچىلدى، نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلدىبۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «بۇ ئۆمرۈمدە بارىدىغان 100 جاي» ناملىق ساياھەت تۈرىدىكى ھەقىقىي ئادەملەر چىقىدىغان پىروگراممىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلىدا كۆرسىتىلدى. پروگراممىدا مەنزىلنى ئىختىيارىي تاللاش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، گۈزەل مەنزىرە، ئېسىل تائاملار، مەدەنىيەت، تۇرمۇش چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، ھەقىقىي ئادەملەر چىقىدىغان شەكىل ئارقىلىق تاماشىبىنلار ھەر قايسى جايلارنىڭ مەنزىرىسىنى قېزىپ، شۇ جاينىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنى، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ. پروگراممىدا دائىم تۇرۇشلۇق مېھمانلار نىغمەت، ئاي ئاچا، ياڭ فەن ۋە ۋاڭ بىڭبىڭ بولۇپ، ئۇلار ئۇچقۇچى مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ھەر بىر ساندا ئوخشىمىغان جايلارغا بارىدۇ.پروگراممىنىڭ 3-سانىدا دائىم تۇرۇشلۇق تۆت ئەزىز مېھمان چەك تارتىش جەريانىدا شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىغا كېلىپ، ماڭىمەن دەپلا ماڭىدىغان ساياھەتنى باشلىدى.بۇ يىل يازدا، ئۇرۇمچى خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ لىنىيىسى ۋە يولۇچىلار توشۇش مىقدارى ئاشتى.يازلىق ئاۋىئاتسىيە پەسلىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ كۈندىلىك ئۇچۇش قېتىم سانى 543 قېتىمغا يەتتى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 101 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تارىخىي رېكورت يارىتىلدى.