چەتئەللىكلەرنىڭ قەلبىدىكى جۇڭگو قانچىلىك كۈچلۈك؟ھەيران قالسىز

文摘   2024-07-03 20:19   新疆  

سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى



چەتئەللىكلەرنىڭ قەلبىدىكى جۇڭگو قانچىلىك كۈچلۈك؟سىز بەلكىم ئويلاپ يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن


جۇڭگو بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، قەدىمدىن تارتىپ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغان دۆلەت، ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشىنىدۇ، ئەمما يېقىنقى زاماندىن باشلاپ، بولۇپمۇ يۈز يىللىق دۆلەت ئار ـ نومۇسى غەربنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ، پۈتكۈل جۇڭگو ھەممە ئادەم ئۇر ـ ئۇرغا قالىدىغان ئاجىز دۆلەتكە ئايلاندى.شۇڭا بۇنىڭغا ئەگىشىپ دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشى كېلىپ چىقتى، ھەتتا  يۈز  بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈنلەردە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدىن خىجىل بولۇپ، ئۆزىنى كەمسىتەتتى. لىكىن بۈگۈنكى دەۋېردە دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىياتى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لىكىن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، غەرىب ئەللىرىنى چوڭ كۆرىدىغان نادانلارچە كۆڭلى قىلچە ئۆزگەرمىدى.  دۆلىتىمىز ھازىر دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچى بۇنداقلا ئەمەس، چەت ئەللىكلەرنىڭ قەلبىدىكى جۇڭگو قانچىلىك كۈچلۈك؟سىز بەلكىم ئويلاپ يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

م2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى دۇنياۋى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ، بولۇپمۇ 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، نامرات، ئاجىز دۆلەتتىن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندى، دۇنيادىكى 2ـ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.لېكىن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار بۇنىڭغا ھازىرغىچە ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆرگىنى پەقەت دۆلىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ھەر خىل مەسىلىلەر، دۆلەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋال بولسا دۇنيا كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدەغەرب ئاپپاراتلىرى جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىشىغا قارىتا، ئىلگىرى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان.نەتىجىدە بايقىلىشىچە، چەت ئەللىكلەرنىڭ قەلبىدە جۇڭگو ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە ئىپادىلىنىدىكەن.

بىرىنچى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت.

ئافرىقا، ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگوغا نىسبەتەن بۇرۇنلا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت دەپ نام بەرگەن. ئۇلار جۇڭگونى ئامېرىكىدىن قالسىلا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، كەلگۈسىدىكى ئەمەلىي كۈچى ھەتتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت، رۇسىيەدىنمۇ كۈچلۈك دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەت پۇقرالىرىجۇڭگونىڭ 21ـ ئەسىرنىڭ باشلامچىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.


ئىككىنچى، تەرەققىي تاپقان دۆلەت 

ئوتتۇرا شەرق رايونى شۇنداقلا شىمالىي ئافرىقا رايونىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي، جۇڭگونى تەرەققىي تاپقان دۆلەت دەپ قارىدى. بولۇپمۇ جۇڭگوغا كېلىپ باققان كىشىلەر  بۇنىڭغا تېخىمۇ قەتىي ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەسىراتىدا، ھازىرقى جۇڭگو غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، بۇ نۇقتا ئۇل ئەسلىھە ۋە پۈتكۈل دۆلەتنىڭ بېيىش دەرىجىسىدە ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، پەن ـ تېخنىكىدا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنۇرغۇن كىشىلەر ئىزچىل جۇڭگونىڭ پەن ـ تېخنىكىسىنى قالاق دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز- ئۆزىچە خىجىل بولۇپ يۈرىيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە غەرب ۋە دۇنيانىڭ نەزىرىدە، دۆلىتىمىز ئاللىقاچان دۇنيادىكى پەن ـ تېخنىكا چوڭ دۆلىتى بولۇپ قالدى.مەيلى ئېلىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرى بولسۇن ياكى يۇقىرى سۈرەتلىك پويىزى بولسۇن، ياكى يولۇچىلار ئايروپىلانى بولسۇن، يەنەئالاقە تورى تېخنىكىسى بەش جى  تېخنىكىسى، ئېلىكتىرونلۇق پۇل تۆلەش، ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكىسى قاتارلىقلار بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن ـ تېخنىكىسى. شۇڭا ئەمەلىيەتتە چەتەللىك ئىختىساسلىقلار جۇڭگونىڭ ھازىر دۇنيادىكى پەن ـ تېخنىكىدا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

تۆتىنچى، ھەربىي جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت.

چەت ئەللىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ دائىمىي ئەزا دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىپلا قالماي، ئەينى يىللاردىكى يېرىم ئارال ئۇرۇشى ۋە ۋىيېتنام ئۇرۇشىنى ئەسلىيەلەيدۇ.شۇڭا دۆلىتىمىز ئامېرىكىنى مەغلۇپ قىلغان، ب د ت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان دۆلەت بولۇپ، قۇدرەتلىك يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئادەتتىكى ھەربىي كۈچىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك.شۇڭا جۇڭگو كۈچلۈك ھەربىي دۆلەت، بۇ نۇقتىغا بولۇپمۇ ياۋروپا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىغا ئەللىرى بەك ھەۋەس قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزدىن ئۈزلۈكسىز قورال ـ ياراغ ئىمپورت قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

بەشىنچى، دۇنيا زاۋۇتى.

دۇنيا پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى يەنىلا جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا تاللا بازىرىدا دۆۋىلىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭگودا ياسالغان تاۋارلار بولۇپ، سۈپىتى ياخشى بولۇپلا قالماي،ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان.

شۇڭا مەيلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولسۇن، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور، چۈنكى جۇڭگو دۇنيا زاۋۇتىغا ئايلاندى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ. شۇڭا ھازىرقى جۇڭگو بۇرۇنلا ياساش كەسپىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى، ھەتتا ئامېرىكىنىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.شۇڭا دۆلىتىمىزگە ئىشەنچىمىز كامىل بولۇشى كېرەك، چۈنكى چەتەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە دۆلىتىمىز ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى.


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹










Hizmat丨工作
سالونمىز قۇشۋېلىپ ئەڭ يىڭى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلارنى كۈرۈڭ
 最新文章