ئەنگىلىيە نېمە ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىكەتتى

文摘   2024-10-11 20:29   新疆  


زەمران


 قېرى كاپىتالىسىت ئەنگىلىيە نېمە ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىكىتىدۇ

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ماھىيىتى مەنپەئەتنىڭ باراۋەر بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئەنگلىيەلىكلەرگە زىيان تارتىدىغان سودىنى قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70ـ يىللىرىدىكى ئىش، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرگەن ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئەللەر ئىتتىپاقىغا ئالاھىدە ھېسسىياتىمۇ يوق.

ئەنگلىيەنى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى، ئۇلار ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان ئەزالىق بەدىلى بولۇشى كېرەك، شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەنگلىيەنىڭ ھەر يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تاپشۇرىدىغان ئەزالىق بەدىلى 10 مىليارد فوندستېرلىڭدىن ئاشىدۇ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 100 مىليارد يۈئەندىن ئاشىدۇ. ھەتتا 2016ـ يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە تاپشۇرغان بۇ ئەزالىق بەدىلى 16 مىليارد 900 مىليون فوندستېرلىڭ يەنى 155 مىليارد 400 مىليون يۈئەنگە يەتكەن. بۇ ساننى ئاغزىدا دىيىشكە ئاسان ، لېكىن ھەرگىزمۇ بىر كىچىك سان ئەمەس. 

ئەلۋەتتە ئەنگلىيەمۇ ئەخمەق ئەمەس، ئۇلار شۇنچە كۆپ بەدەل پۇلى تاپشۇرسىمۇ، بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ. ھەتتا ئەھۋالى ياخشى چاغدا، ئۇلار يەنە پايدا ئالىدۇ. لېكىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا زىيان چىقىدۇ، تاپشۇرغان پۇلىغا چۈشلۇق پايدا يوق ۋاقىتلار ناھايتى كۆپ. مەسىلەن ئالايلى، ئەنگلىيە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ساتماقچى بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇلار نۆل نىسبەتلىك باجدىن بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەنگلىيەنىڭ ھەر يىلى ئالغان ئومۇمىي پايدىسى ھەر يىللىق ئەزالىق بەدىلىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرىچە سانى مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇ بەلكىم ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولسا زىيان تارتىدۇ دەپ ھېس قىلىشىدىكى بىر ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

يەنە بىر سەۋەب بولسا مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش مەسىلىسى. ئەسلىدە ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلار نىسبەتەن مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىدى. لېكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەندىن بۇيان، ئۇلارمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورنى ئۆسسە، ئەنگلىيەنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەر قانداق قارار چىقارسا، ئەنگلىيەمۇ ئىجرا قىلىدۇ. 

غەربىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ئۇدا نەچچە يىللىق ئۇرۇش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياۋروپاغا، بولۇپمۇ گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىنسانپەرۋەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ مۇساپىرلارنى قوغلىېۋەتمىدى، بەلكى ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىدە خاتىرجەم قىلدى.  لېكىن، مۇساپىرلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەنگلىيەمۇ مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش سېپىگە قوشۇلدى. ئەسلىدە ئەنگلىيە كىشىللىرىگە تەۋە نۇرغۇن بايلىقنى مۇساپىرلار ئىگىلىۋالدى، مۇھىمى بۇ مۇساپىرلار، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، دائىم بىر قىسىم ۋەھىمە ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى .

لېكىن، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىسا مۇساپىرلار مەسلىسىنى ئۆزى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلالايدۇ ، ئۇلار مۇساپىرلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئالالايدۇ. قىسقىسى، ئەنگلىيەلىكلەر ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ، يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىسا ئۆزىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى شۇڭا، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى تاللىدى. ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە 2016ـ يىلىلا، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىشىغا تۇتۇش قىلىشقا باشلىغان، پەقەت ھازىرغا كەلگەندىلا، ئۇلار ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، خالاس. 

يەنىلا شۇ گەپ، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەندە، ئويلىغاندەك مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىدى، شۇڭا، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹




Hizmat丨工作
سالونمىز قۇشۋېلىپ ئەڭ يىڭى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلارنى كۈرۈڭ
 最新文章