شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىپتۇ

文摘   2024-07-31 23:10   新疆  
ئالجىرىيە تاراتقۇ ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى: «شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تەسەۋۋۇردىكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ»
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالجىرىيە تاراتقۇ ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە-زىيارەتتە بولدى، ئۇلار چوڭ بازار، مەسچىت، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ھەمدە كارخانىلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش، ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش ئەھۋالىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. 
«بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىلگىرىكى جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان تونۇشۇم يېڭىلاندى، ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ» دېدى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئالجىرىيە «ۋەتەن گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد تاخار مەسئۇد ئىختىيارسىز تەسىرلىنىپ. 
ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسى يۆجىن كوچىسىنىڭ جەنۇبى مەھەللىسىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مەھەللە مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ خىزمەتچىلەر، ئاھالىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەھەللە ئاساسىي قاتلاملىرىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 
ئالجىرىيە ۋەنلىچياۋ مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋالىد بىن خالىد راۋان خەنزۇ تىلىدا «مەن جۇڭگونى بەك ياخشى كۆرىمەن، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشتىم، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن دوستلىرىمنىڭمۇ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. 
ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ئۆزگىچە ئىمارەتلەر، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، تەملىك تائاملار، مىللىي ناخشا-ئۇسسۇللار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك توختاپ سۈرەتكە چۈشۈپ، مېھرىنى ئۈزەلمىدى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سۈرەت، سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى چۈشەندى. 
ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئالجىرىيەنىڭ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى مارىيە مەرداشى «بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى چۈشەندۇق، جۇڭگو شىنجاڭدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىپتۇ» دېدى. 
مەنبە:كۆنچى ۋادىسى،خەلق تورى




تەھرىر: ھۈسەنجان
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئاينۇر
نازارەتچى: يۈسۈپجان


Hizmat丨工作
سالونمىز قۇشۋېلىپ ئەڭ يىڭى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرلارنى كۈرۈڭ
 最新文章