شۇ يەر ۋاقتى 28-ئاپرېل، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئۇكرائىنا بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك خەۋپسىزلىك كاپالىتى كېلىشىمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى تۈزۈۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ كېلىشىم مەزمۇنى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كەلگۈسى 10 يىلدا ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى سىياسىي، پۇل مۇئامىلە ۋە باشقا ساھەلەردە قوللىشى، بىرلىشىپ قورال-جابدۇق ئىشلەپچىقىرىشىنى بېكىتىش.