شۇ يەر ۋاقتى 16-سېنتەبىر، ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ مارتېن ناھىيەسىدىكى ساقچىلار بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن سابىق زۇڭتۇڭ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان جىنايەت گۇماندارى رىيان ۋېسلېي شۇ جايدا قولغا ئېلىنغاندىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ۋىدېيوسىنى ئېلان قىلدى. شۇ يەر ۋاقتى 15-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار «ترامپ خەلقئارا گولف توپ كۇلۇبى»نىڭ ئەتراپىدىكى چاتقاللىققا يوشۇرۇنغان جىنايەت گۇماندارىنى بايقىغان، جىنايەت گۇماندارى كەينىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ قېچىپ كەتكەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تەخمىنەن 65 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مارتېن ناھىيەسىدە قولغا چۈشكەن.دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، جىنايەت گۇماندارى رىيان ۋېسلېي 58 ياش بولۇپ، قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ئىكەن.