سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى
ت. 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە نېمە ئۈچۈن زەھەرلىك گاز ئىشلىتىشكە جۈرەت قىلالمايدۇ؟ لېكىن ياپونىيە ئەكىسچە ھەركەت قىلغان، جاۋابىنى بۇ رەسملەر سىزگە ئېيتىپ بەرسۇن
بۇ ئادەمگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان كونا رەسىم. 1937ـ يىلىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگراد شەھەر ئەتراپىدا تارتىلغان.
سۈرەتتە: لېنىنگرادتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر ئاۋانگارت ئەترىتى
سۈرەت قارىماققا ناھايىتى غەلىتە ۋە رەھىمسىز كۆرۈنەتتى: ئەسلىدە پاك بولۇشقا تېگىشلىك مىڭدىن ئارتۇق ياش ـ ئۆسمۈر زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى تاقاپ، كامېراغا تىكىلىپ قارىدى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ سۈرەت ئىپتىخارلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن سەھنە سۆزى مۇنداق: سوۋېت ئىتتىپاقىدا ھەتتا ياش ـ ئۆسمۈرلەرمۇ كۆپ تەربىيە كۆرگەن، خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھەرقانداق تەھدىتىدىن قورقمايدۇ. يازلىق لاگېرغا تەييارلىق قىلىش ھەربىي پائالىيىتىگە قاتناشقان 10 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بۇ بالىلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇپ، غەرب دۇنياسىدىكى بالىلار ئارمىيەسى تەشكىلاتىغا ئوخشايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەزا سانى 1937ـ يىلى 10 مىليونغا يېتىپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. سۈرەت 1937ـ يىلى يەنى گېرمانىيە لېنىنگرادنى قورشاپ ئۇرۇش قىلىشتىن تۆت يىل بۇرۇن تارتىلغان.
سۈرەتتە: 2ـ دۇنيا ئۇرۇشدا زەھەردىن مۇدەپئە كىيمى كىيۋالغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكىرى
قارماققا ياپۇنىيەنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيىۋالغاندەك كۆرۈنگەن بۇ ئەسكەر ئەمىلىيەتتە سوۋىت ئىتپاقى ئەسكىرى، سوۋىت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى مۇستەھكەم قوراللانغان بولسىمۇ، لېنىنگرادنى قورشاش ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى كىشىلىرىنىڭ زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى كارغا كەلمىدى. چۈنكى، گېرمانىيە 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا باشتىن ـ ئاخىر زەھەرلىك گاز ئۇرۇشى قوزغىمىغان. بۇ سەل غەلىتە. چۈنكى دۇنيا تارىخىدا زەھەرلىك گازنى تۇنجى بولۇپ ئۇرۇشتا ئىشلەتكىنى دەل گېرمانىيە بولۇپ، بىر نەچچە خىل داڭلىق خىمىيەلىك قوراللار مەسىلەن قىچا گازى، سارىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى گېرمانىيەلىكلەر ئەڭ ئاۋۋال بىرىكتۈرگەن، گىتلېرنىڭ ئۆزىمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرشىدا گازدىن زەھەرلىنىپ كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالغىلى تاس قالغان، ئۇنىڭ زەھەرلىك گاز ئۇرۇشىنىڭ قىرغىن قىلىش كۈچىگە بولغان خاتىرىسى چوڭقۇر، گېتلىرنىڭ نەزىرىدە ئۇرۇشتا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىش پەسكەشلىك ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا گېرمانىيە 2- دۇنيا ئۇرىشىدا جەڭ مەيدانىدا ئەزەلدىن زەھەرلىك گاز ئىشلىتىپ باقمىغان.لېكىن يەھۇدىلارغا كەلگەندە قىلچە رەھىم قىلمىغان.
سۈرەتتە: 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ زەھەردىن مۇداپئەلىنىش نىقابى
خىمىيىلىك قورال زاپىسى مول گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلەتمەسلىكىدە مۇنداق ئىككى سەۋەب بار. بىرىنچىدىن، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم ئەندىزىسى ماشىنىلاشقان قىسىمنىڭ چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇشى بولۇپ، زەھەرلىك گاز ئۇرۇشى قوزغىغاندا ئۇرۇش سۈرىتى ئاستىلايدۇ؛ ئىككىنچىدىن شۇنداقلا ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك خىمىيىۋى قوراللار بار، نېمىسلار يېنىكلىك قىلىشقا جۈرەت قىلالمايدۇ.
سۈرەتتە: 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيەنىڭ ھەربىي، خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى
ئەمەلىيەتتە، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ زەھەرلىك گاز ئۇرۇشى قوزغىشىدىن بۇرۇنلا ئېھتىيات قىلغان، ئەگەر گېرمانىيە ئارمىيەسى ئالدى بىلەن زەھەرلىك گاز ئۇرۇشى قوزغاشقا جۈرەت قىلسا، ئەنگىلىيە ۋە ئامىرىكا دەرھال 40 مىڭ دانە كۆيدۈرگە بىخ بومبىسى بىلەن بېرلىن، ھامبۇرگ، فرانكفورت، لىيپىزىگ، بونىن ۋە مىيۇنخېن قاتارلىق ئالتە چوڭ گېرمانىيە شەھىرىنى بومباردىمان قىلىشنى پىلانلىغان.
سۈرەتتە: شىمالىي ئافرىقا جەڭ مەيدانىدىكى ئەنگلىيە ئارمىيەسى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى تاقاپ پىياز ئاقلىماقتا
ئۇرۇشتا ئىنسانپەرۋەرلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، دۈشمەن بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەڭ بولغاچقا، بىر ـ بىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، قارشى تەرەپ ئاجىز بولسا، ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. مەسىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىككى ئىتتىپاقدىشى. ئالدى بىلەن ئىتالىيە، 1935ـ يىلىدىن 1936ـ يىلىغىچە، مۇسسۇلىن ئىتالىيە ئارمىيىسىگە ئېفىئوپىيەگە تاجاۋۇز قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىلا قىچا زەھەرلىك گازى ئىشلەتكەن.
سۈرەتتە: 1936ـ يىلى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى تاقىغان ئېفىئوپىيە ئەسكەرلىرى
ئۇنىڭدىن قالسا 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا زەھەرلىك گازنى ھەقىقىي تەشكىللىك، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدىغان دۆلەتتىن پەقەت ياپونىيەلا بار. 1937ـ يىلىدىكى شاڭخەي ئۇرۇشىدىن باشلاپ، ياپونىيە ئارمىيەسى تەپ تارتماستىن زەھەرلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ جۇڭگودىكى 14 ئۆلكە، شەھەر، 77 ناھىيە، رايوندا خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەن، بۇنداق قىلىشقا جۈرەت قىلىشنىڭ سەۋەبى ئىتالىيەگە ئوخشاش:ئەينى دەۋىردىكى نامرات، ئاجىز جۇڭگونىڭ ئۆچ ئېلىش ئىقتىدارى يوق.
سۈرەتتە: شاڭخەي ئۇرۇشىدا زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى تاقىۋالغان ياپون ئارمىيەسى
ئەمما ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، 1942ـ يىلى 6ـ ئايدا، ئامېرىكا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو يىچاڭدا زور مىقداردا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زەھەرلىك گاز ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روزۋېلىت قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ياپونيە جۇڭگوغا بۇ خىل ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئۇرۇش ۋاسىتىسىنى داۋاملىق ئىشلەتسە، ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتنىمۇ ياپونىيە زىمىنىغا قوللىنىدۇ، بىز بەلكىم ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ياپونىيەگە ئەڭ زور چەكتە جازا قوللىنىشىمىز مۇمكىن دېگەن.
سۈرەتتە: ياپون ئارمىيەسىنىڭ شاڭخەيگە كىرگەن كونا سۈرەتلىرى
ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك تەھدىتى ئالدىدا، ئۇرۇش ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ياپونىيەمۇ بىرەر زەھەرلىك گازلىق بومبا بىلەن ئامېرىكىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا جۈرەت قىلالمىدى. 1945ـ يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيە قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇش قىلىشنىڭ 《ئولىمپىك پىلانى》 نى تۈزگەن بولۇپ، 110 مىڭ توننا زەھەرلىك گاز بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. توكيونىڭ جەنۇبى ۋە غەربىدىكى ھەر قايسى 10 كۋادرات ئىنگلىز مىلى دائىرىدە زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىشكە ماس كېلىدىغان سانائەت نىشانىدىن ئاز دېگەندىمۇ 50 ئى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 25 ئى زەھەرلىك گاز ئۇرۇشى قىلىشقا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ 25 ئورۇندىكى 250 كۋادرات ئىنگلىز مىلى دائىرىسىدىكى شەھەر رايونى كوچىلىرىغا قارىتا،
دوكلاتتا بېكىتىلگەن كۆلەم ۋە سىجىللىق بويىچە زەھەرلىك گاز ھۇجۇمى قىلغاندا، دۈشمەن دۆلىتىدىكى 5 مىليون ئادەمنى ئاسانلا يوقاتقىلى بولىدۇ.
سۈرەتتە: ياپونىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى خەلققە ئىشلىتىلىدىغان زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابى
ئاخىرىدا، ئامېرىكىلىقلار ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىپ ئۇرۇشنى تېخىمۇ تىز ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بەخىتكە يارىشا تارىختىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك گاز ھۇجۇمى پىلانى تارىخى ئارخىپىغا كىرگۈزۈلۈپ بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىدى.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹