جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش رايونى رەھبەرلىرى تېلېفونلاشتى
«دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، 9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى ۋۇ يانەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان باش ئىشتابىنىڭ قوماندانى پاپولو بىلەن سىنلىق سۆزلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغان.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت